باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت بايرىمى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت دۆلەت بايرىمىنى تەڭ تەبرىكلىدى
شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت بايرىمى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت دۆلەت بايرىمىنى تەڭ تەبرىكلىدى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت بايرىمى بىلەن ئىككى جۇمھۇرىيەت دۆلەت بايرىمىنى تەڭ تەبرىكلىدى

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شىۋېتسىيە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى ۋە مەھمۇد قەشقىرى ئانا- تىل مەكتىپىنىڭ ئۆز ئارا ھەمكارلىشىپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 7- نويابىر كۈنى كەچتە، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئورتاق دىنى بايرىمى بولغان ئۇلۇغ قۇربان ھېيت بايرىمى بىلەن 1933- يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944 -يىللىرى نويابىر ئېيىدا غۇلجىدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى،قاتارلىق ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى تەڭ تەبرىكلىدى.

پائالىيەت قۇرئان كەرىمدىن بىر نەچچە ئايەتنى تىلاۋەت قىلىش بىلەن باشلاندى، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مۇئاۋىن مەسئۇلى ئابدۇل ئەھەد پائالىيەتكە رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ مەسئۇلى ئەخمەت تۇرسۇن سۆزگە چىقىپ مېھمانلارنىڭ قۇربان ھېيتنى تەبرىكلىدى، مەھمۇد قەشقىرى ئانا -تىل مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى نىجات تۇرغۇن پائالىيەتكە كەلگەن مېھمانلارغا ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلۇش تارىخىنى ئەسلىتىپ ئۆتتى.

ئۆسمۈر بالىلار تەرىپىدىن كورسۈتۈلگەن سەنئەت نومۇرلىرى ،ئەر، ئايال ۋە بالىلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان زېھنى سىناش ئويۇنلىرى قاتارلىق نومۇرلار بىلەن زال ئىچىنى كۈلكە قاپلىدى. كېيىن پائالىيەتكە كەلگەن ئۆسمۈر بالىلارغا ھېيتلىق سوغات تارقىتىلدى، ئاخىردا ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئىدارە ھەيئەت ئەزالىرى ئارىسىدىكى پائالىيەتچان تۆھپىكارلاردىن ئابدۇلكېرىم كىۋىر ۋە تارھىرلارنى ئالاھىدە تەقدىرلەش ئېلىپ باردى. ئاخىردا ھەممەيلەن بىرلىكتە ئائىلىلەردە پىشۇرۇپ كېلىنگەن ھەر- خىل مەززىلىك تائاملار بىلەن غىزالىنىپ خوشال ھالدا ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

پائالىيەتكە، ستوكھولم ۋە باشقا شەھەرلەردىن كەلگەن ئەر- ئايال ۋە بالىلار بولۇپ 200 نەپەرگە يېقىن ئۇيغۇر ئاممىسى قاتناشتى.
پائالىيەت 7- نويابىر كەچ سائەت 19:00 دە باشلىنىپ 21:00 دە ئاخىرلاشتى. بۇ ئىككى سائەتلىك يىغىلىش ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتتى.

ھۆرمەت بىلەن: ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، تەشۋىقات بۆلۈمى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>