باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » يېڭى ئەسىرنىڭ كۈچلۈكلىرى كىم؟
يېڭى ئەسىرنىڭ كۈچلۈكلىرى كىم؟

يېڭى ئەسىرنىڭ كۈچلۈكلىرى كىم؟

ئابدۇرېھىم دۆلەت

بىر نەچچە يىل ئىلگىرى تېلېۋىزىردا يەلى –يەلى دېگەن يېرىم يالىڭاچ ئۇسسۇل قويۇلغاندا، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى ھەيرانلىقتىن ياقىسىنى چىشلەشكەندى، مانا ئەمدى كىشىلەر لېۋىنى چىشلەيدىغان بولدى. قارىغاندا،نېرۋىمۇ ئۇزاق مۇدەتلىك غىدىقلىنىشتىن ناركۇزلىنىپ، ھېچنېمىنى سەزمەس بوپقالدىغان ئوخشايدۇ. خۇددى مەلئۇنلار ھەممىگە كۆنۈپ كەتكەندەك. بەلكىم بۇ بىزنىڭ سەنئىتىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان سىناقلىرىمىز بولساكېرەك ياكى بولمىسا سەنئەتنىڭ شەھۋانىيلىق دەرىجىسى ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ ھۇزۇرلىنىشى مۇھىم ئۆلچەممۇ يە؟

نامىراتلار بايلارنىڭ ئۆزلىرىگە ئۆزىچە بىرەر قېتىم سالام قىلىپ قويۇشىنى ئامەت، دەپ بىلىدۇ. بىراق بايلار نامىراتلارنىڭ سالىمىنى ئەقىلگە مۇۋاپىق، ئەسلىدە شۇنداق بولۇشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. كۆرمەك قېيىن ئەمەسكى، ئاجىزلارنىڭ بىر ئۆمۈر تىرىشچانلىقى پەقەت كۈچلۈكلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشمەكنى مەقسەت قىلىدۇ. موھتاجلىق قۇللۇقنىڭ مەنبەسىدۇر.بۇ خىل مەقسەت ئۇلارنى ئۇرۇپ تۇرسىمۇ، ئىگىسىگە سۇۋۇنۇپ، قۇيرۇق شىپاڭشىتىپ تۇرىدىغان ئىتقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. شۇڭا بىزنىڭ دىھقانلىرىمىزنىڭ يىل –يىللاپ توپلىنىپ قالغان ھاردۇقىنى، ئىچىگە توشۇپ كەتكەن دەرد – پىغانىنى بىرەر رەھبەرنىڭ پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ نامىنى شىپى كەلتۈرۈپ، ئۇنىڭ مۈرىسىگە شاپىلاقلاپ تۇرۇپ رەسمىيەت يۈزىسىدىن قىلغان ئەمەلدارلىق تەلەپپۇزىدىكى بىرەر ئېغىز ياغلىما –رەسمىيەت گېپى چىقىرۋېتەلەيدۇ. زىيالىلىرىمىزمۇ دوستلىرىدىن، ھەتتا ئاتا-ئانا،خوتۇن بالىلىرىدىن ئالالمىغان تەسەللىسىنى باشلىقىنىڭ ساختا تەبەسسۇملىرى،مىيىقىدا كۈلۈمسىرەپ، باش لىڭىشتىپ قويۇشلىرىدىن ئالالايدۇ. مانا بۇ ئاجايىپ ئاجىزلىق – زەئىپانلىق ئەمەسمۇ؟! بۇ، روھىمىزنىڭ ئۆز ئىچىدىن بارغانچە يىگىلەپ كېتىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى.

روھى سۇنغان خەلقنى قۇتقۇزماق قىيىن، ئۇنى يىقىلغان دەرەخنى ئۆرە قىلغاندەك تىكلەپ تۇرغۇزغىلى، كونا بىنانىڭ ئورنىغا يىڭى بىنا سالغاندەك قايتا قۇرغىلى بولمايدۇ. ئەلۋەتتە، جىسىمنىڭ ئۆرە يۇرگىنى روھىنىڭ ئويغانغانلىقىنى كۆرسەتمەيدۇ، ھەتتا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشاش ئادەم ئىكەنلىكىدىن گۇمان قىلىدۇ.

تايىنىش تەدبىر، تايىنۋېلىش ئاجىزلىقتۇر.

ناۋادا بىر خەلق ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي مەھسۇلاتلىرىغا ئۆزىنىڭ كۆزى بىلەن قاراپ، ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچىيەلمىسە،باشقىلارنىڭ تارازىسىغا مۇھتاج بولىدۇ. باشقىلارنىڭ تارازىسى ئەلۋەتتە ئۆزىنىڭ ئۆلچەش ئادىتىگە ئاساسەن لايىھىلەنگەن. تاشقى ئۇچۇرلار ئىچىكى مەنىۋىي مۇستەقىللىق ئاساسىدا ھەزىم قىلىنمىسا، ئۇ، ئىستېمالچىنىڭ گېنىنى ئۆزگەرتىپ غەيرى مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.

ئاجىزلىق مەنىۋىيەتتە بولىدۇ.

ھەرقايىسى ساھەلەردە بىز يەتمەكچى بولغان خەلىقئارالىق سەۋىيە، دۇنياۋى ئۆلچەملەردىكى ئاتالمىش خەلىقئارالىق دۇنياۋىلىقلار ماھىيەتتە دەل غەربنى كۆرسىتىدۇ، غەربچە بولالىغانلىرى ئىلغار، دۇنياۋى بولىدۇ.سەنئىتىمىزدە مەيدانغا كېلىۋاتقان بۇ يېڭىچە دادىل سىناقلىرىمىز بىزدىكى بۇ خىل خاھىشنىڭ خېلىلا كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ.

بۈگۈنكى كۈندە يەر شارىلىشىش دولقۇنى غەربنىڭ مەدەنىيەت، سەنئەت، قىممەت قاراشلىرىنى كەڭ غەيرى غەرىب ئەللىرىگە شىددەت بىلەن ئومۇملاشتۇرۇۋاتىدۇ. ئۇلار يازغان كىتاب، ئىشلىگەن كىنۇ، ئېيتقان ناخشا، ئوينىغان ئۇسۇللىرىغا قەدەر ھەممىسى پۈتكۈك دۇنياغا ئورتاق بولىۋاتىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى كارتېرنىڭ دۆلەت خەۋەپسىزلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى بېرژېنىسكى: «ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى تارقىتىۋاتقان قىممەت قارىشىنى پۈتۈنلەي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى،مەدەنيەتنىڭ چۈشكۈنلىشىشى دېيىشكە بولىدۇ، بولۇپمۇ تېلېۋىزور جىنايەتنىڭ مەنبەسى»،دەيدۇ ھەم يەنە «مۇبالىغە قىلماي ئېيتالايمەنكى، ھۇللىۋۇد فىلىملىرى ۋە باشقا تېلېفىلىم شىركەتلىرى مەدەنيەت ئاغدۇرمىچىلىرىغا ئايلاندى. ئۇلار ئامېرىكا ئاساسىي قانۇنىنىڭ بىرىنچى تۈزىتىلگەن لاھيىسىنىڭ ھىمايىسىدىن پايدىلنىپ، ئۆزىمىزنى ھالاك قىلىدىغان ئىجدىمائىي ئەخلاق تارقاتماقتا» دەيدۇ. ئەمەلىيەتتە كۆپ كۈرۈپ تۇرۇپتىمىز:خرستىئانلارنىڭ روژدستىۋو بايرىمى خەلىقئارالىق بايرامغا ئايلاندى. كېچىلىك بەزمىخانا،تانسىخانا، ھەتتا كوكاكولا، پادىچى ئىشتىنى، جاز مۇزىكىلىرى غەرىب مەدەنىيتىنىڭ ماددىي ئالامەتلىرى سۈپىتىدە ئەتىراپىمىزغا يامىراپ كەتتى.

مەدەنيەتنىڭ يەر شارىلىشىشى ئەكەلگەن ۋەھىمە پۈتكۈل غەيرىي غەرىب ئەللىرىگە ئورتاق. تەيبېي سەنئەت ئىنىستىتۇتى پروفېسسورى خېخۇەيشۇ ئەپەندى ئۆزىنىڭ «مەدەنيەت نۇقتىسىدىن يېڭى ئەسىرگە نەزەر» دېگەن ماقالىسىدە، غەيرىي غەرىب ئەللىرىنىڭ ئەندىشىسىنى ۋەكىللىك ئەكىس ئەتتۈردى. بىز بۈنىڭدىن بۇ ۋەھىمىگە پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭلا دۈچ كەلمىگەنلىكىنى بىلەلەيمىز،ئەلۋەتتە.

ئاجىزلارنىڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى شۇكى،كۈچلۈكلەرنىڭ قىلغانلىرىدىن گۇمانلىنىشقا پېتىنالمايدۇ، ئۇلارنىڭ قىلغان ھەر بىر ئىشىدا ھېكىمەت بار، دەپ ئويلايدۇ. سەپتىن چۈشۈپ قېلىشنى دوزاخقا چۈشۈپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ. چۈنكى بىزدە ئېشەك ئېشەكتىن قالسا، قۇلىقىنى كەس، دەيدىغان گەپ بارئەمەسمۇ؟! بىزنىڭ بۇ يەرلەردىمۇ غەربلىكلەرنىڭ داشقىلى ئالتۇن سانىلىدۇ. ناۋادا«قۇتادغۇبىلىك» ھەققىدە بىرەر ئامېرىكىلىق بىرەر پارچە ماقالە ياكى كىتاب يازسا،نۈرغۈنلىرىمىزنىڭ گۇلقەقەلىرى ئېچىلىپ كېتىدۇ، گويا ئۆزىمىزنى خەلىقئارا ئىلىم ساھەسىنىڭ شۆھرەت ئىگىلىرىدەك ھېس قىلىمىز.

غەرىب مەدەنيىتى ۋە سەنئىتى، غەربلىكلەرنىڭ ئىنسان ھوقۇقى، ئەركىنلىك، گۈزەللىك، ھايات ھەققىدىكى ئۆزىگە خاس پەلسەپىۋى قاراشلىرى، يەكۈنلىرىغا ئاساسىغا قۇرۇلغان. ئۇ يەردە قانۇنغا خىلاب بولمىغان ئىشلارنىڭ ھەممىسى شەخىسنىڭ ئەركىنلىكى دائىرىسىدىكى ئىش سانىلىدۇ. ئۇ يەردە ئەركىنلىكنىڭ دائىرىسى، مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭرى، بۇ ئۇلارنىڭ مەدەنيىتى، سەنئىتى،مائارىپدىمۇ روشەن ئىپادىلەنگەن ھەم بۇ ئۇلارغا غايەت زور ئىجابىي نەتىجىلەرنى ئەكەلگەن. لېكىن چېكىدىن ئاشقان ئەركىنلىكمۇ، شۇنداقلا ئەركىنلىكتىن مەھرۇملۇقمۇ ئادەمنى مايمۇنغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. ئەلۋەتتە، ئالدىنقىسى ئورمانلىقتىكى مايمۇن،كېيىنكىسى سېرىكچىنىڭ ئۆگىتىلگەن مايمۇنى، ئۇ ئىگىسىنىڭ سول قولىدىكى باناننىڭ قىزىقتۇرۇشى، ئوڭ قولىدىكى قامچىنىڭ تەھدىتىدە ھەرىكەتلىنىدۇ.

مەن شۇنداق قارايمەن: ئىنسانلار گۆزەللىك،سەنئەت، مەدەنىيەت دېگەن نىقاب ئاستىدا ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئالداۋاتىدۇ. ھازىرئىنسانلار چوقۇنۇۋاتقان، ياقتۇرۇپ ھۇزۇرلىنىدىغان سەنئەت ماھىيەتتە جىنسى لەززەتنى قاندۇرۇش ئۆلچەم قىلغان سەنئەتتۇر. ھازىر گۆزەللىك ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى گۆزەللىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى سەزگۈلەرنى راھەتلەندۈرەلىشى بىلەن گۈزەللىك سانىلىۋاتىدۇ. بۇ يەر شارىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆلچەم بوپقېلىۋاتقاچقا، سەپتىن قېلىشنى خالىمايدىغان بىزدەك بىچارىلەر ھە دەپ ئارتىسلىرىمىزنى يالىڭاچلاۋاتىمىز.

ھازىر ئامېرىكىدا تۇغۇلۇۋاتقان بالىلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك نىكاھسىز پەرزەنىت (ھارىمى)، (ئائىلە ئېڭىنىڭ ئاجىزلىشىشى ھازىرئامېرىكىدىكى جىددىي مەسىلە). ئۆتكەندە قايسى بىر گېزىتتىن شىىمالىي ياۋرۇپادىكى مەلۇم بىر دۆلەتتە بەچچىۋازلىقنىڭ قانۇنلاشتۇرۇلغىنىنى (قانۇندا رۇخسەتقىلىنغىنى)نى كۆردۈم. يەنە بىرىدىن ئاتىسىنىڭ ئۆز قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغىنىنى؛ھەتتا ئۈرۈمچىدە مەلۈم خەنزۇ ئوتتۇرا مەكتەپتىكى تولۇقسىز بىرىنچى يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر قىزنىڭ ئەر –ئاياللار بۇيۇملىرى ماگىزىنىدىن ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش بۇيۇملىرى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن مەلۇم بىر مۇخبىر ئۇنىڭدىن ئۇنى نېمە قىلىسىز؟ دەپ سورىسا، ئۆزۈمگە ئىشلىتىمەن، بۇ بىزنىڭ سىنىپتا نورمال ئىش، دەپ جاۋاب بەرگىنىنى. نېمىشقا شۇنداق قىلىسىز؟ دەپ سورىسا، بۇ دېگەن قانداق دەۋر؟دېگىنىنى. تۇلۇقسىز 3-يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر جۈپ ئوغۇل – قىزنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ كېتىپ، بىر ئۆينى ئىجارىگە ئېلىپ ئەر – خوتۇنلارچە ياشاپ كەتكەن خەۋەرلەرنى كۆردۈم. تولۇقسىزدا ئوقۇيدىغان ئىككى ئۇيغۇر قىزنىڭ چاپان سېتىۋېلىش ئۈچۈن نومۇسىنى ساتقانلىقىنى ئاڭلىدىم. خەنزۇ يېزىقىدا نەشىر قىلىنىدىغان«جەمىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى» دېگەن ژورنالدىن ھازىر شاڭخەيدە شەنبىلىك ئەر –خوتۇنلارنىڭ كۆپىيىپ كەتكىنىنى، بۇنىڭغا شاڭخەيدىكى جىددىي خىزمەت، ئالدىراش تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، ئەر – خوتۇنلارنىڭ بىرگە بولىدىغان ۋاقتىنىڭ بەك قىسقىلىقىنى، شۇڭلاشقا ھەپتە ئاخىرىدا بىر –بىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ بولۇپ، ئۆز ئىشىنى قىلدىغانلىقىنى، جەمئىيەتشۇناسلارنىڭ بۇنى جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر مەھسۇلى، تەررەقىياتقا پايدىلىق ياخشى ھادىسە، دەپ چۈشەندۈرگەنلىكىدەك بايان – تەھلىللەرنى ئوقۇدۇم. بۇ مۇتەئەسسىپ قاراشلاردىن خالىي نەقەدەر ئاجايىپ ئىلمىي تەھلىل – ھە! بۇلار پەقەت مېنىڭ ئۇچىراتقانلىرىم. سىز قانچىلىك كۆرگەنسىز؟ ئوقۇغانسىز؟ ئۇچىراتقانسىز؟ يۇقىرىقىلارنى ئۆزئەتىراپىڭىزدىكى مۇھىت، قىز – ئوغۇللىرىڭىز، كۆرۈۋاتقان تېلېفىلىم،پىلاستىنكىلىرى، گېزىت – ژورناللاردىكى سۈرۈت – رەسىملەر بىلەن باغلاپ ئويلاپ كۆرسىڭىز، قانداقىراق خۇلاسىگە كېلەرسىز؟

ئىنساننڭ ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى شۇكى،مەسىلىنى بىر نۇقتىدىن كۆزىتىپ، بىرلا نۇقتىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ھەر تەڭ نەزەر سالالمىغانلىقىدۇر. ئىنسان بىرلا نەرسىگە دىققەت قىلغاند، باشقا نەرسىلەر مۇقەررەر دىققەتنىڭ سىرتىدا قالىدۇ. ئاپەت دەل دىققەتنىڭ سىرتىدا قالغان يەردە. قەدىمكى يۈنان ئالىملىرىنىڭ فىزىكىلىرى دۇنيانىڭ ماھىيىنتىنى ھەرىكەت، خىمىكلىرى ماددا،ماتېماتېكلىرى سان دېگەن. ئۇلارنىڭ قاراشلىرى ئۆز كەسپى نۇقتىسىدىن قارىغاندا خاتا ئەمەس. ئەمما مۇكەممەل جاۋاپقا ھەممىسىنى بىرلەشتۈرگەندە ئېرىشەلەيمىز. ئىسلامىيەت تارىخىدىمۇ بۇخىل ئەھۋال يۈز بەردى. ئابباسىيە دەۋرىدىكى مولچىلىق كىشىلەرنىڭ ئىمانىنى سۇسلاشتۇرۇپ، تائەت – ئىبادەتتىن بەزدۈرۈۋاتقاندا، بىر تۈركۈم كىشىلەربۇنداق جەمىيەتتىن ۋاز كېچىپ تاغلارغا، چۆللەرگە چىقىپ كېتىپ ئىستىقامەت قىلىشتى،زاھىدلىق ھاياتىنى باشلىۋەتتى. بۇلار كېيىنچە كۆپىيىپ دەسلەپكى سوپىلار مەيدانغا كەلدى. كېيىنچە رھىيەتنى پاكلاش خاھىشى ئەۋج ئېلىپ، ماددا، بايلىق، تەبىئىي پەنگە سەل قارالدى، مەنىۋىيەت بىرىنجى ئورۇنغا ئۆتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ماددىي يوقسۇللۇقى، تېخنىكا قاششاقلىقى تۈپەيلى كېيىنكى دەۋىرلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئىمانىنى،ۋەتەنلىرىنىمۇ ساقلاپ قالالمىدى. ئىنسانلاردىكى بۇخىل قۇتۇپ خاھىشچانلىقى20-ئەسىردە تېخىمۇ گەۋدىلەندى. پەن – تېخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىياتى،يارىتىلغان غايەت زور ماددىي بايلىق ئىنسانلارنىڭ تۈرمۈش شارائىتىنى يۈكسەك دەرىجىدە قۇلايلاشتۈرۇۋەتتى. بۇنداق قۇلاي تۇرمۇش شارائىتى بۈگۈنكى راھەتپەرەس-پارازىت ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ماددىي بايلىق ئارقىلىق كېلىدىغان راھەت ئىنسانلارنىڭ غايىسىگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن جەمىئىيەتنىڭ بارلىق ساھەلىرى مۇشۇ غايە ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتى. قىيقاس – چۇقانلىق جاز مۇزىكىلىرى،ماشىنا – ماتۇرلارنىڭ گۇرۇلدەشلىرىدىن پاڭ بوپقالغان ئىنسانلار روھىيىتىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىن چىقىۋاتقان ئىڭىراش، نالىلەرنى ئاڭلىيالمىدى. ئامېرىكا جەمىئىيىتى يىمىرىلگەن، چاك – چىكىدىن بۆسۈلۈۋاتقان جەمىئيەت، دەپ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى كىشىلەرئەركىنلىكىنىڭ چېكىدىن ئېشىپ، ئىجتىمائىي ئېڭىنىڭ تۆۋەنلەپ، شەخسىيەتچىلىكنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكىدىن ئىزدەيدۇ.

ئامېرىكا جەمىئىيىتىنى «كېسەل جەمىئىيەت» دەپ ئاتىغان «كەلگۈسىشۇناسلار» ژۇرنىلى: «غەربنىڭ ھازىرقى زامان مەدەنيىتى بىزنىڭ روھىي ساغلاملىقىمىزغا زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ، بۇ بىزنى بىريۈرۈش يېڭى ئەخلاق ئۆلچىمى، ئېتقاد سىستېمىسى قۇرۇشتا يېتەرلىك ئاساسقا ئىگە قىلدى. غەرب ھازىرقى زامان مەدەنيىتى ۋە غەرب جەمىئىيىتى دۇچ كەلگەن ئېغىر مەسىلىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت بۇ مەسىلىنى تېخىمۇ «جىددىيلەشتۈرۋەتتى» دەيدۇ(«جۇڭگونىڭ يولى»، «جەنۇب گېزىتى» نەشىرىياتى، 2002-يىل يانۋار نەشىرى).

20- ئەسىرنىڭ قەھىرمانلىرى ئىقتىسادىي ماگناتلار بولدى. ناۋادا بۇ ئەسىردە سامۇئېل سمايلىستەك ئەخلاق تەرغىباتچىلىرى،جامالىددىن ئاففانىيدەك دىنىي ئىسلاھاتچىلار مەيدانغا كەلگەن بولسا، ھەرگىزمۇ بېلگېيتىس، ياڭ جيۈەنلەردەك قارىشى ئېلىنماس ئىدى. شۇڭا مەن دەيمەن: قۇتۇپلارئارىسىدا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلىيالماسلىق ئاپەتنىڭ مەنبەسىدۇر. «ئىشلارنىڭ ياخشىسى،ئوتتۇراھال بولغىنىدۇر» (ھەدىس).

بۇ ئەسىردە ئىنسانلار پەن –تېخنىكىغا ئىمان كەلتۈردى. ئىنسانىيەت ئۇچىرىغان ھەممە مەسىلىنى ئىلىم – پەن ھەل قىلالايدۇ، دەپ ئىشەندى. پەن – تېخنىكا پرىنسىپلىرىنى تۇرمۇشتىكى ئىنچىكە مەسىلىلەرگە قەدەر تەتبىقلاپ باقتى. ھەممە نەرسىنى چوقۇم ئىسپاتلاش كېرەك، دەپ قاراپ ئىلىم – پەن ئىسپاتلىيالمايدىغان نەرسىلەرنىڭمۇ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشەنمىدى. ئىلىم – پەن ئىنسانلارنىڭ ئاشكارا مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەرگەن بىلەن، مەخپى مەسىللىرىگە ئاجىز كەلدى. ئۇ، تەنگە داۋا بولسىمۇ روھقا داۋا، قەلىبكە ھىدايەت ئەمەس ئىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىنسانلار بارغانسىرى ماشىنلىشىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشتى.ئامېرىكىنىڭ ئىلمىي فانتازىيە يازغۇچىسى بېن بوۋىر «ئىلمىي فانتازىيىنىڭ رولى»دېگەن ماقالىسىنى: «ئىلىم – پەن ئۆلتۈرەلەيدۇ، شۇنداقلا يارىتالايدۇ، تېخنىكا ئىنسان روھىنى بۇزالايدۇ، شۇنداقلا ئۇنى تەسەۋۋۇرىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يەتكۈزەلەيدۇ. پەقەت دانا كىشىلەرلا پەن – تېخنىكىنى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە قانداق ئىشلىتىشنى بىلىدۇ. قىسقىسى، بارلىق سەنئەتنىڭ ئەڭ ئاساسلىق رولى ئۆزىمىزنى ئۆزىمىزگە تونۇتۇش، ئۆزىمىزنىڭ ئادىمىيلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىشتۇر» دەپ ئاخىرلاشتۇرسا،ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزدىېنتى رىچارد نىكسون: «بۈگۈنكى كۈندە، ئامېرىكا دۇنيادىكى بىردىنبىر دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت، شۇنداقلا ئەڭ قۇدرەتلىك، ئەڭ باياشاد دۆلەت،بىراق ماددىي جەھەتتە باي بولساقمۇ، روھىي جەھەتتە نامىراتمىز» دېگەنىدى.

يەرلىك مىللىي مەدەنيەتلەر غەرب مەدەنيىتىنڭ زەربىسىگە ئۇچىراۋاتىدۇ، مىللىي مەدەنيەتنىڭ مەۋجۈتلۇقى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كەلمەكتە. ئارنولد توينيى: «تارىخ تەتقىقاتى» دېگەن ئەسىرىدە مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتورىلىرىدىلا «ئىلگىرى غەرب مەدەنيىتىىدىن تەشۋىشكە چۈشكەن دۆلەتلەر ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كەلدى» دېگەندى. ئۇنىڭ بېشارىتىنى بۈگۈنكى دۇنيا ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. مېنىڭچە، غەرب مەدەنيىتىنىڭ شۇنچىلىك كەڭ تارقىلالىشىدىكى سەۋەب، ئۇنىڭ ئىنساننىڭ ھايۋانىي نەپسىگە تولىمۇ ماس كەلگەنلىكىدە. بولۇپمۇ بۈگۈنكى راھەتنى غايە قىلغان كىشىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق.

دۇنيا نەزەرىيە ساھەسىدە، ئەمدى ھەرخىل مەدەنيەتلەر ئۆزئارا دوستلىشىدۇ، ئۇچىرشىدۇ، سۆزلىشىدۇ، دەپ قارلىۋاتقان چاغلاردا،ئامېرىكا سىياسيشۇناسى خونتىڭتون «دىپلوماتىيە» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان«مەدەنيەتنىڭ توقۇنۇشۇشى» دېگەن ماقالىسىدە، بۇنىڭدىن كېيىن دۇنياغا كېلىدىغان ئاساسى خەۋەپ مىللىي، ئىرقىي توقۇنۇش، ئىقتىسادىي پەرق، نامىراتلىقتىن ئەمەس،بەلكى ئوخشىمىغان مەدەنيەتلەرنىڭ توقۇنۇشىدىن كېلىدۇ، دېگەن ھۆكۈمنى شەرھيلەش ئۈچۈن نەچچە ئون دۆلەتكە بېرىشكە مەجبۇر بولغان ئىدى. ئۇ، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى مەدەنيەتكە تەۋە خەلقلەردە ئۆز مەدەنيىتىنى قوغداش ئىستىكى بارغانسىېرى كۈچىيىپ بارىدۇ، دەپ كۆرسەتكەندى. خۇددى ئۇنىڭ ھۆكىمىنى ئىسپاتلىغاندەك، ئاففانىستاندىكى تالىبانلار پۈتكۈل دۇنيا خەلقىنىڭ قارىشلىقىغا پەرۋا قىلماستىن، سېنىڭ دېپڭغا مانا مەن ئۇسسۇل ئوينايمەن، دەپ غايەت زور بۇتلارنى ۋەيران قىلۋەتتى. باشقىلارنىڭ نەزىردە ئۇ سەنئەت بۇيۇمى بولغان بىلەن، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۇ چىقىپ تاشلاشقا تېگىشلىك بۈت ئىدى. بەلكىم ئۇلارنىڭ غەربلىكلەرنىڭ خورىغا جور بولمايدىغانلارنىڭ يەرشارىدا تېخى مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈپ قويغۇسى كەلگەندۇ.

غەرب مەدەنىيەت شوۋىنىزمىنىڭ شىددەتلىك زەربىسى بىزدەكلەرگە نېمىنىڭ ھەقىقىي كۈچلۈكلۈك ئىكەنلىكى ھەققىدە يېڭى ئۆلچەم ئەكەلدى.ئىلگىرى مەۋجۇتلۇقىمىزنى ماددىي نەرسىلەرگە باغلىغاندۇق. ھازىر بۇلارمۇ بىزلەرنى قۇتقۇزۇپ قالالمايدۇ. ئوخشىمىغان دەۋىرلەردە كۈچلۈكلەرنىڭ ئۆلچىمىمۇ ئوخشاش بولمىغان. دەۋر ئۆزگەرسە دەۋرنىڭ ئۆز قەھىرمانلىرىدىن كۈتىدىغىنىمۇ ئۆزگىرىپ ماڭدى. ئۆز دەۋرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرەلىگەنلەرلا ھەقىقىي قەھىرماندۇر.

ھازىر ئېيتقىنىمدەك، ئىلگىرى مەۋجۇتلىقىمىزنى تەرەققىياتقا، پەن – تېخنىكىغا باغلىغاندۇق. ئەمدى ماددى تەرەققىيات ئۆزىنىڭ كەمتۈكلۇكىنى مەنىۋى ساپلىق بىلەن تۇلۇقلىمىسا، ئۇنداق تەرەققىياتنىڭمۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆزىمىزدە كۈچلۈك روھىي قۇۋۋەت، بۈيۈكلۈككە، ئەبەدىيلىككە تۇتاشقان بىر ئەقىدە بولۇشنىڭ زۆرۈرلىكىنى، شۇنداقلا بۇ ئەقىدىنىڭ ساپلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئۇنى لايىقىدا ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىقسادىي كۈچ، پەن – تېخنىكىنى ئارقا تىرەك قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنىمۇ تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. ب د ت نىڭ سابىق باش كاتىبى پېرىز دىكۇنليار مۇنداق دەيدۇ: «تەرەققىياتنى ھەرگىزمۇ پەقەت ماددىي بەھرىمەنلىك، دەپ چۈشىنىۋېلىشىقا بولمايدۇ. بىز ھازىر ماددىي ئېستىمالنى ئاساس قىلغان تەرەققىيات شەكلىنى كېڭەيتىۋاتىمىز. ئۇلار مەدەنيەتنىڭ قۇرۇلمىسىنى بۇزۇپلا قالماستىن، جانلىقلارنىڭ، ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ياشاش مۇھىتىغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ».تەرەققىياتنىڭ مۇكەممەللىكى تاللاش بىلەن شاللاشنىڭ مۇۋاپىق بىرلىكىدە ئەمەلگە ئاشىدۇ. ئۆز ۋۇجۇدىدا قۇۋۋەت بولمىغان كىشىگە تاشقى قۇۋۋەت ئېغىر كېلىدۇ.

ھەققىقەتنىڭ مىللەت، ئىدېئولوگىيە، مەدەنيەت،دىن چەكلىمىسى بولمايدۇ، ئۇ پەقەت قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئەقىدىسىنىڭ ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىغا باغلىق. بەزىدە مۇسۇلمانلارغا بۇددا نوملىرىدىنمۇ پايدىلىق سۆزلەر ئۇچىراپ قىلىشى مۇمكىن. «ھېكمەتلىك سۆز مۇئمىننىڭ يىتتۈرۈپ قويغان نەرسىسىدۇر، ئۇنى قەيەردىن تاپسا ئېلىشقا ئەڭ ھەقلىق» (ھەدىس).

بىزئەمدى مەدەنىيەت، سەنئەت، تەرەققىيات، ئىنسان دېگەن ئۇقۇملار ھەققىدە قايتا ئويلىنىپ، قايتا تەبىر بەرمىسەك بولمايدىغاندەك قىلىدۇ. چۈنكى بىز ھازىر مۇشۇ ئۇقۇملارنى خاتا چۈشەنگەننىڭ زىيىنىنى يەتكۈچە تارتىۋاتىمىز. بىز ئىنسانغا ئىنسان دېگەن «سۆزلىيەلەيدىغان، تەپەككۇر قىلالايدىغان، ئىشلەپچىقىرىش قورالىنى ياسىيالايدىغان…ھايۋان» دەپ تەبىر بەرگەندىن بۇيان راستىنلا ھايۋاندەك ياشىدۇق.ئىنساننىڭ ياشاش مەقسىتى نېمە؟ دېگەن سوئالغا شەمسىددىن تەبرىزىي: «ئىنسانىي كامىل بولماق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ. ئۇ ئىنساننىڭ كامىل ئىنسان بولۇشتىن بۆلەك مەقسىتى يوق،دەيدۇ. بۇ يەردىكى «كامىل» دېگەن ئىبارە ئۆز ئىچىگە ئالغان مەنە ئىنتايىن مول.يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ: «ئالىم بولماق ئاسان، ئادەم بولماق قىيىن» دەيدۈ. ئەلۋەتتە ئۇگىنىپ ئالىم بولغىلى بولغىنى بىلەن، ئۆگىنىپ ئادەم بولغىلى بولمايدۇ. ئادەم بولۇش بىر مۈشكۈل سەپەردۇر. بۇ سەپەرگە ئاتلانغانلار ئىنسانلار ئارىسىدا كۆپ ئەمەس.
خېخۇەيشۇ ئەپەندى: «بۇ ئەسىردە ئۈمىدنى ھەمراھ قىل» دەپتۇ، مەن ئەقىدە دەيمەن. مەنچە بولغاندا ئەقىدە ئۈمىدنىڭ ئانىسى.

بۇ دەۋردە روھى كۈچلۈكلەرلا ھەقىقىي كۈچلۈكتۇر.شۇڭا دەيمەن: ئۇچاي دېسىڭىز قانات چىقىرىڭ، ئارزۇنىڭ بولغىنىلا كۇپايە قىلمايدۇ.ھەم يەنە دەيمەن، سۇ ئۈزەلمەيدىغانلارنى دەريالارغا تاشلىۋېتىڭلار، يا سۈ ئۈزۈشنى ئۆگەنسۇن، يا تۇنجۇقۇپ ئۆلسۇن! ھېلىمۇ ئۇلار سۇ ئۈزەلەيدىغان تالايلارنىڭ پۇتىغا ئېسىلۋېلىپ، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە ھالاك قىلىدى. ئوۋ ئوۋلىيالمايدىغانلارنى جاڭگال-باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىڭلار، يا ئوۋ ئوۋلاشنى ئۆگەنسۇن، يا يىرتقۇچقا يەم بولسۇن

https://turkistantimes.com/ug/news-13793.html

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>