باش بەتكە قايتىڭ » باياناتلار » شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ ”شەرقى تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى“نى نىشانغا ئالغۇچى كۇچلەرگە قارىتا باياناتى
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ ”شەرقى تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى“نى نىشانغا ئالغۇچى كۇچلەرگە قارىتا  باياناتى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ ”شەرقى تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى“نى نىشانغا ئالغۇچى كۇچلەرگە قارىتا باياناتى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر  مائارىپ ئۇيۇشمىسى  قۇرۇلغاندىن باشلاپ ،مۇھاجىرەتتىكى ھەر  دەرىجىلىك شەرقى تۇركىستان  تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا تۈركىيەدىكى ”شەرقى تۇركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتى ”بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ ،ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ قانۇنلۇق ھەق ھوقۇقلىرىنى قانۇنلۇق يوللار بىلەن قوغداپ كەلدى . ئۇيغۇر  مۈھاجىرلىرى  ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى  سىياقىغا كېرىۋېلىپ  شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ مىللى مەنپەتىگە قارشى يۇشۇرۇن ھەركەتتە بولۇۋاتقان بەزى ئۈبۈكتىلەرنى قانۇنغا تايىنىپ قانۇن تورىغا چۈشۈردى .قايمۇقۇش سەۋەبلىك شەرقى تۇركىستان داۋاسىغا قارشى ئىش ھەركەت بىلەن شۇغۇللۇنۇپ قالغۇچىلارغا تەربىۋى خىزمەت ئىشلەپ ئۇلارنى داۋا سېپىگە  قېتىش ،جەھەتلەردە زور  تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى .ھەر  دەرىجىلىك شەرقى تۇركىستان تەشكىلارلىرىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ئۆز ئارا بىر بىرى بىلەن دوستانە خىزمەت رىقابىتى ئېلىپ بېرىش روھىنى قوللىدى .ئۆكتىچىلىكنى دۈشمەنلىك دەرىجىسىگە كۆتىرىۋالىدىغان بەزى تەشكىلات ۋە شەخىسلەرنىڭ غەرەزلىك تەشۋىقاتلىرىغا سەزگۈرلۈك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ،مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى ئارىسىدىكى ئۇمۇمى بىرلىك مىللى سەپ قۇرلىشىنى جان دىلى بىلەن قوغداپ كەلدى .بىز  شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مىللەتنى پالان پارچىغا بۆلۈش ،شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى ئارىسىغا زىددىيەت تارقىتىش ،مىللى مەنپەتنى بىلىپ بىلمەي زىيانغا ئۇچۇرتۇش ،داۋا سېپىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاكتىپ ئاۋانگىراتلارنى غەرەزلىك نىشانغا ئېلىپ دەلىل ئىسپاتسىز قارىلاش،داۋانىڭ كۈن تەرتىۋىنى قالايمىقان قىلىش قاتارلىق ھەرخىل  غەلىتە  ھەركەتلەرگە  قەتئى قارشى تۇرىمىز . نۆۋەتتە مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمىيتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرى ئوتتۇرسىدا ئوينىغان كۆۋرۇكلۇك رولىغا يۇقۇرى باھا بىرىمىز .تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ كىملىكسىز قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ زۈرۈر  ئىھتىياجى شۇنداقلا تۈركىيە دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارنى  كۆزدە تۇتۇپ  ئىنچىكىلىك بىلەن تەكشۇرۇپ، ،ئالاھىدە نۇپۇس ئېلىشقا  لاياقەتلىك بولغان ئۇيغۇرلارغا نۇپۇس ۋە ئولتۇرما بىجىرىپ بەرگەنلىكىگە مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز .تۈركىيە ھۆكۇمىتى بىلەن  ،مائارىپ جەمىيتىنىڭ  قويۇق ئالاقىسىغا ھەسەد قىلىپ ،مائارىپ جەمىيتىنىڭ ئالاقىدار  خادىملىرىنى نىشانغا ئالغان تەرەپلەرنى  پىتنە ئىغۋا يوللىرىدىن ۋاقتىدا قايتىشقا ،ۋە بارلىق كۇچىنى خىتاي مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار دىن ئىبارەت ھەقىيقى دۈشمەننىڭ ئىسانىيەتكە قارشى ئىزچىل سادىر قىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىغا مەركەزلەشتۇرۇشكە چاقىرىمىز !

ھۆرمەت بىلەن: شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى.

2020-09-10

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>