شىۋېتسىيە  باش  مىنىستىرى  ماگدالىنا ئاندىرس سون  خانىم ،“شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا رەسمى ئىلتىماس سونىشىمىز  ئۇنچە يىراق  ئەمەس “

شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى ماگدالىنا ئاندىرس سون خانىم ،“شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا رەسمى ئىلتىماس سونىشىمىز ئۇنچە يىراق ئەمەس “

شىۋېتسىيە  باش  مىنىستىرى  ماگدالىنا ئاندىرس سون  خانىم ،“شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا رەسمى ئىلتىماس سونىشىمىز  ئۇنچە يىراق  ئەمەس “ دەپ  بايانات ئېلان  قىلدى .

چاشەنبە  كۈنى شىۋېتسىيە  دۆلەتلىك تىلىۋىزىيەسى (S V T)  قانىلىنىڭ  زىيارىتىنى  قۇبۇل  قىلغان شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى  ماگدالىنا ئاندىرس سون خانىم ،رۇسىيە  مۇستەملىكچى لىرىنىڭ ئالدىنقى ئايدا   ئوكرائىناغا سەۋەبسىز  ھۇجۇم  قىلىپ كىرگەنلىكى ،ۋە رۇسىيە  ھەربى  ئايرۇپىلان لىرىنىڭ  شىۋېتسىيە  ھاۋا بوشلىقىغا ئارلاپ  ئارلاپ كىرىپ  ئۇچۇپ  چىقىپ  كىتىش ئارقىلىق  ،شىۋېتسىيەنىڭ   دۆلەت  ئىگىلىك  ھوقۇقىغا قەستەن  دەپسەندىچىلىك قىلىپ  ئويناشتەك  تەھدىتلىرى  سەۋەبلىك ،شىۋېتسىيە نىڭ  شىمەلى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشقا رەسمى  ئىلتىماس  سونىشىنىڭ ئانچە  يىراق ئەمەسلىكىنى  ئېيتتى .

ھازىرقى ھۆكۈمەت  بېشىدىكى  ”شىۋېتسىيە سوسيال  دېمۇكراتلار  پارتىيسى ”نىڭ  پارتىيە باشلىقى  شۇنداقلا شىۋېتسىيە نىڭ  باش  مىنىستىرى ،ماگدالىنا ئاندىرس سون خانىم  قوشۇمچە  قىلىپ مۇنداق دىدى : كۆز  ئالدىمىزدىكى  ئەمىلى  خەتەر  ۋە  بۇ  خەتەرنىڭ  ئالدىنى ئېلىش  جەھەتلەردە ،ئالاقىدار  دۆلەت مۇتەخەسسىسلىرى  نىڭ  ئىشتىراك قىلىشىدا مەسىلىلەرنى  تېخىمۇ  چوڭقۇر  تەھلىل  تەتقىق قىلىشنى ۋە  شىۋېتسىيە نىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە  پايدىلىق  بولغان  ئەڭ  ئەۋزەل  چارە  تەدبىرلەرنى ۋاختىدا  ئېلىشنى  ئويلىشىۋاتىمىز .

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*