باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » ئۇچار مەدرىسە
ئۇچار مەدرىسە

ئۇچار مەدرىسە

ئابدۇللا كۆكيار

تىلشۇناس ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندى2019-يىلنىڭ باشلىرىدا ، تۇركىيەدە ياشاۋاتقان توقسۇنلۇق نىياز داموللامنى  نىيۇرۇك ۋاقتى  گىزىتىنىڭ مۇخپىرى  بىلەن ئۇچراشتۇرۇپ ،ۋەتەندىكى (دىننى ئوقۇ -ئوقۇتۇش ۋە دىنغا ئىتىقاد قىلش ئەركىنلىك دەپسەندىچىلىكى) ھەققىدە توختۇلۇش جەريانىدا سۆھبەتكە قاتناشقان نىياز داموللام  مۇخپىرلارغا  ئۇيغۇرلارنىڭ  خىتاي مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار يولغا قويغان ھەر خىل  چەكلىمىلەرگە نىسبەتەن  شەكلى جەھەتتىن بويسۇنغاندەك كۆرۇنسىمۇ   ئەمەلىيەتتە روھى ئەسىرلىككە مۇپتىلا بولماي قولىدىن كىلىشىچە ھەر خىل قارشىلىقلارنى كۆرسىتىپ كەلگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپراق ئۇچۇر بىرەلمىگەنلىكىنى  ئىلگىرى سۈرۈپ بىر تەنقىدى ئوبزور يازغان ئىدى.مەزكۇر ئوبزورىدا دىلىشىچە :نىياز داموللام  ،مۇخپىرغا بەرگەن سۆھبىتىنىڭ بېشىدا ،(خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرى شەرقى تۇركىستاننى1949-يىلى ئىشغال قىلغاندىن كىيىن بىر تۇتاش ھالدا ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلەردە ئۇزاق تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مائارىپ سېستىملىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،دىن ۋە ئۇيغۇر مىللى مەدەنىيتىگە ئالاقىدار دەرىسلەرنى مائارىپتىن سىقىپ چىقارغانلىقىنى ،ھەر قانداق بىر شەكىلدە دىننى مەكتەپ مەدرىسە ئېچىشقا ئاشكارا رۇخسەت قىلمىغانلىقى)نى،مۇجمەل ئىلگىرى سورۇپ سۆھبىتىنىڭ ئاخىردا بولسا ،ئۆزىنىڭ (بىر نەچچە قارار دىننى تالىپلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوقۇتۇپ تەربىلىگەنلىكى)نى ئوتتۇرىغا قويغان. تەرجىمانلىق قىلغان ئابدىۋەلى ئەپەندى ھېلىقى سۆھبەتنى (بېشى ئاخىرغا قۇرۇشمايدىغان بىر خىل سۆھبەت )دەپ ھېس قىلىپ ،ياكى باشقىلارنىڭ شۇنداق ھېس قىلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىنگىلىز مۇخپىرغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئۇسال ئەھۋالدا قېلىپ قىينالغانلىقىنى يازغان ئىدى . ئالدىراشچىلىقىم سەۋەبلىك، ئابدىۋېلى ئايۇپ ئەپەندى تەنقىد قىلىپ ئۆتكەن  ھېلىقى سۆھبەت جەريانلىرىنىڭ  مۇجمەل  يەرلىرىگە ئۆزەمنىڭ كۆز قارىشىم بۇيچە بىر ئىنىقلىما بېرىشنى ئويلىغان بولساممۇ مۇمكىن بولمىغان ئىدى .يەنە كېلىپ ئۇ چاغلاردا ئابدۇۋېلى ئايۇب ئەپەندىنىڭ چاقماق تېزلىكىدە كۈندىلىك چىقىۋاتقان ئوبزورلىرىغا پىكىر قېتىپمۇ ئۈلگۈرۈپ بولغىلى بولمايتتى .بۈگۈن مېنىڭمۇ بىر ئاز قولۇم بوشىدى . ئۇستازلارمۇ توپ توپلاردا ۋەتىنىمىزنىڭ خۇتەن ۋىلايىتىدىكى بىر دىننى ئالىمنىڭ تەرجىمھالىنى ئىنگلىزچىگە تەرجىمە قىلىپ ،مۇستەملىكتىن  كىيىن ئۇيغۇر دىننى مائارىپى ۋە دىننى زاتلار دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى يۇرۇتۇشقا قىممەتلىك ۋاقتىنى سەرپ قىلىۋېتىپتۇ .ئابدۇۋەلى ئايۇپ ئەپەندىمۇ شەرقى تۇركىستاندا جازا لاگېرى كۇلەملەشكەندىن كىيىن ھەر قايسى جايلاردا تۈرمىگە تاشلانغان دىننى زاتلارنىڭ تىزىملىكىنى تۇرغۇزۇش جەھەتتە قولىدىن كىلىشىچە زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىۋېتىپتۇ . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ھەممەيلەنگە سەمىمى رەھمەت ئېتقاچ ،شەرقى تۇركىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت شەھەرلىرىدە بولۇپمۇ  جەنۇبتىكى  قەشقەر ،خۇتەن ۋىلايەتلىرىدە دىننى مائارىپنىڭ شۇنچە قاتتىق چەكلىمە ۋە جازا تەھدىدىگە قارىماي يەنە تەرەققى قىلىش جەريانىدىكى بەزى سىرلار ھەققىدىكى ئەسلىمەلىرىمنى باشقىلار بىلەن ئورتاقلىشىشنى توغرا تاپتىم  .شۇنداقلا  شەرقى تۇركىستاندىكى مۇخلىس دىننى زاتلارنىڭ يەتمىش نەچچە يىللىق خىتاي ئىستىلاسى مەزگىلىدە دىننى مائارىپ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىق ۋە تەھدىتلەرگە قارىتا ئالغان ئۇنۇملۇك تەدبىرلىرى ،شۇنداقلا توغرا ئېلىنغان ئەشۇ، ئاقىلانە تەدبىرلەرگە توغرا تەبىر بېرىپ باشقىلارغا توغرا چۈشەندۈرۈپ ئۇچۇر بېرىش جەھەتتىكى ئاجىزلىقلىرى ھەققىدە ئازراق توختۇلۇپ ئۆتۇشنى زۈرۈر دەپ قارىدىم .

گەرچە دىننى ئۇستازلىرىمىز يۇپ  يۇرۇق ،ئەركىن ئازادە زامانىۋى مەكتەپلەردە خاتىرجەم ئوقۇش ۋە ئوقۇتۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ ،ئەشۇ زور تەھدىت ۋە قىيىن شەرت شارائىت ئاستىدا بەل قۇيۇۋەتمەي ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى تاپتىن چىقىرىش سىياسەتلىرىگە قارشى ھەر تۈرلۇك تەدبىرلەرنى ياخشى ئالالىدى .ئۇلارنىڭ بۇ ،تىز پۈكمەس روھىغا يۇقىرى باھا بەرمەي تۇرالمايمەن  . دەرۋەقە پولشالىقلارنىڭ ”ئۇچار ئۇنۋىرىستىتى ”نى قورۇپ چىقىشىغا مەجبۇرلانغان تارىخى ۋەقەلىكلەر ھەققىدە ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولمىغان ،ياكى خۇتەن قەشقەر نىڭ ئوخشىمىغان شەھەر يېزىلىرىدا بىر مەزگىل خەلق ئارىسىغا چىلىنىپ ياشاپ  دىننى مائارىپنىڭ قانداق يۇرۇشكەنلىكىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈ باقمىغان كۇپۇنچە  زىيالىي قانچە ئۇقۇمۇشلۇق بىرسى بولىشىدىن قەتئىينەزەر ،ۋەتىنىمىزنىڭ قەشقەر خوتەن رايۇنلىرىدا مۇستەملىكتىن كىيىنكى مەزگىللەردە مەخپى تەرەققى قىلغان ئۇچار مەدرىسە ،ۋە ئەشۇ مول ھۇسۇللۇق ئۇچار مەدرىسىلەردە يېتىشىپ چىققان ئىستېداتلىق دىننى زاتلىرىمىز (preacher) دەۋەتچى ئۇستازلىرىمىزنىڭ يېتىشىپ چىقىش جەريانلىرىدا تۆلەنگەن زور بەدەللەرنىڭ تېگى تەھتىگە يېتەلمەيدۇ .مۇبادا بىرەر دىننى زات ئۆزىنىڭ يېتىشىپ چىقىش جەريانلىرىنى راۋان ئۇيغۇر تىلىدا چۈشەندۇرسىمۇ ، نۇرمال لوگىكا قانۇنىييەتلىرىگە ئەسىر بولۇپ چوڭ بولغان ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ئۇنى چۈشىنىشى تەسكە توختايدۇ .بۇنداق بولىشى ،بىر جەھەتتىن خىتاي مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار دىننى بىلىملەردىن تامامەن ئۇزاقلاشتۇرۇپ ئاشقان كوممۇنىستىك مەكتەپلەردە يىتىشىپ چىققان ئاز ساندىكى زىيالىلارنىڭ قولىقىغا دىن دىندار ،مىللى ئەنئەنە دېگەندەك سۆزلەر مۇشت ئۇرغاندەك ئاڭلىنىدۇ .يەنە بىر جەھەتتىن دىندارلار ئۆتكۈزگەن بىر ئاق قۇشقاچ پېيىنىڭ چوڭلۇقىدىكى خاتالىق ئۇلارنىڭ كۆزىگە يۇغان بىر غاز ياكى ھېكايە چۆچەكلەردە تەسۋىرلىنىدىغان كاتتا بىر ئەنقا قۇشىدەك كۆرىنىدۇ .بۇ ئەلۋەتتە ئۇلارنىڭ شەخسى تۇغۇلما خاراكتېرىگە مۇناسىۋەتلىك گۇناھى ئەمەس .خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار نىڭ دىنغا ئۆچمەن كادىر تەربىشلەشتەك خاتا سىياسىتى ئۇلارنىڭ مىللى خاراكتېرىنى مەلۇم دەرىجىدە زەخمىلەندۇرگەن ،چۇنكى ئۇلارمۇ بىزدەك ئىنسان .نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ دىننى مەسىلىلەرگە سوغۇق مۇئامىلە قىلىش كەمچىلىكىمىز تۈزىتىلىپ ، مىللى خاراكتىرىمىز تېخىمۇ ئەسلىگە كېلىپ ساپلاشقانسىرى نۇرغۇن مەسىلىلەر ئۆزلىكىدىن ئوڭشىلىدۇ .يېقىندا خوتەن ئوغلانى ئابدىرېھىم دۆلەت ئەپەندى ،ئىكرانغا چىقىپ، تارىختا پولشالىقلارنىڭ قاباھەتلىك قۇللۇق تەقدىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۆركىلىك سەۋەپ بولغان ”ئۇچار ئۇنۋىرىستىتى ”ھەققىدە توختالدى .ئۇ ھەقتە يېزىلغان بىر كىتابنى ئەل جامائەتكە تەۋسىيە قىلدى .مىنىڭچە ئۇمۇ ،ئەل جامائەتنى پولشا خەلقىنىڭ ئەشۇ قىيىنچىلىقتا تەرەققى قىلغان مىللى مائارىپى ۋە شۇ،مائارىپى ئارقىلىق تىكلەنگەن مىللى روھى ھەققىدە ئاساسى ساۋاتقا ئىگە قىلىش ئارقىلىق ،مۇستەملىكتىن كىيىنكى قاراڭغۇ تارىخىمىزدا ۋەتىنىمىزنىڭ بىر قانچە ۋىلايىتىدە بولۇپمۇ خوتەن قەشقەر ۋادىلىرىدا يۇشۇرۇن تەرەققى قىلغان ئۇچار مەدرىسە ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللى كىملىكىنى ساقلاش جەھەتلەردە ئوينىغان رولى ھەققىدە ئالدىرماي بىر كونكىرت چۈشەنچە بىرىشى مۇمكىن دەپ ئۈمىت قىلىمەن .

بىزدە ”يىراقتىكى موللا ،داموللا .يېقىندىكى موللا، با موللا ”دەيدىغان بىر سۆز بار .بۇ،سۆز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كوللېكتىپ مىللى خارەكتىرىمىز ۋە مىجەز خۇلقىمىزغا قارىتىلىپ ئېيتىلغان بولۇپ ،بىز ئۇيغۇر خەلقى كۆپ ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزدە بار ئالىملارنى قەدىرلەپ ،ئۇ لارنىڭ پەزىلىتىدىن ئۈگۈنۈپ ،ئۆز ئارىمىزدىكى  ئارتۇقچىلىقلارنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن چەتتىن بىر نەرسە ئىزدىمەي ،ھە دەپ ئۆزىمىزدە بارنى ئازراق چۈشىنەلمەي قالساق تۇپتىن ئىنكار قىلىپ چۇشۇرۇپ ،چەتتىن يىپ يېڭىسىنى ئىزدەشكە ئورنىمىز .ياكى ئۇنىڭ ئەكسىچە ئۆزىمىزدە بارغا قاتتىق ئېسىلىۋېلىپ چەتتىن ئىلغارلىق قۇبۇل قىلىشتىن قاتتىق ئىھتىيات قىلىپ ئىجابى ئېقىم بۇيچە ئېچىلالمايمىز .بۇ جەھەتتىكى كوللېكتىپ كەمچىلىكىمىزنىمۇ ئۇستازلىرىمىز ئاستا ئاستا ئەمىلى خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق تۈزىتىۋالغۇسى ئىنشا ئاللاھ !گەپنىڭ بېشىغا كەلسەك ،مۇستەملىكتىن كىيىن ئۇيغۇر مىللى مائارىپى دىن ۋە مىللى مەدەنىيەت دەرىسلىرىدىن ئىبارەت روھى ئۇزۇقلىرىدىن ئايرىۋېتىلگەندىن سىرت 1966-يىللىرىغا كەلگەندە مەدەنىيەت ئىنقىلابى دېگەن بىر لەنەتلىك بۇران چاپقۇن ئاپىتىگە دۇچ كېلىپ زور زىيانغا ئۇچۇردى . مەزكۇر بۇران چاپقۇنلار ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن پەننى مائارىپ ئاتىزىم ئىدىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا تولۇق ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن بولسىمۇ ،دىننى مائارىپ ،ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيتى رەسمى مائارىپ سىستىمىسىدىن تولۇق سىقىپ چىقىرىلىپ ئۇنىڭغا قارىتا قويۇلغان چەكلىمىلەر كۈندىن كۈنگە ،پەيدىن پەي چىڭىتىلدى.ئۈشبۇ فاجىئەلىك ئەھۋاللار  ھېچ كىمگە سىر ئەمەس .خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار1971-يىلى تەيۋەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ۋەكىللىك ئورنىغا ئىگە بولۇش مەقسىتىدە ”سىترقا قارىتا ئىشىك ئىچىش ،ئىچىگە قارىتا يۇمشاق قول بولۇشتەك بىر بۆلۈك ئالدامچىلىق سىياسىتى“نى يولغا قويۇپ شەكىلۋازلىق قىلدى  .ئۇنىڭ  نەتىجىسىدە1987-يىلى ئۈرۈمچىدە ئاتالمىش شەرقى تۇركىستان ئىسلام ئىنىستوتى نى قۇرۇپ چىقىشقا ئاران رۇخسەت قىلدى .ئاتالمىش شەرقى تۇركىستان ئىسلام ئىنىستوتى نىڭ يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سان چەكلىمىسى  بىلەن ئوتتۇز بەش مىليون نوپۇسقا ئىگە شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ دىننى زاتلارغا بولغان ئىھتىياجى ئوتتۇرسىدىكى زور پەرق ھەققىدە بولۇپمۇ مەزكۇر ئىنىستوتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسەت مۇددىئاسى ھەققىدە ئايرىم توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.چۈنكى مەزكۇر ئىنىستوتنىڭ تەسىس قىلنىشى قانداقتۇر 1949-يىلدىن1971-يىللىرىغا قەدەر رەسمى  چەكلىنىپ كەلگەن  دىننى مائارىپ  چەكلىمىلىرىنى  تولۇق ئەمەلدىن قالدۇرۇپ دىننى  ئىشلارنى تەرققى قىلدۇرۇش ئەمەس ئىدى .بەلكى ئەينى چاغدا خىتاي مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار چەكلەپ تۇرسىمۇ  ،يۇشۇرۇن  تەرەققى قىلغان ئۇچار مەدرىسىدە يېتىلىپ چىقىۋاتقان  دىننى زاتلاردىن ئەنسىرەپ ئۇلارغا   قارشى سېپى ئۆزىدىن بىر تۈركۈم  ساختا دىننى زاتلار قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق   ھەقىقى دىننى زاتلار بىلەن ساختا دىننى زاتلار ئارىسىدا توپىلاڭ چىقىرىپ ئۇيغۇر خەلقىنى دىننى جەھەتتىنمۇ بىر نەچچە پىرقىغا بۆلۈش سۈيقەستلىرىنى پىلانلىغان ئىدى .  ئۇنداقتا ئۇ ،قەدەر قىيىنچىلىق شەرت شارائىت ئاستىدا ،بىر پۇتۇن ۋىلايەتلەر بولۇپمۇ خوتەن قەشقەر ۋادىلىرىدا شۇ ،قەدەر ئىستېداتلىق دىننى زاتلار ئۈزۈلۈپ قالماي قانداق يىتىشىپ چىقتى ؟ خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار نىڭ نەزىرىدە قانۇنلۇق مەكتەپ دەپ قارالغان مەكتەپلىرىدە مائاش ئېلىپ بالا تەربىيلەۋاتقان كۈپۈنچە مۇئەللىملەر نىڭ بىر ئايلىق مائاشى ۋاقتىدا بېرىلمەي قالسا ،ياكى مەكتەپتە ئاددى بىر قىيىنچىلىق يۈز بەرسە ،ئۇلارنىڭ باشقا يەردىن ئىش ئىزدىشى ،ھەتتا بەزىلىرى مۇئەللىملىكتەك ئۆزى ئولۇق ، مائاشى تۆۋەن جاپالىق  كەسىپنى بېشىدىن چۆرۈپ تاشلاپ ھەرخىل كىرىمى يۇقۇرى سودىلارنىڭ پىشىدە يۇرىشى تەبىئى بىر ئەھۋال .ئەمما خوتەن قەشقەردىكى بىر قىسىم پېشقەدەم دىننى ئۇستازلارنىڭ مال دۇنيا ۋە مەنسەپ قوغلاشماي ئەپجىخى چىقىپ كەتكەن ۋېلسىپىتقا مىنىۋېلىپ ئاتالمىش فوند موند قۇرمايمۇ ئاددى ساددا ئۇچار مەدرىسە زەنجىرىنى قورۇپ چىقىپ مەخپى تەرەققى قىلدۇرىشى ئادەمنىڭ ئەقلىنى ھەيران قالدۇرىدۇ .بىز بۇ سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۇچۇن ئەينى چاغلاردا تۈن كىچىلەرنىڭ قەپ ئوتتۇرسىدا تاتلىق ئۇيقۇسىدىن كىچىپ ئائىلىلىكلەرنىڭ مەخپى ئۆيلىرىدە ئوقۇغۇچى تەربىلەشنى ئۆزىنىڭ ئەڭ خۇشاللىق خىزمىتى ۋە مۇقەددەس ئىبادىتى دەپ بىلگەن پىداكار كىچىك پىل  شەرقى تۇركىستان  ئوغلانلىرىنىڭ روھى ئالىمى بىلەن تونۇشۇپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ ئەلۋەتتە .بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن ھازىرغا قەدەر بۇ ،ھەقتە كونكىرت بىر پارچە ماقالىمۇ يېزىلمىغان ئىنچىكە تەتقىقاتىمۇ ئېلىپ بېرىلمىغان بولغاچقا بىر قىسىم سوئاللارغا كونكرېت جاۋاب تېپىش يەنىلا قىيىن .ئومۇمەن قىلىپ ئيېتقاندا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ ئوخشىمىغان ۋاقىتتا شەرقى تۇركىستان نىڭ ئوخشىمىغان ۋىلايەت شەھەرلىرىدە پەرقلىق چەكلىمىلەرنى يولغا قويىشى ،بىر قىسىم ياخشى نىيەتلىك مىللى كادىرلارنىڭ مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار مەركەزدىن چۈشۈرگەن چەكلىمەلەرنى شەكلى جەھەتتىن ئىجرا قىلىپ ئەمەلىيەتتە خەلىق تەرەپتە تورىشى قاتارلىق ئامىللار شەرقى تۇركىستاندا بارلىققا كەلگەن ئۇچار مەدرىسە لەرنىڭ مەخپى تەرەققىيات جەريانلىرىنى بەزى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلىگەن .كىيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار (ئۇچ خىل كۇچ )دېگەن زەربە بېرىش ئۇبۇكتىلىرىگە (ئىككى يۈزلىمىچى مىللى كادىرلار )دېگەن يەنە بىر ئۇبۇكتىنى قېتىشى يۇقۇردا ئورتىغا قويغان نۇقتىنى بىر ئاز يۇرتىدۇ .

Share Button

بىر باھا

  1. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. ئەمما ئەگەر خالىسىڭىز مەن سىزگە يېزىقچىلىق جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلاي. چۈنكى بۇ ماقالىدە تېخىنىكىلىق مەسىلە بار، ئۇنى سىز كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، ئەمما مەندەك يېزىقچىلىق دەرسى ئۆتۈپ باققان ئادەم چوقۇم بايقايدۇ. ھەمدە مەن بايقىدىم.
    ئەمدى ماقالىڭىزدە تىلغا ئېلىنغان كىشىگە كەلسەك ئۇ نىياز داموللام. توقسۇن ناھىيىسىدىن. زىيارەت قىلغۇچى نىيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرى. ئەسلى پۈتۈنلەي چەكلەنگەن دېمەيتۇق، ئۆزىمىزنى خىتاي چەكلىسە چەكلىنىپ ياشايدىغان بىچارە كۆرسەتمەيتۇق. ئۇنى دەپ تاشلىغاندىكىن ئايىغىنى… كەسپى سورالغاندا ئۆزىنىڭ قارى تەربىيەلەيدىغان ئۆلىمالىقىنى دەپ سالدى. مەن بۇنداق ھادىسەنى باشقىلارنىڭ ئاغزىدىنمۇ ئاڭلىدىم. بۇ موللا ئۆلىمالارنىڭ ئەمەس كادىرلاردىمۇ ئوخشاش…ئۆزىنى مۇخبىرلارغا، چەتئەللىكلەرگە بىچارە كۆرسىتىش… بۈگۈن مۇخبىرنىڭ بىر سوئالىغا، خىتاي مۇشۇنداق ھەددىدىن ئاشسا ئۇيغۇرلار مەسلىنى قولىدىن كېلىدىغان ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشقا ھازىر دېدىم.
    پاكىت شۇ، بىز ئەزەلدىن خىتايغا بويسۇنغان ئەمەس، دىنىمىز چەكلەنگەن ئەمما ئۇيغۇر رەھبەرلەر ئاستىرىتتىن پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن… بۇنداق دېمەي خىتاي ھەممىنى چەكلىگەن، ھىچ بىر ئۇيغۇر ھىچ ئىش قىلمىغان دېسەك سەمىمىي بولمىغاننىڭ ئۈستىگە خەقنىڭ كۆزىدە بەك بىچارە كۆرۈنۈپ كېتىمىز.
    بىز زۇلۇمغا ئۇچرىغان، ئەمما قورالسىز ۋە قوراللىق قارشىلىق قىلىشنى ھىھ بىر زامان توختاتمىغان دېسەك تامامەن بولىدۇ. بۇ ھالدا بىزنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئەمما تەدبىردىن ۋاز كەچمىگەن بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىز گەۋدىلىنىدۇ.

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>