باش بەتكە قايتىڭ » ساغلاملىق » 19- نويابىردىن ئېتىبارەن «سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتى»جامامەتلىك ئىبادەتكە ئېچىلمايدۇ
19- نويابىردىن ئېتىبارەن «سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتى»جامامەتلىك ئىبادەتكە ئېچىلمايدۇ

19- نويابىردىن ئېتىبارەن «سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتى»جامامەتلىك ئىبادەتكە ئېچىلمايدۇ

خىتاي ۋىرۇسى دۇنيادىكى بارلىق ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر دەرىجىدە تەھدىت سېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ،شىۋېتسىيە دىمۇ بۇ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىش نىسبىتى كۈندىن كۈنگە شىددەت بىلەن ئېشىپ شىۋېتسىيە ھۆكۈمەت دائىرلىرىنى بىر قاتار قاتتىق تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر قىلدى .ئۇشبۇ ۋىرۇسنىڭ تېخىمۇ كۆپ تارقىلىپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەش مەقسىتىدە ،ھۆكۈمەت تەرەپ ،مەسچىت ،چېركاۋ ،ۋە تەنھەرىكەت – مەدەنىيەت زاللىرى قاتارلىق كۆپ ئادەم توپلۇشۇپ پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان ئورۇنلارغا ئەڭ كۆپ بولغاندا 8 نەپەر كىشىنىڭ جەم بولالايدىغانلىقى ، بۇ قارارغا خىلاپلىق قىلغانلار قانۇن بۇيىچە جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا يېڭى بىر ئۇقتۇرۇش (ھۆججەت)ئېلان قىلدى .ھۆكۈمەتنىڭ ساقلىق ساقلاش توغرىسىدا چىقارغان قانۇن پرىنسىپلىرىنى ئاڭلىق ئىجرا قىلىپ ،ئەل جامائەتنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ئۈچۈن شىۋېتسىيە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى،مەسچىت مۇتىۋەللىلىك ھەيئىتى ئەتراپلىق كېڭىشىپ 2020- يىلى 19- نويابىردىن ئېتىبارەن «سوتۇق بۇغراخان ئۇيغۇر مەسچىتى» نى ۋاقىتلىق ئىبادەتكە ئاچماسلىققا قارار قىلغانلىقىنى رەسمى ئېلان قىلدى .
تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى (ئىمام )ئۆمەر ئەزىز نىڭ تېلېفۇن ئۇچۇرى ئارقىلىق ئېيتىشىچە، 2020- يىلى 20- نويابىر جۈمە كۈنىدىن باشلاپ ھۆكۈمەتتىن يىڭى بىر ئىجازەت بېرىلگۈچە مەسچىتتە جۈمە نامىزى ئوقۇلمايدىكەن.

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بۇ ھەقتىكى رەسمى موھورلانغان قارارى ئەتە ئۆگۈن ئىچىدە بۇ،مۇنبەردە ئېلان قىلىنىدۇ.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>