باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەلقئارا خەۋەرلەر » ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ ئاتاش تەكلىپى سۇندى
ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ ئاتاش تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزالىرى ئۇيغۇرلارغا قىلىنغان زۇلۇمنى ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ ئاتاش تەكلىپى سۇندى

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى جىم رىچ (Jim Risch) خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان مۇئامىلىسى ئىرقىي قىرغىنچلىق دەپ ئاتاش تەكلىپى سۇندى.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ سەيشەنبە كۈنى (27- ئۆكتەبىر) ئىلان قىلىشىچە، پارتىيە ھالقىغان بىر گۇرۇپپا كېڭەش پالاتا ئەزاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان دەپسەندىچىلىكىنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتاشنى تەشەببۇس قىلىپ بىر لايىھە سۇنغان. 

كېڭەش پالاتاسى ئەزالىرى جىم رىچ، جون كورنىن ۋە روبېرت مەنەندېز بىرلىكتە دۈشەنبە كۈنى بۇ قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان. مەزكۇر كومىتېتىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ تەكلىپ لايىھەسىدە بېيجىڭنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىش ۋە زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر خەلقئارالىق مېخانىزم قۇرۇش تەشەببۇس قىلىنغان. 

جىم رىچ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاينىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدىكى سىستېمىلىق تۇغماس قىلىۋېتىش، مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ۋە باشقا قىلمىشلىرى ھەقىقەتەن يىرگىنچلىك.»

ئۇ يەنە: «ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان بۇ ھەرىكەتلەر ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى تەشكىل قىلىدۇ، مەن ھەر ئىككى پارتىيەدىكى خىزمەتداشلىرىمنىڭ بۇنداق ئېنىقلىما بېرىدىغان قارارنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن پەخىرلىنىمەن. ئامېرىكا ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا داۋاملىق دىققەت قىلىشى كېرەك.» دېدى. 

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>