قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىست   مۇستەملىكچىلرى تەرەپتە تۇرۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق جامائىتىنىڭ نارازلىقىنى قوزغىدى

قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلرى تەرەپتە تۇرۇشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ۋە قازاق جامائىتىنىڭ نارازلىقىنى قوزغىدى

شەرقى تۈركىستان بىلەن تارىخىي، مەدەنىيەت ۋە قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق تۈركىي دۆلەتلىرى بىلەن، بىر قىسىم ئەرەب ۋە ئىسلام ئەللىرى دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت دا خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى، پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر، ۋە قازاقلارنىڭ، نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.4FD9F1CE-4A4A-495E-966F-8A59A3517E65

ئامېرىكا باشلچىلىقىدىكى بەزى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە سۇنغان تەكلىپ لايىھەسىگە قارىتا 6-ئۆكتەبىر كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت شىتابىدا ئاۋازغا قويۇش يىغىنى بولغان ئىدى. نەتىجىدە ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى دېموكراتىك دۆلەتلەر 17 ئاۋازغا، خىتاي ۋە ئۇنىڭ تەرەپدارلىرى 19 ئاۋازغا ئېرىشىپ، 2 ئاۋاز پەرق بىلەن، يەنى 17 گە قارشى 19 ئاۋاز بىلەن خىتاي تەرەپ ئۇتۇپ چىققان بولدى.

بۇ قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا ئۇيغۇرلار بىلەن قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان ئۆزبېكىستان، قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بەزى ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكچىلىرىنى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىدى. بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان بىلەن قازاقىستاننىڭ خىتاينىڭ مەيدانىدا تۇرۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستاندىن ئىبارەت ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىككى قېرىنداش تۈركىي دۆلەتنىڭ ب د ت دا خىتاينى قوللاپ ئاۋاز بېرىشى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى يەنە قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭمۇ كۈچلۈك نارازىلىقىنى پەيدا قىلدى. قازاقىستاندىكى «ئاتايۇرت پىدائىرىلىرى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇل خادىمى ئەربول دەۋلەتبەگ بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدا ھېلىھەم ئازاب چېكىۋاتقان شۇنچە كۆپ ئۇيغۇر، قازاق ۋە قىرغىز تۇتقۇنلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ئەھۋالىغا كۆز يۇمۇپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاي ئۈچۈن بېلەت تاشلىغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

ئۇنداقتا قازاقىستان ۋە ئۆزبېكىستاننىڭ خىتاي تەرەپدارى بولۇپ ئاۋاز بېرىشىدىكى ھەقىقىي سەۋەب زادى نېمە؟ كېلەچەكتە بۇ دۆلەتلەرنىڭ پوزىتسىيەسىدە ئۆزگىرىش بولامدۇ؟

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، تۈركىيە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئەزاسى بولمىغاچقا بىلەت تاشلىمىغانلىقىنى، لېكىن بۇ قارار لايىھەسىنى تەييارلاشتا ئامېرىكا باشلىق غەرب ئەللىرى بىلەن ئوخشاش تەرەپتە تۇرغانلىقىنى، كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئىجابىي تەرەپكە قاراپ يۈزلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن ئايدا قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستانغا زىيارەت ئېلىپ بارغان ئىدى. بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ب د ت دىكى بېلەت تاشلاش ئىشىدا، شى جىنپىڭنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ تەسىرى بولدىمۇ؟ خىتاي بۇ زىيارەتتە قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە نېمە ۋەدىلەرنى بەرگەن؟

د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، شى جىنپىڭ قازاقىستانغا زىيارەت ئېلىپ بارغاندا ‹قازاقىستاننىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى، ھەتتا قوغدايدىغانلىقى› توغرىسىدا ۋەدە بەرگەنلىكىنى، شۇڭا بۇ قېتىم خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ بىلەت تاشلىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئۇيغۇرلار بىلەن تىل، مەدەنىيەت ۋە قان-قېرىنداشلىق جەھەتتە ئەڭ يېقىن بولغان ئۆزبېكىستاننىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى قوللاپ بىلەت تاشلىشىدا، ئۆزبېكىستانىڭ خىتاينىڭ مەبلەغ سېلىشىغا، تېخنولوگىيە بېرىشىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، ئەگەر قازاقىستان بىلەن ئۆزبېكىستان خىتايدىن كۈتكەنلىرىنى باشقا دۆلەتلەردىن ئالالىسا، خىتايدىن يۈز ئۆرۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇر ئېلىدا كۆپ ساندا قازاق ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، خىتاي تەرەپتە تۇرۇپ بىلەت تاشلىغان دۆلەتلەر ئىچىدە 2 قان-قېرىنداش دۆلەت بىلەن بىر قىسىم مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ بولغانلىقىدىن چوڭقۇر ئەپسۇسلانغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ ھەم مۇسۇلمانلىق ھەم قان-قېرىنداشلىق مىزانلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخان ئەپەندى، بۇنىڭدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈمىدسىزلەنمەسلىكىنى، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى خىزمەتلىرىدە بۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى تىلغا ئالدى.

بەزى مۇتەخەسسىسلەر، ب د ت دىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە قارار قوبۇل قىلىش كۈرىشىدە، ئامېرىكا باشلىق غەرب بىلەن خىتاينىڭ ئارىسى تېخىمۇ ئېچىلغانلىقىنى، بۇندىن كېيىن بۇ ئارىلىقنىڭ تېخىمۇ يوغىنايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتى.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ