باش بەتكە قايتىڭ » ئۈنىۋېرسال يازمىلار » ۋەتەنپەرۋەرلىك مانا مۇنداق بۇلىدۇ
ۋەتەنپەرۋەرلىك مانا مۇنداق بۇلىدۇ

ۋەتەنپەرۋەرلىك مانا مۇنداق بۇلىدۇ

غولجا تاغلىرى ئارىسىدىكى ئەگرى توقاي يولدا بىر ئۇيغۇر كىچىك ئوغلى بىلەن بىللە ئىشىكىگە ئوزۇق تۈلۈك ئارتىپ خىتاي باسقۇنچىلىرىغا قارشى قۇراللىق كۈرەش قىلىۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىق ئىنقىلاپچىلارغا  ئاپىرىپ بېرىش ئۈچۈن كېتىۋاتقان ئىكەن. تۇيۇقسىز ئۇلارنى بىر توپ خىتاي كومۇنىست باسقۇنچى ئەسكەرلىرى قورشىۋاپتۇ، ۋە تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارنى مەلۇم بىرلاگېرغا ئېلىپ كەپتۇ.
بۇ، كىشى خىتاي ئەسكەرلىرى ئالدىدا باش ئەگمەستىن مەغرۇر قىياپەتتە تۇرۇپتۇ.ئۇيغۇرچىنى چالا پۇلا سۆزلەيدىغان بىر خىتاي ئەسكەر ئۇلاردىن ئۆزلىرىنى ئىنقىلابچىلار تۇرىدىغان جايغا باشلاپ ئاپىرىشنى ئېيتىپتۇ، شۇچاغدا بۇ ئۇيغۇر ، خىتاي ئەسكەردىن ئالدى بىلەن ئوغلىنى ئۆلتۇرۋەتسە ئاندىن ئۇلارنىڭ تەلىپىگە قوشۇلدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. خىتاي ئەسكەر ھەيران بولۇپ ئۇنىڭدىن بۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى سوراپتۇ. دادا جاۋاپ بىرىپ«ئەگەر ئوغلۇمنى ئۆلتۇرۋەتمىسەڭ ئوغلۇم ئىنقىلاپچىلارغا سىلەرنى مىنىڭ ئۇيەرگە باشلاپ بارغانلىقىمنى ئېيتىپ قويىدۇ» دەپتۇ. شۇنىڭ بىلەن خىتاي ئەسكەر ئوغۇل بالىنى دادىسىنىڭ ئالدىدىلا ئولتۇرۋىتىپتۇ. 
خىتاي ئەسكەر ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ «ئەمدى بىزنى ئىنقىلابچىلارنىڭ يېنىغا باشلاپ بارسۇڭ» دەپتۇ. ئۇ،كىشى باش تارتىپ، ئەسكەردىن ئۆزىنىمۇ خۇددى بالىسىنى ئۆلتۈرگەندەك ئۆلتۇرۋىتىشنى تەلەپ قىلىپتۇ، ئەسكەر بۇ گەپتىن تېخىمۇ چۈچۈپتۇ، ئەسكەر بالىنى نىمە ئۈچۈن باشتا ئۆلتۈرۋەتىشنى ئاندىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنىڭ قايىل قىلارلىق سەۋەبىنى بىلەلمەي سوراپتۇ. ئەركىشى: ئەگەر ئۆزى باشتا ئۆلتۈرۈلگەن بولسا كىچىك بالىنىڭ دۈشمەنلەرگە پارتىزانلارنىڭ نەدىلىكىنى ئېيتىپ قويۇشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنى، ئەمدى بولسا ھېچنىمىدىن ئەنسىرىمەيدىغانلىقىنى، ھەم ئۆزىنىڭ ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلمىغانلىقتىن خاتىرجەم بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.

مەنبە :   دوكتۇر ئەھمەد زىيادنىڭ «ئەرەپ خەلق ھېكايىلىرى توپلىمى» ناملىق كىتابىدىكى ھىكايىگە تەقلىد قىلىپ يېزىلدى

(ئابدۇللاھ كۆكيار)

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>