باش بەتكە قايتىڭ » باياناتلار » ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز باياناتىغا رەددىيە
ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز  باياناتىغا رەددىيە

ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز باياناتىغا رەددىيە

ئىلھام توختى ئىنستىتۇتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز باياناتىغا رەددىيە

ئىلھام توختىنى قۇتۇلدۇرۇش گۇرۇپپىسىدىكى بىر قىسىم كىشىلەر 2020-يىلى 4-ئاينىڭ 27-كۈنى  تۈرمىدە  يېتىۋاتقان ئلھام توختى ئەپەندىنى قۇتۇلدۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان گورۇپپانىڭ ئىسمىنى  “ئىلھام توختى ئىنستىتۇتى” غا ئۆزگەرتمەكچى بولغانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. مەزكۇر گۇرۇپپا بايانات ئېلان قىلىش جەريانىدا  شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك پىرىنسىپال بىر مەسىلە  بىلەن ئوينىشىدىغان بولمىغۇر ئىدىيە  قاراشلارنى كۆتۈرۈپ چىقىش  ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئۇزۇن يىلدىن بېرى خىتاي مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىشغالىيتىگە قارشى تەۋرەنمەي ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەققانى  داۋاسىنىڭ غايە نىشانىنى باشقا ياقلارغا بوراشقا ئۇرۇندى  . 

ئىلھام توختى خەلقىمىز ئارىسىدىن چىققان مىللىي قەھرىمانلارنىڭ بىرى، ئۇ، تۇرمىگە تاشلىنىشتىن ئاۋۋال  خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداش ئۇچۇن بىر قاتار  پائالىيەتلەردە بولغان .ئۇنىڭ ئۇنداق قىلغانلىقى  قانداقتۇر مۇستەملىك قىلىنغان شەرقى تۇركىستاندا خىتاي مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ قانۇنسىز  مەۋجۇدىيتىنى قانۇنلۇق دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقى ئەمەس ئىدى . كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ۋەتەن ئىچىدە ئىھتىياتچانلىق  بىلەن  كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى بىلەن شۇغۇللىنىشى قانداقتۇر شەرقى تۇركىستاننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىدىن تانازۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈرمەيتتى .  

 بىر قىسىم كىشىلەر ئىلھام توختىنى قۇتقۇزۇشنى سۈيئىستىمال قىلىپ ،ياكى قۇتقۇزۇلماقچى بولغان ئىلھام توختىنىڭ ۋەتەن ئىچىدە قوللانغان  كۆرەش قىلىش مىتودىنى ئەركىن دۇنيادا ياشاپ تۇتۇپمۇ  خاتا ھەزىم قىلىۋېلىپ ئۆزىنىڭ“ خىتاي مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار غا بولغان يۇشۇرۇن ئاشىقلىقى“نى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ داۋا ئۇسلۇبى بىلەن ئوراپ ،خىتاي مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار  بىلەن بىرگە ياشاشتەك تېتىقسىز  ئارزۇ ئارمانلىرىنى  خەلق نامىدىن ئېلان قىلىشقا ئۇرنۇش ھەركىتىنى  قۇبۇل قىلغىلى بولمايدۇ . 


بىز شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ھەر ۋاقىت ھۆرمەتلەپ ،داۋادىكى ئۆزگەرمەس پىرىنسىپال مەسىلە قاتارىدا قوغدايمىز . ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرىنى  شۇنداقلا مۇستەقىل ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرىنى كىم  بولىشىدىن قەتئىينەزەر شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز . 
بىزنىڭ، دىنىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي، تەلىم- تەربىيە، تىل ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردە نەچچە ۋاقىتتىن بىرى ئىخلاس بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپ قاتلاملىق  پائالىيەتلىرىمىز خەلقىمىزنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا  شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش  ئۈچۈندۇر. 

2020- يىلى 01- ماي

ھۆرمەت بىلەن: شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>