باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەلقئارا خەۋەرلەر » خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى ئارىسىدا ئىمزالانغان يىڭى تىجارەت كېلىشىمدە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقان تەرەپ ئۇيغۇر مەسىلىسى
خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار  بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى ئارىسىدا ئىمزالانغان يىڭى تىجارەت كېلىشىمدە ئەڭ ئېغىر  زىيان تارتقان تەرەپ ئۇيغۇر  مەسىلىسى

خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلار بىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى ئارىسىدا ئىمزالانغان يىڭى تىجارەت كېلىشىمدە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقان تەرەپ ئۇيغۇر مەسىلىسى

گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجېلا مېركەل ياۋروپا كومىسسيەسىنىڭ پرېزىدېنتى ئۇرسۇلا فون دېئېر لېيېن قاتارلىقلار 30-دېكابىر خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرىتارى شى جىنپىڭ بىلەن ئورتاق تور يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، كېلىشىم ئېلان قىلدى.پارانسىيەدە چىقىدىغان لكىسبرىس كە ئوخشاش بەزى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردامۇلاھىزە قىلىنىشىچە,خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلاربىلەن ياۋرۇپا بىرلىكى ئارىسىدا  ئىمزالانغان بۇ يىڭى تىجارەت كېلىشىمدە ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقان تەرەپ ئۇيغۇرمەسىلىسى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

سىياسى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئەتراپلىق مۇلاھىزە قىلىشىچە ،گەرچە خىتاي تەرەپ ياۋرۇپا بىرلىكى بىلەن 7 يىلدىن بېرى سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان مەبلەغ سېلىش  سودا كېلىشىمنى بىر ئامال قىلىپ پۇتتىرىۋېلىش ئۇچۇن ئۆزلىرى ئىجرا قىلىپ كېلىۋاتقان ”ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىشتەك زامانىۋى قۇللۇق تۈزىمى“نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە چىرايلىق ۋەدىلەرنى قىلغان بولسىمۇ ،ئۇشبۇ قورۇق  ۋەدىلەر،بېجىڭدا ئولتۇرۇپ شەرقى تۇركىستان خەلقىنىڭ ئاسىملاتسىيسى ھەققىدە ماكرو سىياسەت تۈزىدىغان جاللات كېڭەيمىچىلەر نىڭ يامان خۇي  پەيلىنى توغرا ئۆزگەرتەلمەيدىكەن .ئۇيۇشمىمىزنىڭ سابىق مەسئۇلى  ئابدۇللا كۆكيارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تەرەپ ئاغزىنىڭ ئۇچچىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى نۇقۇل ھالدا ئوتتۇرغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى سەمىيمى ئېتىراپ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغانلىقى ئۈچۈن كېلىشىمدە قىستۇرۇپ  ئۆتۈلگەن مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى دېگىلى بولمايدىكەن.ئىگىلىنىشچە خىتاي مۇستەملىكىچى ئالۋاستىلارنىڭ  ئىلگىرىكى يىللاردىكى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتىدا، (ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ،ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سېلىش) دېگەن سىرلىق شوئارلار خەلق تۇرمۇشى بۆلىكىدە كۆرۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ،2019-يىلدىن بۇيانقى ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بىرىلگەن دوكىلاتلاردا بولسا ماكرو سىياسەت قاتلىمىغا قويۇلۇپ تەشۋىق قىلىنغان.f1268e01-799b-44d3-8072-d0738a7a3a7c

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>