ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى  «تەكشۈرۈشى » نىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىپ كىتىپ بېرىۋاتقانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى «تەكشۈرۈشى » نىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىپ كىتىپ بېرىۋاتقانلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيۇشمىمىز”شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى“نىڭ  تەشكىللىشى ۋە شىۋېتسىيە دىكى  بارلىق  ۋەتەنپەرۋەر شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ پائال ھەمكارلىشىپ  قوللىشى  بىلەن ،5-ئاينىڭ29-كۈنى يەكشەمبە  شىۋېتسىيە پارلامىنتىنىڭ  ئالدىدا ،ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى  «تەكشۈرۈشى » نىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىپ كىتىپ بېرىۋاتقانلىقىغا ،شەرقى تۈركىستاندامۇستەملىكنىڭ يىلتىزى بولسا كۈندىن كۈنگەچوڭقۇرلىشىپ كىتىپ بېرىۋاتقانلىقىغا،لاگىرلارنىڭ ھەقىيقى تۈردە تاقالماي داۋاملىشىۋاتقانلىقى  زۇلۇمنىڭ چېكىدىن ئېشىپ كىتىپ بېرىۋاتقانلىقى قاتارلىق كۆپ قاتلاملىق مەسىلىلەرگە،قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.نامايىشتا سۆز  قىلغان  تەشكىلات  ۋەكىللىرى ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ  ئنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان  تالاي  جىنايى  قىلمىشلىرى ،شۇنداقلا  نۆۋەتتىكى  ”ئىرقى قىرغىنچىلىق  جىنايىتى ”نىڭ  پاكىتلىرىنى  ھەرخىل قۇلۇق ھىلىسى بىلەن يۇشۇرۇپ ، جاۋابكارلىقتىن   قېچىشقا ئۇرنىشى قاتارلىق  نامەردلىكلىرىنى  قاتتىق ئېيىپلىدى .شۇنىڭ بىلەن  بىر  ۋاقىتتا  خەلقارا جەمىيەتنى  خىتاينىڭ  كۆزىگە  قاراپ  ،خىتاي  بەلگىلەپ بەرگەن  يەرلەردىكى  ئالدىن تەييارلانغان  سۈنئى  مۇھىتنى  كۆزىتىپلا ،يۈزەكى  بىر دوكىلات  ئېلان  قىلىپ  سالماسلىققا ،خىتاينىڭ  جىنايى  جاۋابكارلىقىدىن  قېچىشىغا مەنىۋى پەلەمپەي  ھازىرلا پ  بەرمەسلىككە چاقىردى . دۇنيادىكى  نۇرغۇن  مۇستەقىل  دۆلەتلەر  خىتاي بىلەن بولغان تىجارىتىنىڭ كاسادلىشىپ قېلىشى ،ۋاقىتلىق پايدا  مەنپەتنىڭ كىسىلىپ قېلىشىدىن ئەنسەرەپ ،خىتاي مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقى تۇركىستاندا ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى  بەش  قولدەك بىلسىمۇ ،بۇ  ھەقتە لام  جىم  دىيەلمەي ،شەرقى تۇركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىق مەسىلىسىنى  ئەركەكلەرچە ئېتىراپ  قىلغان  دۆلەتلەرنىڭ  سېپىگە قېتىلىپ  ھەققانى  مەيداندا تۇرالمىغان بۈگۈنكىدەك  ئېچىنىشلىق  بىر  ۋەزىيەتتە  مەيدىسىنى كەرىپ  نامايىشقا  چىققان  ئاممىنىڭ  جاسارىتىدىن  تەسىرلەنگەن  بىر  قىسىم  ئاق  كۆڭۈل  ئىنسانپەرۋەر  چەتئەللىكلەر  كۆزلىرىگە  ئىللىق ياش  ئېلىپ  نايامىشچىلارغا  سەمىيمى ھىسداشلىقلىرىنى  بىلدۈرۈشتى .nijat28BE7B48-4D6F-42D5-8689-69623B5B5CE8

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*