باش بەتكە قايتىڭ » رەسىملەر » گىردە نان پىشۇرۇش ئۇسۇلى
گىردە نان پىشۇرۇش ئۇسۇلى

گىردە نان پىشۇرۇش ئۇسۇلى

ئاق ئۇن تۆت كىلوگرام، تۇز مۇۋاپىق مىقداردا، سۇ ئىككى كىلوگرام، خېمىر تۇرۇچ 70 گرام، كۈنجۈت 70 گرام، ئۈزۈم شىرنىسى 35 گرام. ئۇنغا خېمىرتۇرۇچ سېلىپ، تۇز، سۇ قۇيۇپ، چىڭ يۇغۇرۇپ، ئۇزۇنراق ئىشلەپ باستۇرۇپ قويىمىز. خېمىر كۆپكەندىن كېيىن 200 گراملىقتىن زوۋۇلا ئۈزۈپ تاۋلاپ، گىرۋىكىنى يۇمىلاق، ئوتتۇرىسىنى ئويمان قىلىپ گىردە ياساپ، ئاش تاختىغا ئوڭدىسىغا تىزىپ، سۇ ئۇرۇپ، كۈنجۈت سېپىپ ئىككىسىنىڭ يۈزىنى بىر جۈپلەپ، داستىخان بىلەن يېپىپ قو يۇلىدۇ. 2. قىزىتقان تونۇرنىڭ (قىزىتىش ئۈچۈن يۇلغۇن بولسا ناھايىتى ياخشى) ئوتىنى كۆمۈپ، داپخاننى ئېتىپ، تونۇرغا سۇ، تۇز ئۇرۇپ ھاۋىسىنى پەس تەڭشەپ، ناننى يېقىپ بولۇپ يۈزىگە سۇ سېپىپ، تونۇرنىڭ ئاغزىنى يېپىپ 25 – 20 مىنۇتقىچە خۇيلىنىدۇ. خۇي يەتكەن – يەتمىگەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن، قولىمىزنى ناننىڭ يۈزىگە تەككۈزگەندە قولىمىزغا چاپلاشمىسا، خۇي يەتكەن بولىدۇ. 3. خۇي يەتكەندە تونۇرنىڭ ئاغزىنى ئېچىپ، ئۈزۈم شىرنىسىغا تەڭ باراۋەر نىسبەتتە سۇ قوشۇپ، ناننىڭ يۈزىگە سۇس چېچىپ بولۇپ داپخاننى ئېچىپ، ئوتنى يالىلدىتىپ پىشۇرىمىز. ناننىڭ يۈزىنى بەكمۇ قىزارتىۋەتمەسلىك كېرەك.

يۇقىرىقى رىستىپ بۇيچە شىۋېتسىيەدە پۇشۇرۇلغان گىردە ناننى تېتىپ بېقىڭ!!!!

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>