باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەلقئارا خەۋەرلەر » تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانماقتا
تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانماقتا

تۈركىيە ئۆكتىچى پارتىيەسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىتتىپاقدىشىغا ئايلانماقتا

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئىزچىل «ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى» دەپ ئاتاپ كېلىۋاتقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردىكى دىپلوماتىيە پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يېڭىچە تۈس ئېلىشقا باشلىدى. بولۇپمۇ تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ۋە ئىقتىسادىي ئالاقە سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ كۆمۈلۈپ قېلىشى ئەردوغان ھۆكۈمىتىگە قارشى تۈرلۈك چۇقانلارغا سەۋەب بولۇشقا باشلىدى. تۈركىيەدىكى ئەڭ كونا سىياسىي پارتىيەلەرنىڭ بىرى، شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ئۈچۈن ئەڭ ئاساسلىق ئۆكتىچى كۈچلەردىن سانىلىۋاتقان جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى (CHP) نىڭ بۇ ھەقتىكى مەيدانىنى ئەنە شۇ خىل چۇقانلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 28-ئۆكتەبىر كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار» نامىدا بىر دوكلات ئېلان قىلغان بولۇپ، دوكلاتتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھازىر بارغانسېرى ئېغىر قىسمەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقى، ئەمما نۇرغۇن دۆلەتلەر خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئالاقىسىنىڭ زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان بۇ كۈلپەتلەرنى كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان بۇ ھالنىڭ تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە چىقىۋاتقانلىقى شەرھىلەنگەن ئىدى.

دوكلاتتا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بولغان ئۆتكەن 70 يىللىق مۇناسىۋىتىگە قاراپ چىقىلىپ «تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى 2009-يىلىدىكى ‹5-ئىيۇل ۋەقەسى› دە بۇ ھادىسىنى ‹قىرغىنچىلىق› دەپ ئاتىغان ئىدى. ئەمما ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتە خىتايغا بەكرەك تايىنىشى سەۋەبلىك ئۇلار ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە يۇمشاپ قېلىۋاتىدۇ» دەپ كۆرسىتىلدى.

جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ بۇ خىل مەۋقەسى مەزكۇر پارتىيەنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ۋەكىلى يۇرتئەر ئۆزجاننىڭ «چەتئەل سۆھبىتى» ژۇرنىلىغا قىلغان سۆزلىرىدىمۇ ئەكس ئەتتى. ئۇ سۆزىدە ۋاشىنگتون شەھرىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن «ئۇيغۇر ھەركىتى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى (د ئۇ ق) نىڭ باش تەپتىشى ئابۇلھەكىم ئىدرىس بىلەن بولغان سۆھبىتىدە ئۆز پارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارنى قەتئى ھېمايە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ھەققىدە سۆز بولغاندا ئابدۇلھەكىم ئەپەندى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تۈركىييە دىپلوماتىيەسىدە ئۇنداق ئاسانلا تاشلىنىپ قالىدىغان مەسىلە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى مەۋقەسىدە قىسمەن ئۆزگىرىشلەر كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكادىكى چوڭ سايلامنىڭ نەتىجىسى تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ساھەنىڭ ئورتاق پاراڭ تېمىسى بولۇپ قالغان. شۇنداقلا بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىغا ئوخشاشلا تۈركىيە سىياسى ساھەسىدىكى خېلى كۆپ كىشىلەر «جو بايدىننىڭ ئاق سارايغا كىرىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى بىر چەتتە قالارمۇ؟» دېگەن ئەندىشىدە بولغان. ئابدۇلھەكىم ئىدرىس بۇ ھەقتە ئۆزلىرىنىڭ «ئۇيغۇر مەسىلىسى ئامېرىكىدىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى بىلەن ھازىرقىدەك بىر سەۋىيىگە كەلدى. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ بۇ ھال ئوخشاش رەۋىشتە داۋام قىلىدۇ،» دېگەن مەزمۇندا چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يۇرتئەر ئۆزجان ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان بىر مۇھىم نۇقتا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى رولى ھەمدە كەلگۈسى يۈزلىنىشى بولۇپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى دەل مۇشۇ مەسىلە تۈپەيلىدىن يېقىندىن بۇيان تەنقىد ئوبېكتى بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە قىلغان سۆزىدە «بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنىڭ تۈركىيەدىلا ئەمەس، بىزنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇچرىشىشلىرىمىزدىمۇ ئاڭلىنىپ تۇرىشىغا تىرىشىمىز» دېگەن. ئۇ بۇ قېتىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر بىلەن بولغان ئۇچراشقاندا، ئۇلار ئەردوغاننى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئەيىبلىمىگەن. ئەكسىچە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوخشىمىغان سورۇنلاردا كەسكىن ئىبارىلەر بىلەن سۆز قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرگەن. ئابدۇلھەكىم ئىدرىسمۇ بۇ توغرىسىدا سۆز بولغاندا، ئەردوغان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىر چەتكە تاشلاپ قويمىغانلىقىنى، شۇڭا ھازىر ئەردوغاننى تەنقىدلەشنىڭ ئورۇنسىز بىر ئىش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۇنياغا كېلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان «كامالىزىم» پىرىنسىپلىرىغا سادىقلىقى بىلەن تونۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پارتىيە بەلگىسىدىكى ئالتە دانە يا ئوقى كامالىزىمنىڭ ئالتە تۈرلۈك تۈپ پىرىنسىپىغا سىمۋول قىلىنغان ئىكەن.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>