باش بەتكە قايتىڭ » باياناتلار » يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمدا يىڭى بىر تەسەۋۋۇر بىلەن يىڭى بىر سەھىپە ئاچايلى!
يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمدا يىڭى بىر  تەسەۋۋۇر بىلەن يىڭى بىر  سەھىپە ئاچايلى!

يىڭى ئوقۇش مەۋسۇمدا يىڭى بىر تەسەۋۋۇر بىلەن يىڭى بىر سەھىپە ئاچايلى!

مەكتىپىمىز (مەھمۇد قەشقىرى ئانا تىل مەكتىپى )ئون نەچچە يىللىق تارىخىدىن تەجىربە ساۋاق يەكۈنلەپ ،ئالدىنقى مەۋسۇملاردا،ئوقۇغۇچىلارنى ياش ۋە سەۋىيە پەرقى  بۇيىچە سىنىپ ۋە گۇرۇپپىلارغا ئايرىش،ئۇقۇش يېشىدىكى بارلىق بالىلارنىڭ ئاتا ئانىسىنى  ھەر مەۋسۇملۇق دەرس باشلىنىشتىن ئاۋۋال مەكتەپنىڭ تىزىملاش ئىشلىرىدىن  خەۋەرلەندۈرۈش، ۋاقتىدا تىزىملىتالماي قېلىپ،مەۋسۇم ئارىلىقىدا مەكتەپكە ئەۋەتىلگەن  بالىلارنى ئۆچىرەتكە تۇرغۇزۇپ تىزىملاپ ئۇلارنى ،كېلەر مەۋسۇمدە باشلىنىدىغان مۇناسىپ سىنىپ ياكى گۇرۇپپىغا قاتناشتۇرۇش،ئارقىلىق مەكتەپ تۈزۈمىنى تېخىمۇ ئلغارلاشتۇرۇپ رەتكە سالغان ئىدى .ئۇيغۇر ئانا تىلىنى قوغداش كۆرىشىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە جان كۆيدۈرۈپ  خىزمەت قىلىۋاتقان مەكتەپ خادىملىرى ئوقۇتۇش  ئىشلىرىدا زور  تىرىشچانلىقلارنى  كۆرسىتىپ  كۆزگە  كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى   قولغا كەلتۈرگەن ئىدى .بۈگۈن مىلادىيە 22-ئاۋغۇست ,ھىجرىيە  بۇيچە (مۇھەررەم )بىرىنچى ئاينىڭ3-كۈنى شەمبە مەكتىپىمىز كۈزلۈك يىڭى  مەۋسۇملۇق دەرىسىنى باشلىۋەتتى .بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەرخىل ئەمىلى قىينچىلىقلارنى يىڭىپ , ئەشە  نەتىجىلەر نىڭ قولغا كىلىشىدە چىشىنى چىشىغا چىشلەپ پىداكارلىق كۆرسەتكەن  جەڭگىۋار  سىڭىللىرىمىز زۇلھايات خانىم ,خاشۇرە خانىم,ماھىرە خانىم ,پاتىمەخانىم , رەناگۈل خانىم قاتارلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇتچى قوشۇنىمىزغا  ۋە مەكتەپنىڭ ھول ئەسلىھەلىرىنى ياخشىلاش جەھەتتە  ئالاھىدە پىداكارلىق كۆرسەتكەن مەمەتجان ۋە ئىبراھىم يۇسۇپ قېرىنداشلىرىمىزغا  ئۇيۇشمىمىز نامىدىن سەمىيمى تەشەككۈر  ئېيتىمىز !بۇ  مەۋسۇمنىڭمۇ مولھۇسۇللۇق بىر مەۋسۇم بولىشىنى  ئولۇق ئاللاھتىن تىلەيمىز !1089E7AB-D77F-440E-9125-227C5B58D798

مەكتىپىمىزنىڭ ئوقو تۇش  ھۇل -ئەسلىھە شارائىتى ,ئاتا ئانا بولغۇچىلارنىڭ مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقىسى ,مەكتەپتەپتىڭ  ئالى غايە نىشانى،دەرىس پروگراممىسى، شۇنداقلا مەكتەپنىڭ زور ئەھمىيتى توغرىسىدىكى  چۈشەنچىلىرى، جەھەتتە ساقلىنىۋاتقان نۇرغۇن  ماددىۋى ۋە مەنىۋى قىيىنچىلىقلىرىمىزمۇ  بار  بولۇپ ,ئاللاھ نىڭ ياردىمى ۋە مەكتەپتە جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان پىداكارلىرىمىز نىڭ خالىس تىرىشچانلىقى بىلەن مەزكۇر  مەسىلىلەرنىمۇ  تىز  پۇرسەتتە ھەل قىلىپ كېتىمىز .(ئىنشائاللاھ ).نۆۋەتتە خىتاي ۋىروسى سەۋەبلىك كۆپ ئوقۇغۇچىلارنى بىر  سىنىپقا يىغىپ ئۇقۇتۇش جەھەتتە قىيىنچىلىق توغۇلىۋاتىدۇ .بۇ  مەسىلىنىمۇ   ئىلگىركى  مەۋسۇملاردا مەكتەپكە يىراق جايلاردا ،ياكى چەت شەھەرلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ  ئۆگىنىشكە تور موھىتى ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىش تەجىربىمىزگە تايىنىپ ھەل قىلالايمىز .

ھۆرمەت بىلەن :شىۋېتسىيە ئۇيغۇر  مائارىپ ئۇيۇشمىسى  مەسئۇلى :مۇرادىل غالىپ

مەسئۇل ياردەمچىسى:ئەخمەت تۇرسۇن

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>