ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە، ئۇيۇشمىمىز شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يوللىدى
10- دېكابىر ئىنسان ھەقلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن، تاجاۋۇزچى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا، خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقى، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ھەق- ھوقۇقىنى قوغداش شوئارىغا قارىتا ھاقارەت بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، 2022- يىلى 6- ۋە 9- دېكابىر كۈنى، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى سەپەرۋەر قىلىپ، شىۋېتسىيەدە بۇيىل سېنتەبىر ئېيىدا ئۆتكۈزۈلگەن سايلامدىن كېيىن بىرقىسىم پارلامېنت ئەزالىرى ۋە مىنىستېرلار ئالماشقان بولۇپ، يېڭىدىن پارلامېنتقا كىرگەن پارلامېنت ئەزالىرىغا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى دۆلەتلەر ئارا دېپلوماتىك شەكىلدە توختىتىشقا ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدا، خىتاينىڭ ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى تونۇشقا چاقىرىق قىلىپ، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يوللىدى.
شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋە شىۋېتسىيە لارلامېنت ئەزالىرىغا خەت يوللاشتىكى ئامىللار بولسا، خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 2017- يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنى يىغىپ ئاتالمىش تەربىيىلەش باھانىسى بىلەن جازا لاگېرلىرىغا سولاپ، ھەرخىل قىيىن قىستاقلار بىلەن نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلۈشىگە ۋە يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پالەچ بۇلۇپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى بىلەن بىرگە، نۇرغۇنلىغان خانىم قىزلارنى تۇغماس قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىقىنى بىلدۈرۈش ۋە يەنە، ئۇيغۇر خانىم قىزلارنى خىتاي ئەرلىرىنى مەجبۇرىي توي قىلدۇرۇش، ئائىلىدىكى كۈندىلىك ھەرىكەتلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، ھەر- بىر ئائىلىگە بىردىن خىتاي ئەر جاسۇسلىرىنى يەرلەشتۈرگەنلىكى، 800 مىڭدىن كۆپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنى ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىپ خىتاي ئېگىدارچىلىقىدىكى لاگېرلارغا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇپ ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي كىملىكىنى ئۇنتۇلدۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرقىسىم خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە تاراتقۇلار سەككىز دېموكراتىك دۆلەت خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى، لېكىن شىۋىتسىيە ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، تېخى ئاشكارا بىر نەرسە دېمگەنلىكىنى، بۇ سەۋەبتىن شىۋېتسىيە پارلامېنتتىكى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ پارلامېنت يىغىنلىرىدا، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسى ۋە تەدبىرلىرىنى مىسال قىلىپ كۆرسىتىشىنى تەلەپ قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشىنى توسۇش ۋە ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرگە قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز. دېگەن مەزمۇندا خەت يوللاندى.
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، ئالدىنقى ئايدا شىۋېتسىيە پارلامېنتى ۋە شىۋېتسىيەتاشقى ئىشلار ئىدارىسىگە خەت يوللىغان ئىدى. بۇ قېتىم خەلقنى شەخىس سۈپىتىدە، شىۋېتسىيە پارلامېنتىدىكى بارلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا ئېلېكتىرونلۇق خەت يوللاشقا سەپەرۋەر قىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، دۇنيا ئىنسان ھەقلىرى كۈنىدە، شىۋېتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرى ۋە شىۋېتسىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى توختىتىش توغرىسىدا خەت يوللىدى.