ئۆي نانلىرى

ئۆي نانلىرى

نان – ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يېمەكلىرى ئىچىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولۇش بىلەن بىللە،
يەنە ئاساسلىق ئەنئەنىۋى يېمەكلىكىنىڭ بىرى. ئۇيغۇر خەلقى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك
تۇرمۇشىدا ناندىن زادىلا ئايرىلالمايدۇ. زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ناننىڭ تۈرىمۇ
كۆپەيدى.

تۈۋەندە شىۋېتسىيە دىكى ئۇيغۇرلار ئۆيلىرىدە پىشۇرۇپ ئادەتلەنگەن ئۆي نېنىنى تۇنۇشتۇرىمىز.

خۇرۇجى:

ئىككى كىلو گىرام ئۇنغا.1 لىتىر سۈت، 250  گىرام مارگارىن، 25 گىرام خېمىر تۈرۈچ، 50 گىرام شىكە،25 گىرام تۇز، 50 گىرام سۇ مېيى.

قاتارلىقلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ  يۇغۇرۇپ، ئىسسىق يۆگەپ تورت سائەت قويۇپ بولدۇرغاندىن كېيىن، يەتتە يۈز گىراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ قوغۇنلاپ تاۋلاپ، گىرۋىكىنى قېلىنراق، ئوتتۇرىسىنى نېپىزرەك قىلىپ، كەڭلىكى34سانتىمېتىر،ئۇزۇنلىقى 48 سانتىمېتىرلىق نان ياساپ، ئۇششاق چانالغان پىياز بىلەن سىيادان نى ئۈستىگە سۈرۈپ ،ئوتتۇرىسىغا چەككۈچ – تۈكچە چېكىپ، 250 دەرىجىدە قىزىتىلغان توك تونۇرىدا قۇيۇپ پىشۇرۇلىدۇ.

سىياداننى لاتىن يېزىقىدا  تىزىش ئارقىلىق ئۈزىڭىز خالىغان قىسقا تىكىسلارنى چىرايلىق يېزىپ پىشۇرالسىڭىز ،ئەڭ قىممەتلىك سوغا بۇلالايدۇ.

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>