ھۆرلۈك كۈنىمىزمۇ ياكى قۇللۇق كۈنىمىزمۇ؟ ( 8. مارت ئاياللار بايرىمى ھەققىدە )

ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن

ھەر يىلى  8 – مارت كۈنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئايال – قىزلار بايرىمى سۈپىتىدە تەبرىكلىنىپ كېلىۋاتقىلى 100 يىلدىن ئېشىپ قالدى. بۇ كۈننى ئامېرىكىدىكى سېتىگىن ئىسىملىك ھۆرلۈك ئىزدىگۈچى بىر ئايال ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، شۇ كۈندىن بۇيان تا ھازىرغىچە ئۇ ئايال ھۆرلۈك تەلەپ قىلغۇچى ۋە ئاياللارنىڭ ھۆرلىكىنى قولغا ئېلىشىغا سەۋەب بولغۇچى پىداكار قەھرىمان سۈپىتىدە خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ ئايالنىڭ تەشكىللىشى ۋە تەشەببۇس قىلىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان سوتسىيال ئاياللار تەشكىلاتىنىڭ ئەينى چاغدا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرى: “ئۆزلىرىگە ھوقۇق بېرىلىشى، خىزمەت ۋاقتىنى قىسقارتىش، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش، سايلام ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش، ئەر – ئايال ئوخشاش ئىشلەپ، ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇش”… قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، بۇنىڭ ئارقىلىق ئۇلار دۇنيادىكى ئاياللارنىڭ ئاتالمىش “مەڭگۈلۈك ھۆرلۈكى” ئۈچۈن داغدام يول ئاچقان بولدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئۇلارنىڭ تەلەپلىرى ۋە ھەرىكەتلىرىنى نەزەردە تۇتقان ھالدا، 8 – مارت كۈنىنى “خەلقئارالىق خانىم – قىزلار بايرىمى” دەپ جاكارلىشى بىلەن، بۇ كۈن دۇنيادىكى ئاياللار ۋە ئەرلەرنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئېڭىدا ئاياللارنىڭ ھۆر ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدىكى بىر بايرام كۈنى بولۇپ قالدى.

ئەمما بۇ راستىنلا ئاياللارنىڭ ھۆرلۈكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان بايراممۇ ياكى يىلدا بىرلا قېتىم ھۆرلۈكى ئېتىراپ قىلىنىدىغان “ئايال قۇللار”نىڭ كۈنىمۇ؟

بىر ئىنسان ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا ئەر ياكى ئايال بولۇپ كېلىشىنى ئۆزى تاللىيالمىغىنىدەك، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قۇل ياكى ھۆر ئىكەنلىكىنى، قۇل بولسا كىمنىڭ قۇلى ئىكەنلىكىنى ئۆزىگە ئوخشاش بىر ئىنساننىڭ باھا بېرىشى بىلەن بېكىتەلمەيدۇ.

ئاللاھ تائالا ئىنساننى ئۆزىدىن باشقا ھېچبىر مەخلۇقاتقا قۇل بولماي، پەقەت ئۆزىگىلا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ياراتتى. ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: «مەن ئىنسان ۋە جىنلارنى ماڭىلا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ياراتتىم» دېيىش ئارقىلىق ئىنساننىڭ باشقا بىرىگە قۇل بولۇشىنى ئىنسان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ھالاكەت دەپ كۆرسەتتى. دىندىن يىراقلاشقان، دىننى سۇيىئىستېمال قىلىۋالغان، دىنغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ مەنتىقىسىز پەلسەسى تەرىپىدىن ھۆرلۈكى قولىدىن ئېلىنغان بۇ ئاياللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ھۆرلىكىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلىرىمۇ تارتىۋېلىنغان ھەق – ھوقۇقلىرىغا ماس ھالدا مەنتىقىسىزلىققە توشۇپ كەتكەن ئىدى. مەسىلەن، ئۇلار ئاياللارغا ھوقۇق بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئاللاھ تائاللا ئەسلىدىنلا ئۇلارغا بەرگەن ھوقۇقتىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى بىر يارىتىلغان ئىنسان تۇرۇپ، ئۆزىگە ئوخشاش يارىتىلغان، پەقەتلا جىنسىيىتى ئوخشىمىغان ئىنساندىن ئۆزىگە ھوقۇق تەلەپ قىلدى. ئىش ۋاقتىنى قىسقارتىشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئىسلامدا ئىشلەپ ئەمەس، ئۆيدە ئولتۇرۇپ كۆزلىرىنىڭ قارچۇغىسىدەك سۆيۈملۈك پەرزەتلىرىگە ئۆز مېھرى – مۇھەببىتىنى قاندۇرۇپ ياشىشى ئۈچۈن ئەرلەرنىڭ ئۇلارنى بېقىشقا بۇيرۇلغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ياكى ئەزىز قىلىنىپ، ئەرلەرنى ئۇلار ئۈچۈن ئىشلەيدىغان قىلىپ ياراتقانلىقىنى بىلمىگەنلىكتىن ياكى بۇنى ياقتۇرمىغانلىقتىن، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنىڭ ئاياللارغا خاس نازۇك يارىتىلغان مەنىۋىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىكى ئاجىزلىقى بىلەن ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ئىشلەشكە بەرداشلىق بېرەلمەي، مانا بۇ تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۆزى ئىشلەپ، ئۆزىنى بېقىشنى ئۆيدە ئولتۇرۇپ بېقىلىشتىن ئەۋزەل كۆردى ۋە ئىشلەپ تاپقىنى ئۆزى ئارزۇ قىلغان ئۆلچەمگە ياكى ئۆزى ئۈچۈن ئىھتىياجلىق دەپ قارىغان مىقدارغا يەتمىگەندىن كېيىن، ئىش ھەققىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى. ئېرى، دادىسى ياكى ئاكا – ئۇكا قېرىنداشلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە ۋاكالىتەن سايلامغا قاتنىشىپ، ئاۋاز بېرىشىنى ئۆزلىرىگە قىلىنغان ناھەقچىلىق دەپ قاراپ، ئۆزلىرىگىمۇ سايلاش – سايلىنىش ھەققى بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى ۋە ئەرلەر بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن ياشاش مەنئى قىلىنغان ھەرقانداق ساھەگە ئۈسۈپ كىرىپ، سىياسىي جەڭگاھلاردا ھوقۇق – مەنپەئەت ئۈستۈنلۈكى تالاشتى. تېخىمۇ كۆپرەك ۋاقتىنى ئۆزىنى روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن خورىتىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق ھېرىپ – چارچاشنى خالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتى. ئەر بىلەن ئايال بىرگە ئىشلەش، ئوخشاش ئىش قىلىشنى تەلەپ قىلىش، ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولۇشنى تەلەپ قىلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىگە ماس بولمىسىمۇ، ئۆزى ئۆيىدە خانىشتەك ياشاشنىڭ ئورنىغا، سىرتتا خالىغانچە ئويۇنچۇق قىلىپ ئىشلىتىلىدىغان “مەدەنىي قۇل” بولۇشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولدى. “ئاياللار ھۆرلۈكى” دېگەن سۆز ئوتتۇرىغا مەقسەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىققاندىن كۈندىن تارتىپ، خانىم – قىزلار ئۇچىغا ئۆزى ياشىغان  زاماننىڭ مودا كىيىملىرىنى، ماركىلىق كىيىملىرىنى كىيگەن بىر مەدىنىي قۇلغا ئايلاندى. دەسلەپتە قول – ھۈنەرۋەنچىلىك، ئوقۇتقۇچىلىق، كاتىپلىق ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كەسپىي ياكى كەسپىي خاراكتېرىنى ئالغان ئىشلارنى قىلىش بىلەن باشلانغان ئىش ھاياتى تەدرىجىي ھالدا ئۇلارنى خالىغان ۋاقىتتا، خالىغان باھادا ئالماشتۇرغىلى بولىدىغان تاۋارغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. تاۋار ئورنىدا سېتىلىدىغان، تاۋارنىڭ ماركىسى ئورنىدا ئېلان – سەنئەتتە قوللىنىدىغان، ناشايان ئورۇنلاردا بەدەنلىرى سېتىلىپ، پۇل تاپاۋەت قىلىنىدىغان ۋاسىتىگە ئايلاندى. كۈنسېرى ئۆزىنىڭ قىممەت – ئېتىبارىنى يوقىتىپ، ھەتتا ئۆمۈرلىك نىكاھ ئەھدىسى بىلەن نىكاھىغا ئالغان ئەرلىرى تەرىپىدىن ئالداندى، خارلاندى ۋە  تاشلىۋېتىلدى.

ھە دېسە، ئاياللارنىڭ قۇللۇقىدىن ئۆيلەرگە سولىنىپ، زۇلۇم كۆرگەنلىكىنى جار سالغان ۋە بۇلارنى پۈتۈنلەي ئىسلامنىڭ ياكى دىننىڭ سەۋەبى دەپ چۈشەندۈرىدىغان سەپسەتىچىلەر يا ئىسلام كېلىشتىن بۇرۇنقى ئاياللارنىڭ ئەھۋالى بىلەن ئىسلام  كەلگەندىن كېيىن ئاياللارغا بېرىلگەن ھەق – ھوقۇقلارنى، ئۇلارغا ئائىت بولغان ئىمتىيازلارنى، ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشتىكى نوپۇزلىرىنى پەقەتلا بىلمەيدۇ، بىلىدىغانلىرىمۇ ئىسلامغا بولغان ئۆچمەنلىكى تۈپەيلىدىن يوشۇرىدۇ. ئاياللار ھوقۇقىنى ئەڭ كۆپ تەرغىپ قىلىدىغان ياۋروپاغا نەزەر سالىدىغان بولساق، گەرچە ياۋروپا ئاياللىرى بەزى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندەك كۆرۈنگەن بىلەن ئەرلەرگە ئوخشاش ئىشلەشكە باشلىغان ئاياللارنىڭ ئىشلەپ تاپقان مائاشىدىن ئۆزىنى قانائەتلەندۈرگۈدەك مىقدارغا ئېرىشەلمەيۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. قېرىغاندا تاشلىۋېتىلگەن ئانىلار، ئاجراشقاندا نەپىقىسىز قالغان بالىلار، كۆڭۈلنىڭ كەينىگە كىرىپ، باشقا بىرىنىڭ كەينىدىن كەتكەن ئەرلەرنىڭ ئارقىدىن چارىسىز قالغان بىچارە چوكانلار، نىكاھسىز تۇغۇلغان بالىسىنى بېقىشقا ياكى ئەخلەتخانىغا تاشلاشقا قارار بېرەلمەي ئازابلىنىۋاتقان قىزلار… مان بۇلارنىڭ ھەممىسى مەنىۋىي قۇللۇق بولماي نېمە؟! ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، بۇ ئاتالمىش بايرامدا بىر كۈنلۈك ھۆرلۈكىنى نامايەندە قىلىش ئۈچۈن ئورۇنسىز بۇزۇپ -چېچىلىۋاتقان مال – بىساتلار، ئانىلىرى ھۆرلۈك بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن چىقپ كەتكەندە، ئۆيدە بوينى پۈكۈك قالغان بالىلار بىر يىل ئىچىدە پەقەت بىر كۈنلۈكلا بېرىلگەن ھۆرلۈكنىڭ نەتىجىسىمۇ؟

شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، ھەر كۈنى ھۆرمەتلىك ۋە ئىززەتلىك بولغانلىقىدىن ئاللاھنىڭ رەسۇلى: «جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىقى ئاستىدىدۇر» دېگەن ھەدىسى ئارقىلىق ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى، شۇنداقلا ئەڭ مۆھتەرەم، شەپقەتلىك ئۇستازىنىڭ ئانا يەنى ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان بولسا، ئەرلىرى ئۆيدە يوق چاغدا ئىپپەت – نومۇسىنى ساقلىغان، ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا، مال – مۈلكىگە ئىگە چىققان ھالدا ئېرىنىڭ ھەقلىرىنى ئادا قىلغان، ئېرىگە ئاللاھنىڭ بۇيرىقى بىلەن بويسۇنغان ئايالنىڭ ئەجرىنىڭ، تاغلارنى تېشىپ يول ياسىغان، ئاسمانلاردا ئۇچۇپ قىتئەلەرنى ئارىلىغان، دېڭىزلارغا شۇڭغۇپ ئۈنچە – مەرۋايىت قازغان، جەڭلەردە قان – تەر تۆككەن ۋە تۆككۈزگەن، چۈللەردە يۈرۈپ سەپەر قىلغان، ئەتىگەندىن كەچكىچە، كەچتىن ئەتىگەنگىچە ھايات ۋە تىرىكچىلىك ياكى دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلىرىدا دۈم يېتىپ، دۈم قوپقان ئاشۇ ئەزىمەت سۈپەت ئەرلەر بىلەن ئوخشاش ئەجىر ئالىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان چوڭ ساۋابنىڭ خۇش بېشارىتىنى بېرىش ئارقىلىق بىزنىڭ ئىسلامدا قانچىلىك دەرىجىدە ئەزىز ئىكەنلىمىزنى قايتا – قايتا تەكىتلىدى. ئۆزىمىز ئىشلەپ، ئۆزىمىزنى بېقىشقا  بۇيرىمىدى. ناۋادا ئىسلامدا رۇخسەت قىلىنغان بىرەر ھالال ئىش – ئوقەت ئارقىلىق ياكى بىزگە ئائىت بولغان مىراس تەقسىماتى ئارقىلىق قولىمىزغا كىرگەن مال – دۇنيا زاكات ئايرىش نىسابىغا يەتسە، زاكات بېرىشكە بويرۇشتىن باشقا، ئايال كىشىنىڭ مېلىدا باشقا ھېچكىمنىڭ بىر تىيىنلىق ھەققى يوقلىقىنى، ئۇنى قانداق ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلەي ئايال كىشىدە ئىكەنلىكىنى، ئەگەر بىراۋ ئۈچۈن ياكى ئائىلىمىز ئۈچۈن سەرپ قىلساق، ئۇنىڭ سەدىقە ئورنىدا بىزنى كاتتا ساۋابقا ئېرىشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىلىپ – بىلمەي بىراۋ تەرىپىدىن ئىپپەت – نومۇسىمىزغا داغ چۈشىدىغان بىرەر سۆزنى قىلغان كىشىلەرگە دېگەن سۆزىنى دەلىللەيدىغان گۇۋاھچىلار تېپىلمىغاندا، دۇنيادا ۋە ئاخىرەتتە قاتتىق ئازاب بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى.

ئى جېنىم ھەمشىرىلىرىم! سىز يەنە نەدىن ھۆرلۈك ئىزدەيسىز؟ سىز يەنە نېمە ئۈچۈن ئاللاھ تائالا: «ھەر كۈن ھۆر، راھەت ۋە بەختلىك ياشاڭ» دېسە، ئۇنى قوبۇل قىلماستىن، ئۆزىڭىزنى ھارغۇزىدىغان، خارلىتىدىغان، ئىپەت – نومۇسىڭىزغا تەھدىت بولىدىغان، يارىتىلىش تەبىئىتى جەھەتتىن نازۇك يارىتىلغان بەدىنىڭىزگە ئېغىر كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىش ئارقىلىق “قۇل” بولۇشنى ئەۋزەل دەپ قارايسىز؟ كۈلۈشلىرى، ئەركىلەشلىرى، ھەتتا يىغلاشلىرى بىلەن سىزگە جەننەت بەخش ئاتا قىلىدىغان پەرزەنتلىرىڭىزنى، سىزدىن رازى بولغان ھالدا كۈلۈمسىرەپ دۇنياغا تېگىشكۈسىز سۆيگۈ ھۇزۇرى بېرىدىغان ئېرىڭىزدىن، يەنى جەننەت مىسالى ئائىلىڭىزدىن ئايرىلىپ، قايسى بەختنىڭ ئارقىسىدىن يۈگۈرەيسىز؟

بەلكىم بەزى ئاياللار ياكى ئۇلارغا شۇ ئاڭنى سىڭدۈرگەن ئاتالمىش پەيلاسوپلار ئۆزلىرىنىڭ ئاياللارنى سۇيىئىستېمال قىلىش غەرەزلىرىنى يوشۇرغان ھالدا: “ئىسلام دىنى ئاياللارغا ھېچقانداق ھەق – ھوقۇق بەرمەيدۇ. ئاياللار ئۆيدىن تالاغا چىقالمايدۇ، ئىلىم ئېلىش، دۇنيانى بىلىش، ئاياللارغا كېرەك بولغان بەزى كەسىپلەرنى ئىگەللەشتىن مەھرۇم قالىدۇ”…. دېگەندەك سەپسەتىلەرنى سېتىشى مۇمكىن. بىز ئۇلارغا شۇنداق جاۋاب بېرەلەيمىزكى، ئىسلام دىنى ھېچقاچان بىر ئايالنى دىنىي جەھەتتىن چەكلەنمىگەن يەرلەرگە بېرىش ياكى باشقا ئىشلارنى قىلىشتىن توسمايدۇ. ئاياللارنىڭ قۇرئاندا بىلدۈرگەن شەكىلدە كىيىنىش ۋە ئورۇنۇشقا بۇيرۇلىشى بۇنىڭ دەلىلى بولالايدۇ. ئەگەر ئاياللار سىرتلارغا چىقمىسا، ئۇ كىيىملەرنى كىيىش نېمە ئۈچۈن پەرز قىلىندى؟ ئىلىم ئېلىش چەكلەنگەن بولسا، ئاللاھنىڭ رەسۇلى نېمە ئۈچۈن: «ئىلىم ئېلىش بارلىق ئەر – ئايال مۇسۇلمانغا پەرز قىلىندى» دەيدۇ؟ ئىسلام ئاياللارنى كەسىپ ئەھلى بولۇشتىن توسىغان بولسا، ئىسلام تارىخىدىكى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ۋە شۇنىڭغا ئوخشىغان كۆپلىگەن ئالىمەلەر ۋە ئۇلار تەربىيىلەپ يىتىشتۈرگەن كاتتا ئۆلىمالار، ئۇلارنىڭ ئەر ۋە ئايال شاگىرتلىرىنىڭ دۇنيا مەدىنىيىتى  ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىلىرىگە نېمە دەيسىز؟ “ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرمايدۇ” دېسىڭىز، جىھاد مەيدانىرىدا قىلىچ ۋە نەيزە ئوينىتىپ جەڭ قىلغان، نەسەبە خەيرىنسا ئانىلىرىمىز ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى نۇرغۇن مۇجاھىدە ئانىلارغا نېمە دەيسىز؟ “تىجارەت قىلدۇرمايدۇ” دېسىڭىز، خەدىچە ئانىمىزغا نېمە دەيسىز؟!

ئى ئىسلامنى چۈشەنمەي تۇرۇپ بىلجىرلايدىغان ئىنسانلار ۋە ئۇلارغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ جار سېلىشقانلار! ھۆرلۈك ئىزدىسىڭىز، يىلدا بىر قېتىم ياسىنىپ، تارىنىپ ئۆزىڭىزگە مۇناسىپ بولمىغان، يۈزىڭىزگە يالغان كۈلكە قوندۇرغان بىلەن قەلبىڭىزگە قىلچىلىك ھالاۋەت بېرەلمەيدىغان سورۇنلاردىن، ئۇ يەردىكى ئىسراپچىلىق ۋە ئازغۇنلۇقلاردىن يىراق تۇرۇڭ. ھەقىقىي ھۆرلۈك يىلدا بىر كۈن ئەمەس، ھەر كۈن بولىدىغان، ھاياتىڭىزنىڭ بىر قىسمىنىلا ئەمەس، ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ھەتتا بۇ دۇنيادىلا ئەمەس، مەڭگۈلۈك ھاياتتىمۇ بېرىلىدىغان ئىسلامغا كېلىڭ. ھەقىقىي ھۆر بولۇڭ. بۇ دۇنيادا ئەرلىرىڭىزنىڭ مەلىكىسى، پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ شەپقەت پەرىشتىسى ۋە جەننەتنىڭ ھۆر پەرىلىرىدىن بولۇڭ!

مەنبەسى: ئىستىقلال رادىئو خەۋەر بېكىتى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*