باش بەتكە قايتىڭ » ئۈنىۋېرسال يازمىلار » دۆلەت بايرىقىمىزنى قەدىرلەيلى!
دۆلەت بايرىقىمىزنى قەدىرلەيلى!

دۆلەت بايرىقىمىزنى قەدىرلەيلى!

ئابدۇللا كۆكيار

دۆلەت بايرىقى بىر دۆلەتنىڭ سىمۋولى،بىر دۆلەتنىڭ بەلگىسى، ۋەتىنىمىز(شەرقى تۈركىستان)نىڭ دۆلەت بايرىقى،ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق.ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقتىكى ئاي يۇلتۇز، شەرقى تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پاك ئېتىقادى ئىسلامغا سىموۋول قېلىنغان، كۆك رەڭ بولسا بىپايان ئاسمانغا سىموۋول قىلىنغان،دۆلەت بايرىقىنى قوغداش ۋە ئاسراش ھەر بىر شەرقى تۈركىستانلىق نىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مۇقەددەس مەسئۇلىيىتى ۋە مىللى بۇرچى .بىزنىڭ دۆلىتىمىز تارىخنىڭ ھەر قايسى دەۋىرلىرىدە ئۇلۇغ ئەجدادلارنىڭ قانلىرى بەدىلىگە بىر نەچچە قېتىم قۇرۇلۇپ،ئەشۇ دەۋىرلەردىكى ھەر قايسى قۇدرەتلىك دۆلەتلەر قاتارىدا ئۆز ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىپ،دۇنيا دۆلەتچىلىك پەلسەپە ۋە مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆزگىچە مەدەنى مىراسلارنى قالدۇرغان.
ئەپسۇس ئىچكىرى تاشقىرى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ زىيانكەشلىك قىلىشى سەۋەپلىك ئەڭ ئاخىرقى دۆلىتىمىز«شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيتى»1949-يىللىرى خىتاي كوممۇنىست مەستەملىكە كۈچلىرىنىڭ ئىشغال قىلىشىغا ئۇچۇرغان. شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ئەڭ ئەۋۋەل خەلىق قەلبىدە ئاندىن كىيىن شەرقتە ئارا يۇلتۇز«نىڭشىڭشا»نى چېگرا قىلغان بىر پۈتۈن شەرقى تۈركستان زېمىنىدا چوقۇم ۋۇجۇتقا كېلىشى ئېنىق بولغان بىر دۆلەت.يېقىنقى تارىختىن بۇيان ئەڭ ئاخىردا قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش يولىدا ئىسسىق قانلىرى ئارقىلىق بەدەل تۈلىگەن بىر نەچچە ئەۋلاد قەھرىمانلىرىمىز خەلقىنىڭ ئازادلىقى ۋە تىنچلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش،ئۇلارغا باياشات ۋە بەخىتلىك تۇرمۇش بەرپا قىلىش،دۆلەت قۇرۇلمىسىدا شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىتىقادىنى ئىتىبارغا ئېلىپ ئىسلامچە تۈزۈمنى ئورنىتىپ خەلقىنى ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولۇش ،ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش،شەرقى تۈركىستان دۆلىتىنى خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىسى دىن تەلتۆكۈس ئازاد قىلىپ خەلقارانىڭ قايتا ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتۈرۈش  ئۈچۈن نۇرغۇن جاپا مۇشەققەتلىك تارىخى جەريانلارنى باشتىن كەچۈرگەن .دۆلەتنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى شەكىللەندۈرگەن .بەزى تارىخى مەنبەلەردە كۆرسىتىلىشىچە 1933- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى سابىت داموللام باشچىلىقىدا قەشقەردە قۇرۇلغان ( شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى)دەۋرىدە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىمىزغا ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستان بايرىقىدا بار بولغان ”شاھادەت كەلىمىسى“چۈشۈرۈلگەن بولۇپ،1944- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى ئېلىخان تۆرە باشچىلىقىدا غۇلجىدا ئوخشاش ئاي كۈندە قۇرۇلغان ئىككىنچى   ( شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى )دەۋرىدە نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىنمۇ ياكى“ئاي يۇلتۇزنىڭ ئۆزىلا  شەرقى تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پاك ئېتىقادى ئىسلامغا سىموۋول بولۇشقا كۇپايە قىلىدۇ“دېگەن قاراش سەۋەبىدىنمۇ (ئېنىق ئەمەس)بايرىقىمىزدىن شاھادەت كەلىمىسى چىقىرىۋېتىلگەن.ھەر بىر دۆلەتكە نىسبەتەن شۇ،دۆلەتنىڭ سىمۋولى بولغان دۆلەت بايرىقى بولىدۇ.مەيلى دۆلەت بايرىقى قانداق رەڭدە ،قانداق شەكىلدە بولىشىدىن قەتئى نەزەر،ئۇ شۇ دۆلەتنىڭ ۋەكىللىك سىمۋولى ۋە بەلگىسى بۇلۇپ قەدىرلىنىدۇ.
 2007—يىلى ۋەتەن پەرۋەر سىياسى پائالىيەتچى ئابدىجىلىل تۇران ئەپەندى باشچىلىقىدىكى بىر تەتقىقات ھەيئىتى دۆلەت بايرىقىمىزنىڭ شەرقى تۈركىستان ئاسمىنىدا لەپىلدەش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى،خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بايرىقىمىزنى رەسمى ۋە غەيرى رەسمى ئورۇنلارغا ئېسىشنى مەنئى قىلىپ،بايراق ھەققىدە پاراڭ قىلىشنىمۇ بىرخىل سىياسى جىنايەت ھېسابلاپ ئۇنى خەلىقنىڭ ئىسىدىن چىقىرىشقا ئورنىشى قاتارلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتۇپ، خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن دۆلەت بايرىقىمىزنىڭ ئەسلى رەڭگى ۋە شەكلىنى ئاساس قىلغان ھالدا يېتەرلىك بايراق باستۇرۇپ چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا بىر تۇتاش تارقاتتى،ۋە ئەركىن دۆلەتلەردە ئەركىن ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ئائىلىلەرنىڭ بالكۇنلىرىغا بايراق ئېسىشنىڭ ئەھمىيىتىنى مىدىئا ئارقىلىق ئېنىق چۈشەندۈردى.
 .بىز دۆلىتىمىزنىڭ سىمۋولى ۋە بەلگىسى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆ بايراقنى ماشىنىمىزغا،ئۆيلىرىمىزگە بالكۇنلىرىمىزغا ئېسىش ئارقىلىق ئۇنى ئەۋلادلىرىمىزغا تونۇشتۇرۇپ تەشۋىق قىلىپ قوغدىشىمىز لازىم!

——————————————————————————————————

ئۆسمۈر بالىلار ئۈچۈن ئالاھىدە تەييارلانغان ”بايراق ھەققىدىكى ئوقۇشلۇق“ دېگەن كىتابچىنى بۇ،يەردىن ھەقسىزچۈشۈرىۋېلىڭ!

1440436345

Share

4 باھالار

  1. ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەممىمىزنىڭ پاك قەلبىمىزدە يىلتىز تارتسۇن، ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراققا بولغان ھۆرمىتىمىز، ۋەتەننى خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ ئشغالىيتىدىن ئازات قىلىش ۋە گۈللگە ندۇرۇش قۇغداشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلانسۇن،
    ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق ھەربىرىمىزنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ لەپىلدىسۇن !

  2. دۆلەت بايرىقى بىر دۆلەتنڭ سىمۋولى بولغان بايراقنى كۆرسىتىدۇ. دۆلەت بايرىقى ئادەتتە ئىگىلىك ھوقۇقنى ئىپادىلەيدۇ. دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكلى، سۈرەتلىرى ۋە ئىشىلتىلىش ئۇسۇلى ئاساسىي قانۇندا ياكى مەخسۇس قانۇنلاردا بەلگىلەنگەن بۇلىدۇ.

  3. دۆلەت گىرىبى، ھىلال ئاينىڭ ئوڭ تەرىپىدە توققۇز ۋە سول تەرىپىدە توققۇز دانە نوقتا بولۇپ، بۇ نوقتىلارنىڭ، ھىلال ئاينىڭ ئەڭ تۆۋەن قىسمىدىكى ئۇچلىرى بۇغۇچ بىلەن باغلانغان. ھىلال ئاينىڭ ئوتتۇرىسىدا ھۆسنىخەت بىلەن يەزىلغان ”بىسمىللاھھىرراھمانىرراھىم“، ھىلال ئاينىڭ ئىككى ئۇچىنىڭ ئۇچرىشىدىغان يەرىدە ئۈچ دانە يۇلتۇزدىن تەشكىل تاپقان بىر شەكىلدىن ئىبارەتتۇر.

    ئون سەككىز دانە نوقتا، شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان ئون سەككىز تۈرك قەۋمىنىڭ سىمۋولىدۇر. ئۈچ يۇلتۇز بولسا تارىختا شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان كۆك تۈرك، ئۇيغۇر ۋە قاراخانىلار دۆلەتلىرىنىڭ سىمۋولىدۇر.

  4. ‹‹ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى مۇھەببەت تېمىسىدەك مەڭگۈلۈك تېما. بۇ كونا گەپ بولسىمۇ، ھەر بىر شائىر – يازغۇچىنىڭ قەلىمىدە ئۆزگىچە پىكىر، ئۆزگىچە تۈس، ئۆزگىچە ھېسسىياتتا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، چوڭقۇرلىشىدۇ. تەبىئىيكى، ئەڭ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىكى ۋەتەن. دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەمنىڭ يەرشارىنىڭ مەلۇم يېرىدە ۋەتىنى بولىدۇ ھەم ۋەتىنىنى چىن قەلبىدىن سۆيىدۇ. بۇ سۆيگۈ كىشىلەر ئارىسىدىكى سۆيگۈدىن نەچچە ھەسسە بۈيۈكتۇر››.

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>