خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار  ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى نىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى نىڭ جاۋابكارلىقىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى 2016-يىلىدىن باشلاپ شەرقى تۇركىستاندا كۈلەملەشكەن نازى كامپىلىرىنى تەسىس قىلىپ مىليۇنلارچە شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ مەسۇم  جانلىرىغا زامىن بولدى . ب د ت ۋە تەرەپسىز كىشىلىك ھوقۇك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ شەرقى تۇركىستاننى زىيارەت قىلىپ ئەركىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەپ ،ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى ئىزچىل سادىر قىلىپ كىلىۋاتقان جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ پاكىتلىرىنى ئۈچۈرۇپ ،پاش بولۇپ قالغانلىرىنى قېلىنلىق بىلەن رەت قىلىپ ،خەلقارا جەمىيەتنىڭ كۆزىنى بۇياپ ئالداشقا ئۇرۇنۇپ ،جىنايەت ئۈستىگە جىنايەت سادىر قىلدى .بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خەلقارا جەمىيەتنىڭ قاتتىق بېسىمى ئالدىدا مەلۇم جەھەتتىن تەسلىم بولۇشتىن باشقا يول تاپالمىغان خىتاي مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرى بۇ ،نۆۋەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچېلېت  نىڭ شەرقى تۇركىستان ۋە  خىتاينى زىيارەت قىلىشىغا ئىلاجىسىز ماقۇل بولدى .

مىشىل باچىلىت خانىم ،جۈڭگۇ  ۋە جۇڭگۇنىڭ مۇستەملىكى ئاستىدىكى شەرقى تۇركىستاننى  زىيارەت قىلىپ ،خىتاينىڭ  كاتتىۋېشى جاللات  شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ شايكىلىرى نىڭ  شەرقى تۇركىستان خەلقىگە چەكتۈرگەن مۈشەققەتلىرىنى ئېلىپ بارغان ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە  كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى  يۈزەكى جەھەتتىن بولسىمۇ   دەسلەپكى قەدەمدە سۈرۈشتۇرىۋاتقان بىر ھالقىلىق پەيتتە ”كىسىلىنى يۇشۇرسا ئۆلىمى ئاشىكارا ”دىگەندەك،  ‏24-ماي «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» ئاشكارىلىنىپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىدى .كاززاپ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار   خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئالدىدا يەنە بىر قېتىم  رەزىل بولۇپ ،دۇنيا غا پۇر كەتكەن  (ئىرقى قىرغىنچىلىق جانايىتى )قىلمىشلىرىنى  ساختا سنارىيە لەر  بىلەن يېفىش ،ياكى ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىدىن كوللىكتىپ قېچىش ،ئەسلا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى  خالاپ خالىماي  ئىتىراپ  قىلىشقا  دۈچ كەلدى  .لېكىن  قېلىنلىق دورىسى ئىچىۋالغان خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار ،ئەزەلدىن دۈمبە كۆرسىتىپ ئۆپكە سېتىش ،ئادەم  ئۆلتۈرۋېتىپ مەيىتنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىپ يىغلاشتەك ھىلىگەرلىكى  ۋە مەككارلىقى بىلەن مەشھۇر .خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ يەپ تويماس قېرى ئانىلىرى ئىككى دانە ياغاچ زىخنى قولىغا ئېلىۋېلىپ پايپاق توقۇشقا  ماھىر  بولسا ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ تەشۋىقات تارماقلىرى مىكروفۇن ۋە  قەلەمنى قولىغا ئېلىۋېلىپ  ج ك  پ  نىڭ فايدىسىغا يالغان  ېاۋۇداق  توقۇشقا بەك ماھىر .خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار  شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ ئۇرۇق تۇققان يېقىن يۇرۇقلىرىنى گۈرۈگە ئېلىۋېلىپ ،ئۇلارنى  يالغان راستلاردىن كومپارتىيەگە مەدھىيە ئوقۇپ خۇشال كۈرنۈشكە قىستىسا خىتاينىڭ  مىدىئا تارماقلىرى مەجبۇرى كۈلدۈرۈلگەن ،ياكى ئاچچىق نەفرەتتىن بوغۇلۇپ ئاچچىق كۈلگەن  ئەشۇ بىر  قىسىم شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ  سۈنئى خوشھال كەيپىياتىنى سەرمايە قىلىپ ،قاتىل  كومپارتىيە ئۇنسۇرلىرىنى  مەرھەمەتلىك  ساخاۋەتچى قىياپىتىدە تەسۋىرلەپ  يالغان خەۋەر  ۋەساختا  ھۆججەتلىك فىلىملارنى كىرىشتۈرۈپ توقۇپ چىقتى .

مۇبادا ساختا روللارنى تۈزۈك قاملاشتۇرۇپ ئالالايدىغان ئۇيغۇر  كەم  بولغان ئەھۋال ئاستىدا قېلىن خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇرچە كىيىم كېچەكلەرنى كېيدۈرۈپ جابدۇپ  ساختا مەنزىرە ھاسىل قىلىپ ئىشلەتتى .بۇنداق تېتىقسىز بىمەنىلىك  ئەھۋاللار خىتاينى ئازراق  تەتقىت قىلغان  تەتقىقاتچىلارغا  ھەتتاكى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا ياشاپ باققان نۇرمال ئادەملەرگە نىسبەتەنمۇ  يىڭىلىق بولمىسا كېرەك . يېغىنچاقلاپ  ئېيتقاندا ،بۇ  ،نۆۋەت خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار  ئۆزلىرى سادىر قىلغان  ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتى نىڭ  جاۋابكارلىقىدىن يەنە  قېچىپ قۇتىلىۋېلىش ئۇچۇن بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ زور  تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىپ باقتىيۇ، ئەمما ئۈچۇر  تەرەققى قىلغان بۇ  زاماندا   خىتاينىڭ قەبىھ ماھىيتى خەلقارا جەمىيەتنىڭ كۆزىگە مانا  مەن  دەپ كۆرىنىپ قالدى .

ئەگەر  خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ خاراكتىرىدە زەررىچە بولسىمۇ ئادىمىلىككە خاس ئەركەكلىك بولسا ئىدى ،بۇنداق بىر تەرەپتىن نامەرتلەرچە جىنايەت سادىر قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇپ ،يەنە بىر  تەرەپتىن جىنايەتنى يۇشۇرۇپ  جان قىيناپ يۇرۇشنىڭ ئورنىغا ،ئىزا تارتىپ  بولسىمۇ ،نۆۋەتتىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق نىڭ جىنايى جاۋابكارلىقنى ئەركەكلەرچە ئۈستىگە ئېلىپ شەرقى تۇركىستان خەلقىدىن سەمىيمى كەچۇرۇم سوراپ ،بارلىق لاگىر قۇربانلىرىغا مۇۋاپىق دەرىجىدە تۆلەم تۆلەپ ،خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئالدىدا بۇنداق ۋەھشىيانە جىنايەتنى قايتا سادىر قىلماسلىققا قەسەم ياد ئىتىپ ،شەرقى تۇركىستان تۇپرىقىدىن چىرايلىقچە چىكىنىپ چىقىپ كەتكەن بولاتتى .خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلىرىنىڭ  تەبىئىتىدە  ئىنسانلىقنىڭ  ئەسىرى  ئەزەلدىن بولۇپ  باقمىغانلىقى ئۇچۇن ،نە  ئۇلار  73 يىل مابەينىدە  ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر  قىلىشتىن  بىرە  قەدەم  چىكىنىپ ئىنسانىيەتكە قاراپ يېقىنلىشىپ باقمىدى .نە  ئۆزى  سادىر  قىلغان ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ  خەلقارا جەمىيەتنىڭ ئالدىدا  ئۆزلىرىنىڭ ھەقىيقى  قەبىھ ماھىيەتلىرىنى قورقماي  ئاشىكارا  قىلالمىدى .

گەرچە  ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچېلېت  خانىم  شەرقى تۇركىستانغا بېرىشتىن ئاۋۋال  ب د ت  تەرەپنىڭ  ئۇيغۇر  ئىرقى قىرغىنچىلىقى ھەققىدە  نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھازىرلىغان دوكىلاتى نامەلۇم تۇسالغۇلار سەۋەبلىك ئېلان قىلىنمىغان بولسىمۇ ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار  ئىرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشتىن جان جەھلى بىلەن قېچىۋاتقان بولسىمۇ ،ئاخىر بىر كۈن  ئادالەتنىڭ  تەجەللى قىلىشىغا ،شەرقى تۇركىستاندا  مۇستەقىللىق تېڭىنىڭ قايتىدىن ئېتىشىغا  شەكسىز  ئىشىنىمىز .ۋە بۇ ئىشەنچ بىلەن  كۆرەشلىرىمىزنى ئىزچىل  داۋاملاشتۇرىمىز .rasim lager

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*