باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شۋېتسىيىدە 1-ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى
شۋېتسىيىدە 1-ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

شۋېتسىيىدە 1-ئۆكتەبىر مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

10-ئاينىڭ 1-كۈنى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار شۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە باشقا ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شىۋېتسىيە پارلامېنت ئالدىغا يىغىلىپ خىتاي خىتاي مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىشغالىيتىگە قارشى نامايىش قىلدى.ئۇيۇشمىمىزنىڭ سابىق مەسئۇللىرىدىن ئابدۇللا كۆكيار ۋە نىجات تۇرغۇن ئەپەندىلەر نامايىش جەريانىدا نۆۋەت بىلەن سۆزگە چىقىپ ،شىۋېتسىيە پارلامىنتى ۋە ھۆكۇمىتىنى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىۋاتقان تالاي جىنايى قىلمىشلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك شەكىلدە ئېيىپلاپ ،خىتاينى ئۇشبۇ تۇيۇق يولدىن ۋاقتىدا توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى. بىرقانچە يىللاردىن بىرى شۋېتسىيىدىكى ئۇيغۇرلار 10-ئاينىڭ 1-كۈنىنى شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنىڭ مۇنقەرز بولغان كۈنى دەپ بىلىپ، ھەر يىلى مۇشۇ كۈنىدە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدى شۇنداقلا شىۋېتسىيە پارلامېنتنىڭ ئالدى قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلارغا يىغىلىپ خىتاي مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىشغالىيتى ۋە ئىنسان خەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ كەلمەكتە. مۇخپىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابدۇللا 1-ئۆكتەبىر كۈنى نامايىش قىلىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دىدى : ”بىز بۈگۈن خىتاي مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئىشغالىيتىگە ئۇچۇرغان شەرقى تۈركىستان ،تىبەت ،موڭغۇلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنىدە خەلقارا جەمئىيەتنىڭ نەزىرىنى ئىشغالىيەت ئاستىكى دۆلىتىمىز نىڭ ۋەزىيىتىگە تارتىش ئۇچۇن يىغىلدۇق .شەرقى تۇركىستان ،تىبەت ،موڭغۇلىيە قاتارلىق ئەللەردە خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار كۈندىن كۈنگە ھەددىدىن ئېشىپ ئىنسانىيەتكە قارشى ھەرخىل جىنايەتلەرنى سادىر قىلىۋاتىدۇ .تەپ تارتماستىن شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەر يېرىدە كۈلەملەشكەن جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇپ ئىرقى قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ .بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرنى جۈملىدىن شىۋېتسىيە پارلامىنتى ۋە ھۆكۈمىتىنى خىتاي مۇستەملىكچى ئالۋاستىلارنىڭ دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى ھۆرمەسلىمەسلىكىدەك دىكتاتۇرلىقىغا قارشى ۋاقتىدا تەدبىر ئېلىشقا چاقىرىق قىلىمىز !خىتاي تەرەپ خەلقارا جەمئىيەتكە يالغان سۆزلەپ ،ئىشغالىيەت ئاستىدىكى دۆلەتلەر خەلقىنىڭ مۇستەملىككە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەركەتلىرىنى تېررولۇق بىلەن باغلاپ تەشۋىقات قىلىۋاتىدۇ .خەلقارا جەمئىيەت خىتاينى شەرقى تۇركىستاندىن چىقىپ كېتىش ئىستىراتىگىسى ھەققىدە ئويلىنىشقا قىستىشى لازىم !مۇبادا خەلقارا جەمئىيەت خىتاينى ۋاقتىدا تىزگىنلىمەي ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىۋەتسە جاللات خىتاي تېخىمۇ كۆپ مەسۇم جانغا زامىن بولىدۇ .“https://youtu.be/Raibem4q9Wg

F7FF837F-D168-4E3F-9363-B3D93852AEF2.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>