باش بەتكە قايتىڭ » جەمئىيەت پائالىيەتلىرى » مەھمۇد كاشىغەرى ئانا تىل مەكتىپىدە يۈزتۇرانە دەرس ئۆتۈش ئىشلىرى قايتا ئەسلىگە كەلدى
مەھمۇد كاشىغەرى ئانا تىل مەكتىپىدە يۈزتۇرانە  دەرس  ئۆتۈش  ئىشلىرى  قايتا ئەسلىگە  كەلدى

مەھمۇد كاشىغەرى ئانا تىل مەكتىپىدە يۈزتۇرانە دەرس ئۆتۈش ئىشلىرى قايتا ئەسلىگە كەلدى

خىتاي ۋىروسى دۇنياغا كەڭ تارقىلىپ نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنى سىنىپقا يىغىپ ئوقۇتۇش جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۈچ كەلگەندەك ،شىۋېتسىيە دىكى مەھمۇد كاشغەرى ئانا تىل مەكتىپىمۇ بىر يېرىم يىلدىن بىرى مەكتەپتە يۈزتۇرانە دەرىس ئۆتۈشنى ۋاقىتلىق توختىتىپ ،بارلىق ئوقۇ ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى تور مۇھىتى ئارقىلىق بولسىمۇ ياخشى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئىدى .خىتاي ۋىرۇسىنى تىزگىنلەش مەقسىتىدە بىر ئىككى يىلدىن بۇيان شىۋېتسىيە دە ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىر قاتار چەكلىمىلەر ،29-سېنتەبىر كۈنىدىن ئىتىبارەن ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندىن كىيىن ،مەھمۇد كاشغەرى ئانا تىل مەكتىپى نىڭ ئىدارە ھەيئىتى جىددى يىغىن ئېچىپ مەكتەپ پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرىكىدەك ئۇزاق مۇساپىدىن تور مۇھىتى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىش ئىشلىرىنى نىسپى قىسقارتىپ مەكتەپتە  يۈزتۇرانە دەرىس ئۆتۈش ئىشلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈردى . 2021-يىللىق كۈز مەۋسۇملۇق دەرس گەرچە بىر ئاز كېچىككەن بولسىمۇ،بۈگۈن ئىككىنچى ئوكتەبىر شەنبە كۈنى ئىنتايىن قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە باشلاندى .نەچچە ۋاقىتتىن بىرى بىر بىرى بىلەن دىدارلىشىشنى سېغىنىپ كەتكەن ئۆسمۈرلىرىمىزنڭ يۈزلىرىگە يازنىڭ ئىللىق ئاپتىپىدەك تەبەسسۇم پەيدا بولدى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>