بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچىلېت ، 31-ئاۋغۇست كۈنى شەرقى تۇركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى رەسمىي ئېلان قىلدى. دوكلاتتا ئىشغالچى خىتاينىڭ شەرقى تۇركىستاندا ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئۆتكۈزۋاتقانلىقى ئېنىق كۆرسىتىلدى .
دوكلاتتا بىلدۈرۈلۈشىچە، خەلقئارا جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسلانغاندا، خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ شەرقى تۇركىستاندا بىگۇناھ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرۈك مۇسۇلمانلارنى خالىغانچە تۇتۇپ قىيىن-قىستاققا ئېلىشى، ئاياللارنى خورلىشى ۋە ئۇلارنى تۇغماس قىلىۋېتىشى، ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلىپ، ئاتا-ئاناىلار بىلەن بالىلارنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىپ ئۇلارنى تىرىك يىتىمغا ئايلاندۇرۇپ قويىشى قاتارلىقلار خەلقئارا جىنايەت، يەنى ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلىنغان قەبىھ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئېنىق بايان قىلىندى .
48 بەتلىك بۇ، دوكلاتتا، ئەسەبى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ ئاتالمىش «تېررورىزم ۋە ئەسەبىيلىك» نى باستۇرۇش باھانىسىدا ،ئۆزلىرىنىڭ شەرقى تۇركىستاندىكى قانۇنسىز مەۋجۇدىيتىنى مەشرۇلاشتۇرۇشنى چىقىش قىلىپ غەرەزلىك تۈزۈپ چىققان بىمەنە «قانۇن ۋە سىياسى » رامكىسى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنى تۇتۇپ سولاش ۋە ئۇلارنى ئەركىنلىكتىن ئايرىۋېتىشتە قوللانغان بىر قاتار رەزىل ۋاسىتىلىرى ھەققىدە كونكىرت مەلۇماتلار بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا يەنە ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش مەركەزلىرى» جازا لاگىرلىرى نىڭ ئازاب ئۇقۇبەتلىك ناچار شارائىتى ۋە مەھبۇسلار ئۇچرىغان غەيرى ئىنسانى ،قىيىن قىستاقلار ،شۇنداقلا ئۇمۇمى خەلىقنىڭ ئېتىقاد، مەدەنىيەت، تىل، نۇرمال ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ئەھۋالى، ئائىلە ئەزالىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتىش ۋە مەجبۇرىي غايب قىلىۋېتىش، قورقۇتۇش، تەھدىت سېلىش ئارقىلىق شەرقى تۇركىستانلىقلارنى خىتايلارغا زورلاپ نىكاھلاپ چېتىپ قويۇشتەك رەزىللىكلەر ئۆچ ئېلىش قاتارلىق قىلمىشلار كۈچلۈك پاكىتلار بىلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئالۋاستىلار بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرۇپ كەلگەن بولۇپ، «ۋال-ستېرت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 31-ئاۋغۇست كۈنى بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ، بۇ دوكلاتنىڭ ئېلان قىلىنىشىغا جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما مىشېل باچېلېت خىتاينىڭ بېسىمى ۋە توسقۇنلىقلىرىغا قارىماي ب د ت دىكى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ئەڭ ئاخىرىقى كۈندە دادىللىق بىلەن بۇ ئاددى دوكلاتنى بولسىمۇ ئېلان قىلغان .