باش بەتكە قايتىڭ » ئۈنىۋېرسال يازمىلار » خەلقئارا ئانا تىل كۈنى

خەلقئارا ئانا تىل كۈنى

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

1999-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ، پەن -مەدەنىيەت باشقارمىسى يىغىن چاقىرىپ ،2000-يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 2-ئاينىڭ 21-كۈنىنى«خەلقئارا ئانا تىل كۈنى » قىلىپ بېكىتكەنلىكىنى جاكارلىغان بولۇپ، «خەلقارا ئاناتىل كۈنى» نى خاتىرىلەش كۆپ خىل تىل ۋە كۆپ خىل مەدەنىيەتنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى، دۇنيا تىللىرىنىڭ رەڭدارلىقىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلغان. بۇ،كۈننىڭ تاللىنىشىدا ئالاھىدە بىر سەۋەپ بار بولۇپ، 1952 -يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۈنى،يەنى بىنگال پاكىستانغا قارايدىغان دەۋردە، بىنگالدىكى نورغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بېنگال تىلىنى دۆلەت تىلىنىڭ بىرى قىلىشنى تەلەپ قىلىپ نامايىش قىلغاندا، خەلق ئاممىسى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ بىرنەچچە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى قۇربان بولغان. شۇڭلاشقا بۇ كۈننى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن ب د ت مائارىپ، پەن-مەدەنىيەت باشقارمىسى ھەر يىلى 2- ئاينىڭ 21-كۈنىنى ”خەلقئارا ئاناتىل كۈنى“ قىلپ بېكىتكەن.

ئاپتۇرى: ۋارىس

Share

بىر باھا

  1. ئائىلە مائارىپى . جەمئىيەت ۋە مەكتەپ مائارىپىنىڭ پۇختا ئاساسى ، قوش تىل مائارىپى ئومۇمىيۈزلۈك ئومۇملىشىۋاتقان ، ھەرخىل مەدەنىيەتلەر گىرەلىشىپ كەتكەن مۇشۇنداق بىر خەتەرلىك شارائىتتا ئانا تىلنى ئۈگۈنۈش ھەم قوغداشتىكى ئەڭ ياخشى مۇھىت دەل ئائىلە . مۇشۇيەردە ئولتۇرغانلار ھەممەيلەن ئىشنى ئۈزىمىزدىن باشلىساق بۇلىدۇ . ئاۋال ئۈزىمىزنىڭ ئانا تىل ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۈرەيلى . ئۇنىڭدىن كىيىن باللىرىمىزغا ھەممە جەھەتتىن ئۈلگە بۇلايلى . باللىرىمىزغا ئانا تىلنى ئۈگۈنۈش مۇھىتى ھازىرلاپ بىرەيلى

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>