باش بەتكە قايتىڭ » شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى » ئۇيغۇر تارىخى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشتىكى زور تۆھپە: «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسەر نەشر قىلىنىشقا باشلىدى
ئۇيغۇر تارىخى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشتىكى زور تۆھپە: «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسەر نەشر قىلىنىشقا باشلىدى

ئۇيغۇر تارىخى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشتىكى زور تۆھپە: «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسەر نەشر قىلىنىشقا باشلىدى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق 12 توملۇق زور ھەجىملىك ئەسەر نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.
 
ئالدى بىلەن ئەسەرنىڭ 1944 – يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» گە مۇناسىۋەتلىك 5 توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» قىسىملىرى، يەنى «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 7- ۋە 8-توملىرى ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.
 
مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا شانلىق قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە دۆلەتچىلىك ئەنئەنىلىرى ياراتقان تۈركىي خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن كۆپ ئەسىرلىك سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تارىخى مۇساپىلىرى ئىككى ئەسىردىن بۇيان دۇنيا ئالىملىرى تەرىپىدىن زور ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ، جۈملىدىن مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ھازىرغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن كۈنىمىزگىچە بولغان بارلىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى مۇپەسسەل يورۇتۇپ بېرىدىغان «ئومۇمىي تارىخى» مەيدانغا كەلمىگەنىدى. دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ 30 يىلغا يېقىن جاپالىق ئىلمىي ھاياتىنى، كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ئەقىل- ئىدارىكىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە 12 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»دىن ئىبارەت زور ھەجىملىك ئىلمىي ئەسىرىنى يېزىپ پۈتتۈرۈش ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلدى. قولىڭىزدىكى بۇ كىتابلار: يەنى 5 توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» ئەنە شۇ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ تەركىبىي بىرقىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا 1943-يىلىدىن 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئائىت پۈتۈن جەريانلار، بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا بارلىق دۆلەتچىلىك ئۆزگىچىلىكلىرى ئورىگىنال ھۆججەتلەر ۋە ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول ئۇيغۇر مەنبەلىرى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ ساندىكى ئىلگىرى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپ ھۆججەتلىرى، ئامېرىكا، تەيۋەن ئارخىپلىرى شۇنىڭدەك ھازىرغىچە دۇنيادا ئېلان قىلىنغان رۇسچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە باشقا تۈركىي تىللاردىكى ھەر خىل ماتېرىياللاردىن پايدىلنىش ئاساسىدا تەپسىلىي يورۇتۇلغان. بولۇپمۇ ئاپتور شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسۋەتلىك ئىچكى سىرلار، خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈش ۋە باشقا نازۇك، ئېنىقسىز تەرەپلەرنى يورۇتۇشتا ئۆزىنىڭ 1990-يىللاردا موسكۋادا دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇش جەريانىدىن تارتىپ توپلاپ كەلگەن كۆپ ساندىكى سوۋېت ئارخىپلىرىنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تۇنجى قېتىم باشقا مەنبەلەر شۇنىڭدەك نەچچە ئونلىغان جۇمھۇرىيەت شاھىتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلغان. مەزكۇر 5 توملۇق« شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تولۇق چۈشىنىشى، بىلىشى ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇشىنى تەمىن ئېتىدۇ.
 
ھازىرغىچە بىرقىسىم ئەللەردە مەزكۇر دەۋرگە ئائىت مەلۇم ساندا مەخسۇس ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ ئەسىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۈچلۈك ئاكادېمىك تارىخشۇناسلىق مېتودولوگىيەسىگە تايانغان ئەڭ تەپسىلىي، ئەڭ تولۇق، ئەڭ مۇكەممەل، كۆپ مەنبەلىك ئىلمىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ مەزكۇر جۇمھۇرىيەت دەۋرى قىسمىنى ئالدى بىلەن نەشىر قىلىپ، باشقا توملارنىمۇ ئارقىمۇئارقىدىن ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا تەقدىم قىلىش قارار قىلىندى.
 
دوكتور نەبىجان تۇرسۇن «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 7-، 8 – توملىرىنىڭ نەشردىن چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: « ئىككى ئەسىردىن بۇيان تارىخىمىزنى رۇسلار، خىتايلار ۋە باشقىلار يېزىپ كەلدى. خەلقىمىز باشقىلار يازغان ئۇيغۇر تارىخىنى ئوقۇپ گاڭگىرىدى ياكى ئۆز تارىخىدىن ساۋاتسىز قالدۇرۇلدى. شۇنىڭدەك خىتاي بولسا ئۆز دۆلەت مەۋقەسى ۋە ئىدېلوگىيەلىك نۇقتىئىنەزەرلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر تارىخلىرىنى خەلقىمىزگە تاڭدى. مانا بۇ مېنىڭ بۈگۈنكى كۈنلەردە دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەتلەرنىڭ بىرى ۋە ياۋرو-ئاسىيانىڭ، جۈملىدىن دۇنيانىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى ياراتقان خەلقلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ تارىخىنى ئۆزىمىز ئۆز تەتقىقاتلىرىمىز، ئۆز نۇقتىئىنەزەرلىرىمىز ۋە چۈشەنچىلىرىمىز بىلەن يېزىشىمىز كېرەك، ئۇنى ئۆزىمىز ئەڭ مۇكەممەل ،ئەڭ تولۇق ۋە ئاكادېمىيەلىك شەكىلدە يېزىشىمىز كېرەك دېگەن ئىرادىگە كېلىشىمدىكى تۈپ سەۋەب ئىدى. مەن بۇ ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن ئاللاھ بەرگەن ھاياتىمنىڭ تەخمىنەن 30 يىلىنى سەرپ قىلدىم ! ئاخىرى بۇ ئەسەر يېزىلدى ! دېمەك ئۇيغۇر تارىخىنى باشقىلار يېزىپ بېرىدىغان ئىككى ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان دەۋر ئاخىرلاشتى!
 
مانا بۈگۈن، يەنى 1933- ۋە 1944-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ 12-نويابىر خاتىرە كۈنلىرىگە سوۋغا سۈپىتىدە ، بۇ ئەسەر دۇنياغا كۆز ئاچتى ! قالغان قىسىملىرىمۇ سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن ئەڭ تېز ئارىدا يۈز كۆرۈشكۈسى !»
 
ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ: «دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ داۋالغۇشقا تولغان بىر دەۋرىنى تېما قىلغان، سوۋېت ۋە ئەينى دەۋر چوڭ كۈچلىرىنىڭ رايوننىڭ سىياسىي تەڭپۇڭلۇقلىرىغا ئارىلىشىشىدىن ھاسىل بولغان مۇرەككەپ زامان قاتلىمىنى يورۇتۇپ بەرگەن <ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى> ناملىق بۇ قىممەتلىك چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسىرىنىڭ < شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى> قىسمى ، كۆپ خىل مەنبەلەرنى بويلاپ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشنى تايانچ قىلغان ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگەكنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ ئەسەر خەلقىمىزنى ۋەتىنىمىز تارىخىنىڭ يېپىق قالغان سەھىپىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ ھەم نۆۋەتتىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تارىخىي سەۋەبلىرىنى تونۇپ يېتىش جەھەتتە مۇھىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ»، دېدى.
 
ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى، ياۋروپا مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئابلەت كامالوف بۇ ئەسەرگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ مەزكۇر تەتقىقات ئەسىرى خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى تەتقىقاتى ۋە شۇ دەۋر سىياسىي كىلماتىنى چۈشىنىشكە قوشۇلغان زور تۆھپە. كۆپ توملۇق تۇنجى <شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى>نى يارىتىش ئۇنىڭ زور مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق تۈركىي تىللار، رۇسچە، ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە تىل ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆججەتلىرى ۋە مول ئورىگىنال ئۇيغۇر مەنبەلىرىنى مەخپىي سوۋېت ئارخىپلىرى، غەرب ئارخىپلىرى، خىتاي مەنبەلىرى ۋە شۇ دەۋر سىياسىي ۋەقەلىرىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنبەلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت، ھەربىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا تەرەپلەردىن مۇستەقىل راۋاجلىنىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناش جەريانلىرىنى مول پاكىتلار ۋە دېتاللار بويىچە يورۇتۇپ بەرگەن. ئۇ، بۇ ئارقىلىق، تارىخ ساھەسىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ رولىنى كىچىكلىتىدىغان، ئۇنى چوڭ دۆلەتلەر سىياسىتىنىڭ پاسسىپ ئوبيېكتلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىدىغان نۇقتىئىنەزەرلەرنى رەت قىلغان.»
 
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ۋە ئۇنىڭ «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» ناملىق قىسىملىرىغا باھا بېرىپ: «ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسى خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق قامال ۋە نابۇت قىلىنغان مۇشۇنداق بىر دەۋردە تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ تەتقىقاتلىرى يېڭى بىر بۆسۈش، يېڭى بىر ھالقىش پەيدا قىلىپ مىللىتىمىزگە يېڭى ئۈمىدلەر بېغىشلىدى. ئۇ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ پۈتۈن دەۋرلىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازاندى. ئۇنىڭ ئەشۇ تەتقىقات نەتىجىسى- <ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى>نىڭ بىرقىسمى بولغان مەزكۇر <شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى> ھازىرغىچە بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ مەنبەلىك، ئەڭ سىستېمىلىق، ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ تەپسىلىي، ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئىلمىي ئوبيېكتىپ ئەسەردۇر. ئۇ، ئىلمىي تارىخ مېتودولوگىيەلىرىدىن، شۇ دەۋردىكى ئورىگىنال ھۆججەتلەر، شاھىتلارنىڭ ئاغزاكى مەلۇماتلىرى، سوۋېت، ئامېرىكا ئارخىپلىرى ۋە باشقا مول ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەريان، سەۋەب ۋە نەتىجىلىرىنى بايان ھەم تەھلىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىنىڭ پەقەت كەچمىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي ئېڭى، مىللىي ئىدېئولوگىيەسى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەن…» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.
 
بۇ ھەقتە يەنە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى سۆز قىلىپ :« مېنىڭچە بۇ ئەسەرنىڭ بىز ئۈچۈن ئىلمىي قىممىتى قانچىلىك زور بولسا، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن كۆرسىتىدىغان ئەمەلىي قىممىتىمۇ شۇنچىلىك زوردۇر. چۈنكى تارىخىمىزنى ياخشى تەتقىق قىلىش بىزنىڭ داۋا ئىستراتېگىيەمىزنىڭ توغرا تۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرىدۇر. مەزكۇر كاتتا ئەسەر مۇشۇ نۇقتىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر بوشلۇقنى توشقۇزغان بولۇپ، ئاۋام خەلق ۋە تارىخقا قىزىققۇچىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى داۋا سېپىدىكى پائالىيەتچىلەر، سىياسەتچىلەر ئۈچۈنمۇ چوقۇم ئوقۇمىسا بولمايدىغان ئانا ئەسەر بولۇشقا مۇناسىپ دەپ قارايمەن» دېدى.
 
12 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 5 توملۇق« شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى»قىسىملىرى نەشىر قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىنلا قالغان توملىرىنىمۇ ئارقا -ئارقىدىن ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش پىلانلانماقتا.
 
2020-يىلى 2-نويابىر
 
مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى
Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>