باش بەتكە قايتىڭ » خەۋەر » خەلقئارا خەۋەرلەر » ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ، جۇڭگو ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ

ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ، جۇڭگو ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ

ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﻯ 6 – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 4 – ﻛﯜﻧﻰ جۇڭگو ﺋﯜﭼﯜﻥ جاسۇسلۇق ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﻰ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺷﯩﯟﯦﺘﯩﺴﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻧﻮﻗﺘﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻪﺱ – ﺑﻪﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﻯ

 

ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻫﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻫﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﯩﻨﻰ، جاسۇسلۇق ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯗﺭ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ جاسۇسلۇق ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻫﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ.

 

ﺑﯘ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺋﻪﯓ ﺩﻩﺳﻠﻪﭖ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﻴﯩﺴﻰ4 – ﻗﺎﻧﯩﻠﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﯞﻩﺯﯨﺮﻯ ﻓﺮﯨﺪﯦﺮﯨﻚ ﺭﯦﻴﯩﻨﻔﯧﻠﺖ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻗﺎﺭﺍﯞﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ.

 

ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯜﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﻼ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﺎﺵ ﺗﻪﭘﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﯩﺪﺍ، ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺩﻩﻟﯩﻞ – ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺭ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ

 

ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻻﺭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻻﻫﯩﻴﯩﺘﻰـﮔﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ: جۇڭگونىڭ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ،90 – ﻳﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﻧﺎﻫﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ.

 

2002 -ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ، 61 ﻳﺎﺵ، خەنزۇ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺭﺍﯞﺍﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ. ﺑﺎﺵ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﺷﯩﯟﯦﺘﯩﺴﻴﻪ ﺭﺍﺩﯨﺌﻮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ جۇڭگو ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﺑﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.

 

ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ ﺋﯩﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﻩ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ ﯞﻩ جۇڭگو ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻫﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭘﻪﺭﻩﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻮﻗﺘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ، ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﭘﯧﺘﯩﻨﯩﺸﯩﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺑﯘ ﻫﻪﻗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻫﯧﺴﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﺘﻰ. 8

 

ﺋﺎﺧﺒﺎﺭﺍﺕ ﯞﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ، ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺕ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 – ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻫﻪﻗﻘﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﺷﻠﻪﺭ ﭘﯘﺕ ﺗﯩﺮﻩﭖ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﺴﺎ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ 4 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺟﺎﺯﺍﺳﯩﻐﺎ ﻫﯚﻛﯜﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﻯ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺑﯘﻳﯩﭽﻪ جۇڭگوغا ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻧﺎﻫﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﺎﺯ ﺋﯩﻜﻪﻥ.

 

ﺷﯩﯟﯦﺘﺴﯩﻴﻪ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﯘﻻﺭ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﮔﯘﻣﺎﻧﺪﺍﺭﯨﻨﻰ 2008 – ﻳﯩﻠﻰ 1 – ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭖ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼﭖ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﮔﻪﻥ.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>