باش بەتكە قايتىڭ » ۋەقە ۋە مۇلاھىزە » بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەربىيەلەمدۇق؟

بالىلىرىمىزنى مۇشۇنداق تەربىيەلەمدۇق؟

ئوغلۇمنى ئىككى يېرىم ياشقا كىرگەن يىلى ئايالىم بىلەن بىللە ئامېرىكىغا ئېلىپ كەلدىم. مېڭىشتىن بۇرۇن بەزىلەر بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ:«ئوغلىڭىزنىڭ تىلى ئىنگىلىزچە تېزلا چىقىپ كېتىدىغان بوپتۇ-دە!»دېيىشتى زوقلىنىپ.  «ياق -دېدىم مەن، -ئانا تىلى تولۇق چىقىپ بولمىغۇچە ئىنگلىز تىلى ئۆگەتمەيمەن. مەنمۇ ئىنگلىزچىنى 23يىشىمدىن، خەنزۇچىنى11يىشىمدىن باشلاپ ئۆگەنگەن، كىيىن ئۆگىنىۋالىدۇ ئىنگلىزتىلىنى!»ھاۋايغا كەلگەندىن كىيىن دېگىنىمدەك قىلدىم. ئۇ يەرنىڭ يەسلى مائارىپىدا بالىلارنى ئىككى ياشقا توشقاندىن تارتىپ قۇبۇل قىلدىكەن؛ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ بالىلىرىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان يەسلىلىرىمۇ بار ئىكەن. لېكىن مەن ئوغلۇمنى يەسلىگە بەرمىدىم. ئوغلۇم ھازىر تۆت ياشقا قاراپ ماڭدى. ئۇ ھازىر ئۇيغۇر تىلىنى بېرىلىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ. تىلى راۋان چىقىپ بولمىغۇچە باشقا تىل ئۆگىتىش نىيتىم يوق.  بىر كۈنى ھاۋاي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنژىنىرلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر تۈرۈك تونۇشۇم بىزنى ئائىلە بويىچە مېھمانغا چاقىردى. ئۇ، كالفورنىيەدىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتتا دوكتورلۇقتا ئۇقۇش داۋامىدا ئۇ يەردىكى بىر قانچە ئۇيغۇر بىلەن ياخشى يېقىن ئۆتكەنىكەن. گەپتىن گەپ چىقىپ، پاراڭنىڭ تېمىسى كالفورنىيەدە ياشاۋاتقان بىر نەچچە ئۇيغۇرنىڭ ياشاش ئەھۋالى توغرۇلۇق بوپقالدى.

 

-ئۇ يەردىكى بىر نەچچە ئۇيغۇر قېرىندىشىمىزنىڭ بالىلىرىغا قاراپ ھەيران قالدىم، ئۇيغۇر بالىلار ئانا تىلدا سۆزلىمەيدىكەن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن ئىنگلىزچە سۆزلىشىدىكەن. بەزىلەر بالىلىرىغا داۋىد دېگەندەك چەت ئەلچە ئىسىم قۇيۇپتۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرىغا نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە ئۆگەتمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبىنى چۈشىنەلمىدىم.
لېكىن، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياپ سەۋەبىنى سورىمىدىم، -دېدى ئۇ ئېھتىيات بىلەن قۇشۇپ قويدى، -بەلكىم كالفورنىيەنىڭ باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار باشقىچە يول تۇتۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
ئارىدىن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن، ھونۇلۇلۇدا ئوقۇش، ئىشلەش مۇناسىۋىتى بىلەن تۇرۇپ قالغان بىر نەچچە ئۇيغۇر ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئايدا بىر قىتىم ئوپچە دالا تامىقى يەيدىغانغا كېلىشتۇق. شۇئارىدا 2004-يىلدىن2008-يىلغىچە تۈركىيىدە تۇرغان بىر جۈپ ياش ئەر-خۇتۇنمۇ كەلدى. دالا تامىقىغا ئۇنىمۇ تەكلىپ قىلدۇق. شۇڭغىچە مەن چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ بالىلىرى توغرۇلۇق تۈزۈكرەك چۈشەنچىگە ئىگە بولماپتىكەنمەن. تۇنجى قىتىملىق پائالىيتىمىزدە بىر ئىشنى ھەريانلىق ئىچىدە بايقىدىم. يەنى تۈركىيەدە تۇرغان قېرىندىشىمىزنىڭ ئۈچ ياشلىق ئوغلىنىڭ تىلى تۈرۈكچە، بەش يىلدىن بېرى ئىزچىل ھونۇلۇلۇدا تۇرۋاتقان ۋە ئۇقۇۋاتقان يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ ئىككى بالىسىنىڭ تىلى پۈتۈنلەي ئىنگلىزچە چىقىپتۇ. بۇ بالىلار ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىكەن، ئاتا-ئانىسى بىلەن باشقا تىللاردا سۆزلىشىدىكەن. ھەيرانلىقىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ئىچىدە ھىچقايسىسىنىڭ چەت ئەلدە تۇرغان ۋاقتى بەش يىلدىن ئاشمىغان ۋە ئۇ ئاتا-ئانىلار چەتكە چىقىشتىن بۇرۇن ئۈرۈمچىدە چوڭ بولغان ۋە ياشىغانىدى. تۈركىيەلىك دوستىمىزغا ئوخشاشلا مەنمۇ بۇ بالىلارغا ئانا تىل ئۆگىتىشكە توسقۇنلۇق قىلىۋاتقان كۈچنىڭ نېمىلىكىنى بىلەلمەي ھەيران قالدىم. كىيىن باشقا دۆلەتلەردە ئوقۇۋاتقان بىر قىسىم قېرىندىشىمىزنىڭ ئارىسىدىمۇ بالىلىرىغا شۇ دۆلەتلەرنىڭ تىللىرىنى ئۆگىتىش قىزغىنلىقىىنىڭ يۇقىرىلىقىنى سىزىپ قالدىم. بۇنداق ئەھۋال خېلىلا ئومۇملاشقانمۇ ئەيتاۋۇر، كىيىنچە چەت ئەلدە دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان بىرەيلەن«بۇ بالىلارنى كىم ئۈچۈن تەربىيەلەۋاتىمىز؟»دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.
بۇ ماقالە ۋەتەن ئىچىدىكى ئىنتېر تورلىرىدىمۇ بېسىلدى. دېمەك، چەت ئەللەردە بالىلىرىغا ئانا تىل ئۆگەتمەسلىك خېلىلا ئومۇملاشقان ھادىسە بولسىمۇ، ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ يىغىسىنى يىغلايدىغان قېرىنداشلىرىمىز يەنىلا ئاز ئىكەن.

ئاپتۇرى :زۇلپىقار بارات ئۆزباش

 

Share

بىر باھا

  1. تىل ئالاقە ۋاستىسى ۋە تەپەككۇر قۇرالى، شۇنداقلا مىللەتنىڭ مەنىۋى ئومۇرتقىسى، مىللىي مەۋجۇدلۇقىنىڭ زۆرۈر كاپالىتى، مىللەت تەرەققىياتىنىڭ سولماس قانىتى. دۇنيادىكى بارچە تىللار ئوخشاش گۈزەل ۋە بۈيۈك ھېسابلانسىمۇ، ئەمما ھەر مىللەت ئۈچۈن ئۆز ئانا تىلى ئەڭ مۇقەددەستۇر!
    ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلى ! ئۇيغۇر تىلى – ئۇيغۇرنىڭ جېنى!
    ھەر بىر ئۇيغۇر پۇشتى ئۇيغۇر تىلىنىڭ شان – شەرىپىنى قوغداش، ساپلىقى ۋە گۈزەللىكىنى ساقلاش، پاساھىتى ۋە بالاغىتىنى جەۋلان قىلىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلى ‹‹ ئۇيغۇر تىلى ›› نى قەدىرلىشى ، ئۇنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشى، ئىجتىمائىي ئالاقىلەردە ئۇنى سۆيۈنۈش ئىلكىدە ئىشلىتىشى كېرەك. ئىنسان پەقەت ۋە پەقەت ئانا تىل تەپەككۇرى ئارقىلىقلا ئۆزىنىڭ يۈكسەك پەللىسىنى يارىتالىشى مۇمكىن. ئېينىشتىيىنمۇ ئەگەر ئانا تىلى – نىمىس تىلى ئارقىلىق تەپەككۇر قىلمىغان بولسا ئىلىم – پەننىڭ چوققىسىغا مۇۋاپپەقىيەتلىك ئۆرلىيەلمىگەن بولاتتى. بىز يەنە شۇنى ئۈمىد قىلىمىزكى، ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى مىللەتنىڭ ئەقىل – پاراسىتىنى نامايىش قىلىش، مىللەتنىڭ گۈزەل كېلەچىكىنى يارىتىش ئۈچۈن چوقۇم خىتايچە ، ئېنگىلىز تىللىرىغا ئوخشاش باشقا بىر قانچە تىلنى ئىگىلىشى لازىم. بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك ، ھېكمەت قەسىرلىرىدىن بىرىنىڭ ئاچقۇچنى ئارتۇق ئىگىلىگەنلىك؛ بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك دۇنيانى چۈشىنىشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلىغا ئېرىشكەنلىك؛ بىر تىلنى ئارتۇق بىلگەنلىك جاھاندارچىلىقنىڭ يەنە بىر يولىنى تاپقانلىقتۇر. ئانا تىلنى باشقا تىللار بىلەن قارمۇ – قارشى قويۇپ قويماسلىق ، تىل ئۆگىنىشنى بىر تۈرلۈك زۆرۈر مەنىۋىي ساپا سۈپىتىدە تونۇش كېرەك.

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>