باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » بايراقنى سەل بۇرۇن چىقىرىپ قۇيۇپسىز ئاكا
بايراقنى سەل بۇرۇن چىقىرىپ قۇيۇپسىز ئاكا

بايراقنى سەل بۇرۇن چىقىرىپ قۇيۇپسىز ئاكا

 ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تېنىستا تەبىئىى چىملىقىغا 2012-يىلى 26-ماي شەنبە كۈنى ئورۇنلاشتۇرۇلغان دالا ساياھىتىنىڭ كونكرېت ئورنىنى كىشىلەر ئاسان تېپىپ كەلسۇن دېگەن مەقسەتتە ئۇيۇشمىنىڭ يىڭى مەسئۇلى چىملىقتىكى بىز پائالىيەت قىلماقچى بولغان ئۇرۇنغا ئالدىن بېرىپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقتىن بىرنى قاداپ قۇيىشىمنى ئېيتتى. قولۇمدىكى ئىشلارنى دەرھال تاشلاپ ئامباردىن يۇغان بىر بايراقنى چىقىرىپ چىملىققا قاداپ قۇيۇش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىشىمغىلا كاۋاپ ئۆتكۈزۈۋاتقان بالىلاردىن بىرسى گەپ باشلاپ ”مۇشۇ دالا ساياھىتى دېگەن بىر ئىجتىمائىي پائالىيەت بولغاندىكىن بايراقنى ئاسمىساق ياخشى بۇلامدىكىن، ۋەتەنگە بېرىپ كېلىۋاتقان ھەمشىرىلىرىمىز بايراق ئېسىلغان سورۇنلارغا كېلىپ سۈرەتكە چۈشۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىشىدۇ، شۇلارنى تەڭلىكتە قۇيۇپ قويمايلى دەيمەن” دىگىنىچە سۆزىنى مەن ئاڭلىيالمايدىغان بىر شەكىلدە ئاخىرلاشتۇردى. ئۇشبۇ سەمىمى پىكىرگە قانداق بىر ئىپادە بىلدۈرىشىمنى بىلەلمەي گاڭگىراپ تۇرۇشۇمغا يەنە بىر ياقتىن بىرسى ناھايىتى تىز ھالەتتە گەپ قېتىپ ”قېرىنداشلا! ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق دىگەن ئۇلۇق ۋەتىنىمىز شەرقى تۇركىستاننىڭ سىمۋولى، بۇ بايراق ئېسىلغان سورۇنلارغا كېلىپ رەسىمگە چۈشۈپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلىدىغانلار كامىرادىن يىراقراق تۇرسۇن،خالىمىسا بولدى كەلمىسۇن، ئەركىن بىر دۆلەتتە سىياسى پاناھلىق تىلەپ ياشاپ تۇرۇپ خۇسۇسىي مەنپەت يولىنىڭ توسۇلۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن يەنە شۇ ،تاجاۋۇزچى خىتايلارنىڭ كۆڭلىنى ئاياش يۈزىسىدىن ئۆز دۆلىتىنىڭ ئۇلۇغ بايرىقىنىڭ قەدرىنى بىلمەيدىغانلار بىلەن مىنىڭ خۇشۇم يوق، ئۇنداقلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرۇشتىن مەن سەسكىنىمەن، بۇ دۇنياغا بىر كېلىمىز ئۇنداق بولغان ئىكەن مەيدانىمىز ئېنىق بايرىقىمىز روشەن بۇلىشى لازىم،  ھازىرقىدەك دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ بېشىغا بالايى ئاپەت كىلىۋاتقان بۇ، كۈنلەردە ئەجداتلارنىڭ كۆكرەك كىرىپ مەيدانغا چىقالايدىغان ھەر ۋاقىت دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى ئويلايدىغان شەرەپلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ چەتئەلدىكى ئەركىن، خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇشىمىزنى قەدىرلەپ تىرىشىپ ئالغا ئىلگىرلىشىمىز ، نۆۋەتتىكى خەلقارالىق سىياسى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ ئۈزۈل- كىسىل ئىسلامچىلاردىن بۇلۇپ چىقىشىمىز ، شەرقى تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتنى ئشغالىيەتچى مىللەتنىڭ تۇپى ئارىسىغا سىڭدۇرۇشنى مەخسەت قىلغان ئەكسىيەتچى كومۇنىستلارغا ۋە قانۇنسىز ئستىخبارات(جاسۇسلۇق) پائالىيەت ئۇنسۇرلىرىغا قاتتىق زەربە بىرىپ ۋەتەننىڭ ئازاتلىقىنى ، قولغا كەلتۇرۈش نىشانىمىزدىن يانماسلىقىمىز ، ھەر ۋاقىت ۋەتەنگە شەرەپ كەلتۈرۈش ، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈش ، مىللەتنى روناق تاپقۇزۇش ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش يولىدا بىر ئۆمۈر كۈرەش قىلىدىغان ، ئىزدىنىدىغان خالىس تۆھپە قۇشۇش روھىغا ئىگە بۇلىشىمىز لازىم. بايراقنى چۇقۇم تىكلەڭ” دەپ ماڭا قۇلىنى شىلتىدى. ئۈن-تىنسىز ھالەتتە ”ۋاقىت قىس تالاش تارتىش قىلىدىغانغا ۋاقىت يوق، ئۇيۇشمىنىڭ مەسئۇلى بايراقنى تىكلەپ قۇيۇڭ دەپ بۇيرىغان ئىكەن بۇنى چوقۇم ۋاقتىدا ئۇرۇندىشىم كېرەك” دېگەنلەرنى ئىچىمدە دېدىمدە ئالدى ئارقامغا قارىماي بايراقنى كۈتەگەن پېتىم چىملىققا قاراپ مېڭىپ بېرىپ بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بايراقنى تىكلەپ بۇلۇپ ”ئۇھ” دىشىمگە نەدىندۇر غىر-غىر شاماللار پەيدا بۇلۇپ كېلىپ بايراقنى لەپىلدەتكىلى باشلىدى.
-پاھ! نېمىدېگەن لەرزان شامال بۇ!
-نېمىدېگەن گۈزەل لەپىلدىگەن بايراق بۇ!
بۇ ،شامال ماڭا ۋەتەندىكى ئاتا ئانام نەپەس ئالغان ھاۋانىڭ مەلۇم بىر قىسمىنى ھەيدەپ ئېلىپ كىلىۋاتقاندەكلا بەك ئىللىق،بەك يېقىملىق تۇيۇلغىلى باشلىدى- بايراقنى ئۇياق بۇياققا لەپىلدەتكەندىن سىرت ئەتىگەندىن بىرى كاۋاپ تەييارلىقى قىلىمەن دەپ تارىغىلى چۇلام تەگمىگەن شالاڭ چاچلىرىمنى كۆيۈمچان ئانامدەك سىلاپ تېخىمۇ رەتسىز قىلىۋەتتىيۇ ئەمما بۇنداق بىر ھۇزۇر ئىلكىدە ياشاپ تۇرىۋاتقان ئۇ مىنۇتلاردا تېرىكىش ئەسلا خىيالىمغا كەلمىدى. شۇنداق ياش ۋاقىتلىرىمىزدا تارىنىپ-ياسىنىپ تالا تۈزگەماڭغىنىمىزدىن -يىگىتكە ئايلىنىپ چوڭ بولغىنىمىزدىن پەخىرلەنگەن ۋە سۈيۈنگەن ئانىمىز بىزنى ئەكىلىتىش يۈزىسىدىن چاچلىرىمىزنى ئىشچان يىرىگ قوللىرى بىلەن شۇنداق سىلاپ قويسا تىرىكىپ”ئاپا!!!! چېچىمنى بۇزمىغىنە! مەن يا كىچىك بالا بولمىسام” دەپ ئۇلارغا قايتۇرغان سۇغۇق مۇئامىلەلىرىمىزمۇ خىيال ئېكرانىمغا ناھايىتى تىز يىتىپ كەلدى. شۇ، چاغلاردا بىز گەرچە يىگىت بولغان بولساقمۇ يەنىلا كىچىك ئكەنمىز. ئەپسۇس…. ئانىلىرىمىزنىڭ ھېس تۇيغۇلىرىنى چۈشۈنۈپ مېھرى شەپقىتىنىڭ قەدرىگە يەتكۈدەك بولغىنىمىزدا ئۇلار ئارىمىزدا يوق. ئادەم دىگەن ئاجايىپ قىززىق بۇلىدىكەن، پەيغەمبىرىمىز ”جەننەت ئانىلارنىڭ قەدىمى ئاستىدا” دەپ ئانىلىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى چەگمەسلىك ھەققىدە نەچچە رەت تەلىم تەربىيە بەرگەن بولسىمۇ تەربىيەنىڭ روھىنى ئەمىلىلەشتۇرۈشكە سەل قاراپ ئەمدى نادامەت چەككىنىمىزنىڭ نىمە پايدىسى؟
يۇقىرىقىدەك تاتلىق بىر خىياللارنى سۈرۈپ ئۆز-ئۈزەمنى سۇراق قىلىۋاتقىنىمدا يېنىمغا كۆز ئەينەك تاقىۋالغان بىر ئىنىمىز پەيدا بۇلۇپ كىلىپ ”ئاكا بايراقنى سەل بۇرۇن چىقىرىپ قۇيۇپسىز، بەزىلەر بايراقنى كۆرسە بۇ، يەرگە كەلمەسمىكىن، سەل ئالدىرىماي ئادەملەرنىڭ ئالدى كەينى كېلىپ بولغاندا ئاندىن بايراقنى تىكلىگەن بولساق كېلىپ بولغانلار قېچىپ كېتەلمەيتتى” دەپ قۇلىقىمغا پىچىرلىدى.گەرچە بۇ، ياخشى نىيەتتە سەمىمى بىرىلگەن پىكىر بولسىمۇ كەيپىياتىمنى قاچۇرۇپ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ ئاستىدا سۈرۈۋاتقان شۇ، شىرىن خىياللىرىمنى تورمۇزلاپ توختىتىپ قويدى.
ئادەتتە ۋەتەنگە بېرىپ كېلىدىغانلار ۋەتەندىن رىشتىنى ئۈزىۋەتمەسلىك ئۈچۈن بېرىپ كىلىدىغان تۇرسا،مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇلار ۋەتەنگە ئامراق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋەتەنگە پات-پات بېرىپ كېلىشىدىغان تۇرسا نېمە ئۈچۈن ئۇلار ۋەتەننىڭ مۇقەددەس بايرىقى تىكلەنگەن ئورۇنلاردىن قاچقۇدەك؟ بۇ يەردە چوقۇم بىر ئۇقۇشماسلىق بار ”دىگەندەك باشقا بىر ئويلارنىڭ ئىچىگە يەنە كىرىپ كېتىپتىمەن.
يىراقتىن يېنىغا ئۈچ نەپەر بالا ئەگەشتۈرۈۋالغان بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ بايراق تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقانلىقى دىققىتىمنى تارتتىدە بۇ،ئويلىرىمنىمۇ شۇ يەردە توختۇتۇشقا توغرا كەلدى. مەن ئۇلارنى كۆزەتتىم ئۇلارمۇ مىنى كۆزەتتى .ئاخىرى ئۇلارئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كېلىپ سالام بەرگەندىن كىيىن ”ۋاي ماۋۇ بايراقنى تىكلەپ قۇيۇپ بەك ياخشى قىلىپسىلەر ،يولدا كېلىۋېتىپ بۇ،چەكسىز كەتكەن چىملىقتىن كاۋاپ قىلىدىغان ئورۇننى قانداقمۇ تېپىپ بارارمىز دەپ ئەندىشە قىلغانتىم، ئۇزاقتىن بايراقنى كۆرۈپلا ئۇدۇل تېپىپ كەلدۇق” دەپ بىر چەتكە بېرىپ ئولتۇردى.
نەتىجىدە ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ يول تاپالمىغاندا بىزگە يول باشلايدىغانلىقى ۋە ھەممەيلەننى بىر يەرگە جەم قىلالايدىغانلىقىدەك زور كۈچىنى يەنە بىر قېتىم ھېس قىلدىم.

ئابدۇللاھ
2012-يىلى 28-ماي ستوكھولم

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>