مەركىزى ئىستانبۇلدىكى خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان، باشچىلىقىدىكى ھەيئەت، 2022- يىلى 11- نويابىر جۈمە كۈنى شىۋېتسىيە ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ مەركىزىنى زىيارەت قىلدى ۋە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن ئۇچراشتى.
بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا قۇرئان كەرىم تىلاۋىتىدىن كېيىن، ھۆرمەتلىك ھىدايىتۇللاھ ئوغۇزخان جامائەتكە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە چەتئەلدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق يولىدا دۈچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم توسالغۇلار ۋە قولغا كەلتۈرۈلگەن بەزى نەتىجىلەرنى ئىزاھلاپ ئۆتتى.
ئارقىدىن شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ پەتىۋا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى دوكتۇر ئالىمجان بۇغدا، ھىدايەتۇللاھ ئوغۇزخاننىڭ سۆزىگە قوشۇمچە قىلىپ ، ئىككى جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ قۇرۇلۇشىدا ئاساسلىق رول ئوينىغان رەھبەرلەرنىڭ دىنىي زاتلار ئىكەنلىكىنى تەكىتلدى.





