ئىشغالچى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىدە، شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي ۋىرۇسىنى نۆلگە چۈشۈرۈش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئۆيلىرىگە سولاپ ئاچ قۇيۇپ ئۆلتۈرۈش، ئوت كەتكەن بېنانىڭ ئىشىكلىرىنى تاقاپ ئۆيدىكىلەرنىڭ ئوتتا كۆيۈپ ئۆلۈشىگە كۆز يۇمغانلىقى سەۋەبىلىك، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىشغالىيىتىگە قارشى، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ياشلار بۆلۈمىدىكى ئاۋانگارت ياشلار، نورۋېگىيە ئۇيغۇر ياشلار تەشكىلاتىنىڭ باشلىغان blueindependence# دىگەن پائالىيىتىنى قوللاپ، «شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇڭ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى قوللاڭ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ھەركىتىنى قوللاڭ» نامىدا ھەرىكەت باشلىدى.
#UrumchiFire #EastTurkistanFire
#Blueindependence






