باش بەتكە قايتىڭ » ماقالىلار » ئۆز مىللىتىنى تۇنۇشتۇرۇشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلى
ئۆز مىللىتىنى تۇنۇشتۇرۇشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلى

ئۆز مىللىتىنى تۇنۇشتۇرۇشنىڭ يېڭى بىر خىل ئۇسۇلى

،مۇھەببەت ۋە سۆيگۈ ئۆز ئالدىغا ئەركىن بولغان بىرخىل سېھرى كۈچ، ئۇنى قۇرال كۈچى ئۆزىگە باش ئەككۇزەلمەيدۇ ۋە ياكى ئۇنى دۆلەتلەرنىڭ سۇقۇۋالغان چىگرالىرى توسۇپ قالالمايدۇ،

مۇھەببەتنى ئىزھار قىلىشنىڭ ئۇسۇللىرىمۇ ئەلۋەتتە قېلىپسىز بۇلۇپ ئۇنى ھەرخىل بەدىئىي يۇسۇندا كۇنكىرت ئىپادىلەش ۋە ياكى ئابىستراكتىپ ھالدا ھەرتۈرلۈك يېرىم يېپىق ئۇسۇللار بلەن ئەڭ جانلىق ۋە تەسىرلىك ئىپادىلەش مۇمكىن.

مۇھەببەت دېگەن قانداق نەرسە؟ دېگەن سوئالنى جاۋابسىز قالدۇرماسلىققا ئەلمىساقتىن تارتىپ تا، زامانىمىزغا قەدەر بولغان ئۇزاق تارىختا يېتىشكەن دۇنياۋى ئەدىپلەر شائىرلار قانچە تىرىشقان بولسىمۇ ،مۇھەببەتنىڭ ماقامىنى تامامەن تەرىپلەپ تۈگىتىپ بۇلالمىدى.

مۇھەببەت دېگەن بۇ سېھرى كۈچنىڭ تەسىرى ھەر بىر ئادەمنىڭ خىلمۇ خىل ئىش ھەرىكەتلىرى ۋە سۆز تەلەپپۇزلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىدىن پەرقلىق دەرىجىدە مەنىلىك ئىپادىلىنىپ بۇ، خىل ھالەت

يازغۇچىلارنى نوقۇپ قەلەمگە ئېلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.

ساماۋى مۇقەددەس كىتابلارنى، خەلقارا دەرىجىلىك ئەدىبى مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ئەسەرلەرنى بىر بىرلەپ ۋاراقلىساق ئىنسانلارنىڭ ئۆز ئارا بىر بىرىگە بولغان مۇھەببەتلىرى ئىنسانلارنىڭ ئىلاھقا باغلىغان مۇھەببەتلىرى.ئىنسانلارنىڭ جىمى كائىناتقا تەبىئەت دۇنياسىغا باغلىغان مۇھەببەتلىرىنىڭ بايانلىرى دىللىرىمىزنى سۈيۈندۇرمەي قالمايدۇ.

شىۋىتسىيەگە يەرلىشىپ قالغان مەلۇم بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز مىللىتىگە ۋە دۆلىتىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىمۇ ئادەمنى سۈيۈندۈرگىدەك دەرىجىدە بولوپ، ئۇ، ياش ۋاقتىدا ئېغىرلىق كۆتۈرۈش مۇسابىقىسىدە ئىرىشكەن مېدالنى تاپشۇرۇپ ئېلىش مۇراسىمىغا شەرقى تۇركىستاننڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىش ئارقىلىق ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتىنى خەلق ئالەمگە جاكارلىغان بولسا،ئۇيغۇر خەلقى قەتلىئام قىلىنىۋاتقان بۇ،كۈنلەردە مىللىتىنىڭ دەرت ئەھۋالىنى خەلق ئالەمگە يېتەرلىك ئاڭلىتالمىغانلىغىدىن ئەپسۇسلىنىپ، ئىزدىنىش ئارقىلىق ، ئاخىرى بار شارائىتىدىن پايدىلىنىپ مىنىۋاتقان ماشىنىسىنىڭ نۇمۇرتاختىسىىنى *ئۇيغۇر8* قىلىپ ياساتقان. ۋە مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق بولسىمۇ ئۆز مىللىتىنى باشقا مىللەتلەرگە تونۇتۇشنى ئويلىغان.

Share Button

بىر باھا

  1. ستوكھولم دا ئۇيغۇر تاكسى دىگەن تاكسىلارنى كۆردۈم ۋە خۇرسەن بولدۇم

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>