باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەلقئارا خەۋەرلەر » ئۇيغۇر كىرىزىسى بىر ئىرقىي قىرغىنچلىقتۇر: كانادا خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟
ئۇيغۇر كىرىزىسى بىر ئىرقىي قىرغىنچلىقتۇر: كانادا خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟

ئۇيغۇر كىرىزىسى بىر ئىرقىي قىرغىنچلىقتۇر: كانادا خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكلىرىگە قارشى نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟

كانادا پارلامېنتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارغا قىلغان ۋەھشىيلىكىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلىغان تۇنجى پارلامېنت كومىتىتى بولۇپ قالدى، باشقىلارنىڭ ئەگىشىشى ئۈچۈن بىر ئۆرنەك بولدى. 

سامى خان

خەلقئارا سودا ۋاقت گېزىتى

2020- يىلى 22- ئۆكتەبىر

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر خەلقىگە قارشى داۋاملىشىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە ۋەھشىيلىكلىرى دۇنياۋى نارازىلىق قوزغىدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەشكىلاتلار ۋە جەمئىيەتلەر پۈتۈن كۈچى بىلەن خەلقئارا مۇنبەردە خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىنى پاش قىلىشقا تىرىشىپ كەلدى.  ئۇلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا رەھبەرلىرىنى خىتايدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان كومپارتىيىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى – ئىرقىي قىرغىنچلىق سۆزىنى پائالىيەتچىلەر قوللانغان بولسىمۇ، ئەمما ھېچقانداق دۆلەت ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلمىغان.

تۇنجى بولۇپ، كانادا پارلامېتىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋە خەلقئارا تەرەققىيات دائىمىي كومىتېتى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تارماق كومىتېتى ئۇيغۇر كىرىزىسىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ جاكارلاپ ئۈلگە تىكلىدى. بۇ ئۇيغۇر كىرىزىسىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى ئاشكارا ئېتىراپ قىلغان تۇنجى ھۆكۈمەت ئورگىنى.

شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىقىغا ئاساسىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى دۇچ كەلگەن قىسمەتلەرنى تەپسىلىي بايان قىلغان بۇ تارماق كومىتىت مۇنداق دېدى: «ئەگەر خەلقئارا جەمئىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۆلكىسىدىكى كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تۇرز قىلىش قىلمىشىنى ئەيىبلىمىسە، بىر ئۈلگە تىكلىنىدۇ ۋە بۇ ئۇسۇللار باشقا ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن قوللىنىلىدۇ. بۇ خاتىرجەملىك شىنجاڭغا كىرىشى ئىمكانىيىتى بولماسلىقى، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈتى ۋە پاراكەندە قىلىنىشى سەۋەبلىك شەكىللەنگەن.» 

خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلغان ۋەھشىيلىكى

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچلىقى داۋاملاشماقتا. ئىككى مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمان ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار لاگىرلارغا قامالغان. شاھىتلارنىڭ تەسۋىرلىشىچە بۇ يەھۇدىي چوڭ قىرغىنچلىقىدىن بۇيان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەڭ كەڭ كۆلەمدە تۇتۇپ تۇرۇلىشىدۇر. 

ئامان قالغۇچىلار بۇ لاگىرلارغا قامىلىشنىڭ دەھشەتلىرىنى مۇنداق تەسۋىرلىدى: كىشىلەر جىنسىي، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خورلىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىگە، دىنىغا ئېتىقا قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ مەجبۇرىي ئەمگەك، ئومۇمىيۈزلۈك نازارەت، ھامىلدارلىقتىن ساقلاش ئەسۋابى (IUD) تاقاتقۇزۇش، قىسىرلاشتۇرۇش ۋە بالا چۈشۈرگۈزۈش ئارقىلىق نوپۇسنى كونترول قىلىش قاتارلىقلار شۇلارنىڭ جۈملىسىدىن. 

 كانادا خىتايغا ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىدىن زەربە بېرەلەيدۇ

خىتاينىڭ ۋەھشىيلىكىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى زورلۇق بىلەن ئەڭ ئېچىشىدىغان يېرىگە زەربە بېرىش. تارماق كومىتېت كانادا ھۆكۈمىتىنى «خەلقئارا ئىتتىپاقداشلىرى ۋە كۆپ تەرەپلىك تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازا لاگېرلىرىنى ئىشلىتىپ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مۇسۇلمانلارنى قانۇنسىز ۋە ناھەق تۇتۇپ تۇرغانلىقىنى ئەيىبلەشكە» دەۋەت قىلدى.

ئۇندىن باشقا، كانادا ھۆكۈمىتى تەمىنلەش زەنجىرى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە تايىنىدىغان كانادا شىركەتلىرىگە ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، ئىمپورتنى كونترول قىلىش مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ، مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

تېخىمۇ مۇھىمى، مەزكۇر كومىتىت كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركسىتان-ت)دا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قىلمىشلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىشى ھەمدە خەلقئارا ئورگانلارنىڭ قانۇنىي رامكا ئىچىدە خىزمەت قىلىپ ئۇيغۇرلارغا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ قوبۇل قىلشىنىڭ زۆرۈرلۈكۈنى تەكىتلىدى. شۇنداقلا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە مەسئۇل بارلىق كومپارتىيە ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈلۈشى كېرەك دەپ قارىدى.

مەزكۇر كومىتېت مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «كانادانىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچلىق، ئۇرۇش جىنايىتى، ئىرقىي تازىلاش ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشى ئۈچۈن قۇرۇلۇشىغا ياردەملەشكەن خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە ئاساسەن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنى قوغداش مەسئۇلىيىتى بار. تارماق كومىتېت قوغداشنىڭ تۈرلۈك شەكىلدە بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ. ئىمبارگو يۈرگۈزۈشمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.»

كانادا پارلامېنتىدىكى بۇ تارماق كومىتېتىنىڭ مەيدانىغا قارىتا: «مەزكۇر كومىتېتقا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان زۇلۇملارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق شەكىللەندۈرگەنلىكىنى قوبۇل قىلغانلىقى ھەمدە كانادانىڭ بۇ كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن كونكرېت ۋە ئەھمىيەتلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشىنى تەۋسىيە قىلغانلىقى ئۈچۈن رەھمەت ئېتىمىز.» دېدى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، «باش مىنىستىر ترۇدو ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنى مەزكۇر كومىتېتىنىڭ خۇلاسىلىرىنى قوبۇل قىلىشقا ۋە ئىجرا قىلىشقا، بۇ ئارقىلىق بىر ئىرقىي قىرغىنچلىق يۈز بېرىۋاتقاندا كانادانىڭ بىر چەتتە قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىشكە چاقىرىمىز.»

 

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>