خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ خەلىقنى  قىيناپ ئۆلتۈرىشىگە  قارشى نامايىش ئېلىپ  بېرىلدى

خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ يۇقۇمنى باھانە قىلىپ خەلىقنى قىيناپ ئۆلتۈرىشىگە قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

شىۋېتسىيە دىكى شەرقى تۇركىستانلىقلار  13-سىنتەبىر  كۈنى  شىۋېتسىيە ۋاقتى سائەت 11:00 دە شىۋېتسىيە پارلامىنتى ئالدىغا جىددى توپلىشىپ ،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچى ئۇنسۇرلىرىنىڭ خىتاي ۋىرۇسىنى باھانە قىلىپ شەرقى تۇركىستان نىڭ  ھەر  قايسى  ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىنى  تاقاپ  خەلىقنى ئاچ  قويۇپ  قىيناپ  ئۆلتۈرىۋاتقانلىقىغا قارشى نامايىش  قىلدى .

ئۈشبۇ  جىددى  نامايىشنى شىۋېتسىيە دىكى  شەرقى تۇركىستانلىقلارنىڭ كۈچلۈك  تەلىۋىگە  بىنائەن شىۋېتسىيە  ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئالاھىدە  تەشكىللىگەن بولۇپ ، نامايىش ،شىۋېتسىيە  پارلامىنتىنىڭ يىڭى ھۆكۈمەت قورۇپ چىقىش ئۇچۇن سايلام ئۆتكۈزۈپ ئاكتىپ ئىشلەۋ اتقان  ۋە پارلامىنت ئالدى مۇخپىرلار  بىلەن لىق تولغان بىر  ياخشى ۋاقىتقا ئۇدۇل كەلدى .

نامايىشچىلار  شىۋىد تىلىدا ”خىتاي مۇستەملىكچىلىرى ئىرقى قىرغىنچىلىق سادىر  قىلىۋاتىدۇ .شىۋېتسىيە ھەركەتكە ئۆت !ئۇيغۇرلار  ھىسداشلىققا مۇھتاج ”دېگەندەك مەنىلىك شۇ ئارلارنى  توۋلاپ پارلامىت  ئالدىنى زىل  زىلغا سالدى .شىۋېتسىيە ئۇيغۇر  مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ شىۋېتسىيە دىكى ئۇيغۇرلارغا  ۋاكالىتەن  شىۋېتسىيە پارلامىنتى ۋە  خەلقارا  جەمىيەتنى  خىتاي ئىشغالچىلىرىنىڭ شەرقى تۇركىستاندا ئىزچىل سادىر  قىلىۋاتقان  ئىرقى قىرغىنچىلىق ۋە ئاچ  قويۇپ قىناش جىنايەتلىرىنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلغان  شىۋېدچە  باياناتى ئوقۇپ  ئۆتۈلدى .6BBDE402-D071-4C03-B253-E43740FA2C96

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ