باش بەتكە قايتىڭ » ۋەقە ۋە مۇلاھىزە » ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

ۋەتەنپەرۋەرلىك توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم

ۋەتەنپەرۋەرلىك تەقدىم قىلىش،بېغىشلاش دېمەكتۇر. ئۇنىڭدا تەڭ قىممەتتە ئالماشتۇرۇش، سودىلىشىش يوق بولغىنىدەك ۋەتەننى بېسىۋالغان باسمىچىلارغا ئىچى—ئىچىدىن تەسلىم بۇلۇپ ۋەتەننى ئۇلارنىڭ تىرىتوريىسىگە سېخىلارچە قېتىپ بىرىپ ئايرىلالماس بىر پارچىسى قىلىپ قۇيۇش يوق.ئىشغالىيەتچىلەرنىڭ ئالدىدا ياخشىچاق بۇلۇپ مۇكاپاتقا ئىرىشىش ئۇچۇن  ۋەتەن قوينىدىكى بايلىقنى ئۇلارنىڭ تالان تاراج قىلىشىغا تاشلاپ قۇيۇپ ،ئەھمەقلەرچە(ئۆز كۈچىمىزغا تاينىپ ياشايمىز) دەپ ئۇغۇل قىزلىرىمىزنى باسمىچىلارنىڭ يۇرتلىرىغا يۆتكەپ بېرىپ كوللىكتىپ مەدىكالىق قىلىش ھەم يوق. ئۇ ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ۋەتەن ئېھتىياجلىق بولسىلا، ئۆزىنىڭ بارلىقىنى شەرتسىز، قىلچە ئاياپ قالماي تەقدىم قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاكتىپ پۇل ئىئانە قىلىپ، ‹‹ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ،1933—يىلى قەشقەردە قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى›› ئەسكەرلىرىنى قوراللاندۇرۇش ئۈچۈن پۇل توپلاپ خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشقا ياردەم بەرگىنىدىن تارتىپ، سەمەت ۋە ئۇنىڭ بالىسىنىڭ ‹‹يەرلىرىنى تاشلاپ ھىجرەت قىلىپ كەتمەي ئۇنى تېرىپ، مال بېقىپ، دۆلەت زېمىنىنى ئېقىندى خىتايلاردىن قوغدىشى، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد  مۇھاپىزەت قىلىشى›› غىچە، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىسى قەدىمدىن ھازىرغىچە ئىزچىل بايراق بولۇپ كەلدى، سان – ساناقسىز ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تارىخىي پاكىتلىرى شەرقى تۈركىستان مىللەتلىرىنىڭ شانلىق تارىخىنى ياراتتى؛ ئىسلام مەدەنىيىتىنى مەنبە قىلغان بۇ ئۇلۇق روھ بولغانلىقتىن، شەرقى تۈركىستان خەلقى نۇرغۇن بالا – قازاغا ئۇچرىسىمۇ ئىشغالىيەتچى خىتايلار ئارزۇ قىلغان دەرجىدە خارابلاشمىدى، شەرقى تۈركىستاننى ئازات قىلىش شوئارى تاجاۋۇزچىلىقنىڭ نۇرغۇن دەخلى – تەرۇزغا ئۇچرىسىمۇ ۋەيران بولمىدى ،بەلكى بۇ، شوئار ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كۈندىن كۈنگە كۈچەيدى.

شەرقى تۈركىستاننىڭ ئالاھىدە ئورنى، ھازىرقى پاجىئەلىك ئەھۋالى بىزگە شۇنى بىلدۈردىكى، ۋەتەننى ئىيمانى ۋە ۋىجدانى نۇقتىدىن  سۆيۈشنى شەرەپ بىلىش ھازىر شەرقى تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت  ئاممىنىڭ ئەڭ رېئال، ئەڭ زۆرۈر قىممەت تونۇشى، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە خىتاي مۇستەملىكىسىگە، قارشى كۈرەشتە غەلىبە قىلىشنىڭ ئەڭ مۇھىم مەنىۋى تۈۋرۈكى.

ۋەتەنپەرۋەرلىك مەردانە سۆزلەرنى سۆزلەشنى ئەمەس، ۋەتەننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ كەسپى ۋە قابىلىيىتى دائىرىسىدە تىنسىز كۈچ چىقىرىشنى، ۋە ۋەتەن داۋاسىغا ئاسان ۋە قىيىن كۈنلەردە ئىگە چىقىشنى تەلەپ قىلىدۇ.بىز ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ زۆرۈرى ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى ئىشلەش، سابىت داموللام،مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا،زەيدىن يۇسۇپ،نۇرگۈل ئانا، لاردەك شەرقى تۈركىستان  خەلقنىڭ ئازاتلىق ئىشلىرىغا خالىس تۆھپە قوشىدىغان ئۇلۇغ ھېسسىياتقا ۋە يۈكسەك روھقا ئىگە بولۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىمىزنى سىياسى تەرەققىياتنى  ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئورتاق ئىرادىگە، مۇجەسسەملەشتۈرۈش. مۆدىتىل ئىسلامى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولۇپ، دۇنياغا شەرقى تۈركىستان خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئەقىل – پاراسىتى ۋە جاسارىتىنى، ئازاتلىق شۇئارىمىزنىڭ، مەردانە، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان ۋە ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان روھىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.
ۋەتەنپەرۋەرلىك قىزغىنلىقىنى ئازاتلىق ھەركىتىمىزنى پارچىلاشقا ئەمەس،ئۇنى ئازاتلىق شۇئارىمىزنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش ھەر بىر شەرقى تۈركىستانلىق پۇخرانىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلمايدۇ. ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى ئىشلەپ شەرقى تۈركىتاننىڭ ئازاتلىق ھەركىتىنى دەۋرىگە ۋە شارائىتقا ماس ھالدا تەرەققى تاپقۇزۇش نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك.
(ئابدۇللاھ)

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>