باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » خاتا ۋاقىتتا خاتا ئورۇنغا بېرىپ قېلىش مەسىلىسى
خاتا ۋاقىتتا خاتا ئورۇنغا بېرىپ قېلىش مەسىلىسى

خاتا ۋاقىتتا خاتا ئورۇنغا بېرىپ قېلىش مەسىلىسى

خاتا ۋاقىتتا خاتا ئورۇنغا بېرىپ قېلىش مەسىلىسى
ئاپتۇرى :ئابدۇللا كۆكيار
خاتا ۋاقىتتا، خاتا ئورۇنغا بېرىپ قالغان، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، خەلقارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىدە ”دائېشچى” ئاتالغانلارنىڭ قۇتراتقۇلىقى بىلەن سۇرىيەگە ھىجرەت قىلىپ، ئوخشىمىغان مىللىتانلارنىڭ سېپىگە قېتىلىپ تىرىكچىلىك قىلىش جەريانىدا، يەرلىك مىللىتانلارنىڭ قولىغا ئەسىر چۈشۈپ قالغان، ئاق كۆڭۈل، ساددا كىشىلەر پەقەت شەرقى تۇركىستانلىقلاردىنلا ئىبارەت ئەمەس. دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەردىن نۇرغۇن مىللەتلەر بۇنداق ئىشقا چېتىلىپ قالدى. ھازىر خەلقئارادا بىر دۆلەتتىن ياكى بىر مىللەتتىن بۇنداق ئىشلارغا مەلۇم ساندىكى كىشىلەر چېتىلىپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا بىر پۇتۇن دۆلەت ياكى بىر پۇتۇن خەلقنى شۇ مەلۇم ساندىكى كىشىلەرگە چېتىپ باھا بىرىدىغان ئەھۋال رەسمى ئومۇملاشمىغان بولىسىمۇ، ئۇيغۇرغا ئوخشاش دۆلىتى يوق مىللەتلەرگە نىسبەتەن ”خاتا ۋاقىتتا خاتا ئۇرۇنغا بېرىپ قېلىش”نىڭ بەدىلى ئىنتايىن ئېغىر ۋە خەتەرلىك بولماقتا.
دۆلىتى بار مىللەتلەردىن بىر تۈركۈم كىشىلەر بىلىپ بىلمەي قېتىلىپ قالغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەۋەلىك دۆلىتى ۋە خەلقى كايىغاچ، غۇدۇرىغاچ ئۇلارنى بىر ئاماللار بىلەن قۇتقۇزۇپ ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇپ ئېلىپ كەلمەكتە. سۇنغان قوللارنى يەڭ ئىچىدە، يېرىلغان باشلارنى توماق ئىچىدە ساقايتىپ ھەل قىلىشقا تىرىشماقتا. ئەمما ئۇيغۇرغا ئوخشاش دۆلىتى يوق مۇستەملىكە ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن بۇ خىل كېلىشمەسلىك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيتىدە ئىنتايىن قىيىن بىر مەسىلە سۈپىتىدە داۋا كۇن تەرتىپلىرىنى قالايمىقان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ بېشىنى ئاغرىتماقتا. ئوتتۇرىدا مەسىلىنى داۋراڭ سېلىپ يۈرگەن مەيلى ئاتالمىش شەرقى تۇركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمەتلىرى ياكى بەزى شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى بولسۇن، ھەممىسى دىگۈدەك داۋا يولىدا ئۇبۇرنىنىمۇ ئىجارە ئېلىپ سىيىپ فىدائىلەرچە ئىشلەۋاتقان بولغاچقا، خاتا ۋاقىتتا ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە ياكى باشقىلارنىڭ قۇتراتقۇلىقى سەۋەبلىك خاتا ئورۇنغا بېرىپ قېلىپ، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان ئەشۇ تەلەيسىز بىچارە قېرىنداشلارنىڭ ھالىدىن خالىسانە خەۋەر ئېلىشتىن ئاجىز كېلىپ قالماقتا.
ئەھۋالدىن قارىغاندا، مەزكۇر ئۇيغۇرلار، سۈرگۈندىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۇمەتلىرى ۋە بەزى داۋراڭچى شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرىغا باشقا نورمال دۆلەتلەرگە قويغاندەك يوقۇرى تەلەپ قويىۋالغان چىغى، بۇلارنىڭ ئەمەلىي ئىمكانىيىتىگە باقماي كۈنتەرتىپ ئەتكەسچىلىكى قىلىپ يۈرۈشىنى باشقىچە چۈشىنىش قېيىن.
دەرۋەقە ، ھەممەيلەن كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ ئېچىنىشلىق ھادىسىدىن قايتا قايتا ئىبرەت ئېلىشىمىز، ھەرقانداق بىر باھانە سەۋەپ بىلەن ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، خاتا ۋاقىتتا، خاتا ئورۇنغا بېرىپ قېلىشتىن ھەزەر ئەيلىشىمىز لازىم ! نۇرغۇن كىشىلەر خىتاي مۇستەملىكچى ئالۋاستىلارنىڭ تۈرمىلەرگە مۇپتىلا بولۇپ قېلىشتىن ئاللاھنىڭ مەرھەمىتى بىلەن قۇتۇلۇپ مىڭ بىر جاپادا چەتئەلگە چىقىپ بولغاندىن كىيىنمۇ، خاتا ۋاقىتتا، خاتا ئۇرۇنغا بېرىپ قېلىش مەسىلىسىنى بىر نەچچە قېتىم ئۇدا تەكرارلىدى. نۇرغۇن ئاچچىق ساۋاقلار ئېلىنغاندىن كىيىنمۇ ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش خاھىشى مۇھاجىرەتتە داۋام قىلىۋاتىدۇ. ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن خاتا ئورۇنغا بېرىپ قېلىپ ھازىرقىدەك ئاچچىق ئاقىۋەتكە قالغانلار ھېچ كىمدىن ئاغرىنماي، ئەڭ ئاۋۋال ئۆز ئۆزىگە مالامەت قىلسا، ئۆز ئۆزىدىن ھېساب سورىسا توغرا بولىدۇ.
بۇلار چەتئەلدىكى ئاكتىپ تەشكىلاتلارغا ماسلىشىپ ۋەتەندە قالغان ئاۋازسىز شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ، شەرقى تۇركىستان داۋاسىغا بىر كىشىلىك ھەسسىسىنى قېتىپ، ۋەتەندىكى جازا لاگىرىلىرىدا ئىلاجىسىز قالغان شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ ئۇمۇدىنى ئاقلاشتەك مەجبۇرىيتىنى ئۇنتۇپ، مەۋھۇم دۈشمەن ئىزدەپ خاتا ئۇرۇنغا بېرىپ، بەزىلىرى قولىغا خاتا گۇرۇھلارنىڭ كۇسەيلىرىنى ئېلىپ قويۇپ، بەخىتكە قارشى ئەسىرگە چۈشۈپ قالدى. قولىغا كۈسەي ئالغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى تېررورچى بولۇپ قالمايدۇ – ئەلۋەتتە. ئەمما خاتا گوروھلارنىڭ كۇسەيلىرىنى قولىغا ئېلىپ خاتا نىشانغا قارىتىش خاتالىق ھىساپلىنىدۇ، بۇ چاقچاق قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ۋەتەندىن يىڭى چىققان بىر تۈركۈم كىشىلەر مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۇركىستان داۋاسىنىڭ دەردىگە يىڭى دەرت تېپىپ بەردى. بۇلار نىڭ بۇ نادانلىق قىلمىشىنى ۋەتەندە قالغان ئەشۇ بىچارە مەزلۇم خەلق جېنىدا كەچۇرمەيدۇ. مۇبادا بۇلار خىتايغا قايتۇرۇلۇپ تۈرمىدىكى ئۇستاز ۋە پېشقەدەملەر ياتقان كامېرلارغا بېرىپ قالسا، ۋەتەندىكى ئەشۇ مەھبۇسلارنىڭ سۇلغۇن روھىنى تېخىمۇ سۇندۇرۇشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا بىز بۇلارغا ئىچ ئاغرىتىش مەقسىتىدە ئەمەس، پەقەت بۇلارنىڭ ۋەتەنگە قايتۇرۇلۇپ بېرىپ خەلقنىڭ روھىنى چۇشۇرمەسلىكى ئۇچۇن خالىسانە ۋە قولىمىزدىن كېلىشىچە ئىنسانىي ياردەم قىلىشىمىز كېرەك ئەلۋەتتە. مۇمكىن بولسا ئۇلارنى ئەسىرلىكتىن بىخەتەر ۋە قانۇنلۇق ئۇسۇل بىلەن قۇتقۇزۇپ خىتاينىڭ قولىدىن يىراق بىر دۆلەتكە ئورۇنلاشتۇرۇپ قويۇشقا كۈچىسەك بولىدۇ. ئەقلىنى تېپىپ ئەڭ توغرا يولغا قايتىشىغا يەنە بىر پۇرسەت تېپىشىپ بەرسەك، ئىنسانىي مەجبۇرىيىتىمىز ئادا بولغان بولىدۇ. بۇ ھەممىمىز ئۇبدان بىلىدىغان بىر مەجبۇرىيەت.
بەزى كۈن تەرتىپ دۇمباقچىلىرىنىڭ ئەكسىچە خاتا ۋاقىتتا خاتا ئورۇنغا بېرىپ قالغان بۇ كىشىلەرنى خالىسانە قۇتقۇزۇپ قويۇشقا بەزى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارنىڭ ئاستىرىتتىن يول مېڭىۋاتقانلىقى ھېچ كىمگە سىر ئەمەس. بەزى تەشكىلاتلىرىمىز سوغۇق مۇئامىلە قىلىۋاتقان بولىشىمۇ مۇمكىن. بۇنىڭدا نۇرغۇن سەۋەبلەر بار. ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان كۆپۈنچە چەتئەللىك ئەسىرلەر مەردانە ھالدا مەيدانغا چىقىپ، بىر تەرەپتىن ئوغۇل بالىلارچە ئۆزلىرىنىڭ خاتا يولغا مېڭىپ قالغانلىقلىرىغا پۇشايمان نادامەت قىلىشقانلىقلىرىنى ئىنىق جاكارلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ خاتا يولغا مېڭىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى، شۇنداقلا ئۆزلىرىنى خاتا يولغا يىتەكلەپ قۇتراتقۇلۇق قىلغان پائىلى مەجھۇل ئەتكەسچى قارا كۈچلەرنى سەمىمى پاش قىلىپ، خەلقارا جەمئىيەتنىڭ بۇلار ھەققىدىكى ھەرخىل ئەندىشىلىرىنى مەلۇم دەرىجىدە بولسىمۇ ئازايتتى. ئەمما ئەسىر ئۇيغۇرلارچۇ؟
ئۇلار ئۆزلىرىنى خاتا يولغا يېتەكلەپ بۇ خىل بالاغا تىقىپ قويغان مەجھۇل ئەتكەسچى كۈچلەرگە نەپرەت قىلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، تۇلخۇتۇن يىتىم بالىلارنى ئالدىغا چىقىرىپ قويۇپ، پەردە ئارقىسىغا ئۆتىۋېلىپ، داۋا ئالدىراشچىلىقىدا بىر قولىنى ئىككى قىلالماي كىتىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلارنى ئەيىبلەشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە يۈرۈۋاتقان مەجھۇل يولباشچىلىرىنى يوشۇرۇپ كەلدى. ھەتتا ئەشۇ مەجھۇل ئەتكەسچىلەر «ئىككى تۆرت تال ئەسىرنى قۇتقۇزالمىغان شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى 35 مىليون نوپۇسقا ئىگە يوغان ۋەتەننى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن قانداق قۇتقۇزىدۇ؟“ دېگەننى جار سېلىپ، ئوچۇقتىن ئوچۇق مۇتتەھەملىك قىلىشتى. باشقىلارنىڭ قۇتراتقۇلىقىغا كېتىپ قالدى دەپ پەرەز قىلىنغان ئاق كوڭۇل، نادان ئۇيغۇرلار ئۆز ئالدىغا بۇنداق مۇتتەھەملىك قىلىش نەيرەڭۋازلىقىنى ئويلاپ بولالىشى ۋە بۇنداق مۇتىھەملىكنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالىشى ناتايىن. بۇ خىل مۇتىھەملىكنىڭ ئارقىسىدا چوقۇم بۇ ئاق كوڭۇل، دانان ئۇيغۇرلارنى ئالداپ يولغا سالغان ئىپلاس ئەتكەسچىلەر گۇرۇھى بولىشى مۇمكىن. ئۇلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلارنى ئالداپ ئۇرۇش قاينىمىغا باشلاپ بارغان بولسا، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى ئەخمەق چاغلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەتكەسچىلىكى نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن ئەسىر كىرىزىسلىرىنى يىتىم بالا، تۇل خۇتۇن دېگەندەك ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان تەسىرلىك سۆزلەر بىلەن مۇقاۋىلاپ كۇن تەرتىپكە ئېلىپ كىلىشكە ئۇرنىۋاتقان بولىشى مۇمكىن. يۇقىرىقىدەك ئەندىشىلەر ھەممە ئادەمنىڭ تىلىغا چىقمىسىمۇ دىلىدا بار. مىر كامىل كاشغارى نىڭ ”ئۇيغۇرلارنىڭ قۇمغا ئارلاشتۇرۋېتىلگەن ئەقلى” ناملىق مۇلاھىزىسىدە بۇ نۇقتىلار ئىنتايىن چۈشىنىشلىك بايان قىلىنغان. مىر كامىلجان ئېيتقاندەك كۈنتەرتىپ ئەتكەسچىلىرىنىڭ قۇم خالتىلىرى توغرا بىتەرەپ قىلىنماي ۋە بەزى سەزگۈر مەسىلىلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا داۋراڭ سېلىش بىلەن ئەمەس شىرە ئۈستىدە ياكى شىرە ئاستىدا ھەل قىلىنىشقا يۈزلەنمەي تورۇپ، مۇھاجىرەتتە خاتا ۋاقىتتا خاتا ئورۇنغا بېرىپ قېلىش خاتالىقى تۇپ يىلتىزىدىن ھەل بولماسلىقى ئېنىق. يەنە كېلىپ بۇنداق ئەتكەسچىلىك ۋە ئەتكەسچىلىك كەلتۈرۈپ چىقارغان مۇرەككەپ مەسىلىگە بەزى قانۇنلۇق شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ قول تېقىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىكى تەبىئىي.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>