5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26 يىللىقىنى خاتېرىلەپ، ستوكھولمدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنىڭ 26 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن، شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، 2023- 5- فېۋرال يەكشەنبە كۈنى، شىۋېتسىيەنىڭ پايتەخشى ستوكھولمدا تۇرۇشلۇق خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىش شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ سىياسى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى نىجات تۇرغۇننىڭ باياناتى بىلەن باشلانغان بولۇپ، شىۋىرغان قارلىق ھاۋارايىنىڭ شوغۇقلىقىغا قارىماي بارغان نامايىشچىلار، نىجات تۇرغۇننىڭ باياناتىدىن كېيىن، خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەتسۇن، بىز خىتايلارنىڭ دۈشمىنى، خىتايلارمۇ بىزنىڭ دۈشمىنىمىز، بىز خىتايلار بىلەن ئورۇق تۇققان ئەمەس، بىز خىتايلارنى خالىمايمىز، بىزگە مۇستەقىللىق كېرەك، دېگەندەك شىۋېتدچە شوئارلارنى توۋلاپ، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئەتراپىنى زىلزىلىگە سالدى. نامايىشچىلارنىڭ جاراڭلىق شوئارلىرىدىن بىئارام بولغان ئەلچىخانىدىكى خىتاي تاجاۋۇزچىلىرى، مۇقىملىقنى قوغداۋاتقان ساقچىلارغا شىكايەت قىلىپ ياڭراتقۇنى توختىتىۋەتتى. نامايىش ئاخىرىدا تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇمنىڭ دۇئاسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ