باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » شىۋېتسىيە دىكى ئۇيغۇرلار ئىككى جۇمھۇرىيەت دۆلەت بايرىمىنى ئۆزگىچە تەبرىكلىدى
شىۋېتسىيە دىكى ئۇيغۇرلار ئىككى جۇمھۇرىيەت دۆلەت بايرىمىنى ئۆزگىچە تەبرىكلىدى

شىۋېتسىيە دىكى ئۇيغۇرلار ئىككى جۇمھۇرىيەت دۆلەت بايرىمىنى ئۆزگىچە تەبرىكلىدى

12-نويابىر كۈنى تاڭ ئېتىش  بىلەن تەڭ مۇھاجىرەتتىكى شەرقى تۇركىستانلىقلار  ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ شەرت شارائىتىغا بېقىپ بىرە يەرگە جەم بولۇپ، شەرقى تۇركىستان دۆلەت بايرىمىنى داغدۇغىلىق تەنتەنە قىلىپ،بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈپ  شەرقى تۇركىستان ئىسلام  جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ87- يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي ۋىروسىنىڭ يۇقۇمى سەۋەبلىك  بىر يەرگە توپلىشالمىغان  كىشىلەر ئۆيلىرىدە  ئائىلە بۇيىچە خىلمۇ خىل پائالىيەتلەر بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ۋەتەنگە بولغان مۇھەببەت ھىسسىياتىنى ئىپادىلەشتى. كىشىلەر يەنە يانفۇن ئارقىلىقمۇ شەرقى تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ87- يىللىقىغا بولغان گۈزەل تىلەكلىرىنى  ئۆز ئارا بىر بىرى بىلەن ئورتاقلاشتى .

مۇھاجىرەتتىكى ھەر دەرىجىلىك شەرقى تۇركىستان تەشكىلاتلىرى تور ئارقىلىقمۇ دۆلەت بايرىمى يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ ،ئۇيۇشمىمىزنىڭ سابىق مەسئۇلى ئابدۇللا  كۆكيار  مۇنداق دېدى  : گەرچە غۇربەت دىيارلىرىدا  بايراق چىقىرىپ  شەرقى تۇركىستان دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش   پائالىيىتى بىر قىسىم كىشىلەرگە «مەۋھۇم» دەك كۆرۈنسىمۇ،ئامما ئەمەلىيەتتە  ئىنتايىن مۇھىم تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ، ھەم  يېڭىچە بىر ئۇسۇل. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ،دۈشمەننىڭ غەرەزلىك«ئاغدۇرۇلغان دۆلىتىڭنى خاتىرلەمسە»دەپ مازاق قىلىشىغا پىسەنت قىلماي، ئۈمىتۋار ھالەتتە ياشلارنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش سەھنىسىگە ئىگە قىلىشىمىزلازىم. دۆلىتىمىز  شەرقى تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى  1933-يىلى12-نويابىر كۈنى قورۇلۇپ ئۇزاق ئۆتمەي ئاغدۇرۇلۇپ  مۇستەملىككە ئايلانغاندىن  بۇيان ۋەتەن ئىچىدە ئۆز دۆلىتىمىزنىڭ  دۆلەت  بايرىمىنى خاتىرىلەش قاتتىق چەكلەندى .ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭگۇ  قۇرۇلغانلىقىنى  خاتىرىلەش مەجبۇرى يولغا قويۇلدى .شەرقى تۇركىستانلىقلار ،يا ”تولۇق  پۇخرالىق ھوقۇقىغا  ئىگە جۇڭگولۇق“   ياكى  ،“مۇستەقىل شەرقى تۇركىستانلىق ”بولالماي  ئۆتتۇرلۇقتا  قېقىلىپ سوقۇلۇپ  ئەمدىلىكتە رەسمى ھالدا ئىرقى قىرغىنچىلىق  خەتىرىگە دۈچ  كەلدى .بۇنداق خەۋپلىك  ئەھۋال  ئاستىدا  شەرقى تۇركىستان  خەلقى  يوقاپ كەتمەيمىز  دېسەك   چوقۇم  ئۆز  ئالدىمىزغا   مۇستەقىل بولغان دۆلىتىمىز نى  ئەسلىگە كەلتۈرۈپ  قايتىدىن قورۇپ چىقىشىمىز كېرەك ! ئۇيغۇرلار بۇ  ئارزۇ  ئارمانغا  يىتىش ئۈچۈن  دۇنيانىڭ قانداق   يېرىدە  ياشىشىدىن قەتئىي نەزەر دۆلەتچىلىك ئىدىيىسىنى  تېخىمۇ ياخشى  تەرەققى قىلدۇرۇپ،خەلقنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىنى  يېڭى ئەۋلادلارنىڭ  ئىدىيىسىگە  تەكشى سىڭدۈرۈشى لازىم ! 
91625A9E-97F6-432E-89B3-E3968C2FFBA1

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>