ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ‏يالغۇز قويدۇق دېدى

ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى بىز شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ‏يالغۇز قويدۇق دېدى

 

ئۆز خەۋرىمىز: «مىللى گۆرۈش تەشكىلاتى» نىڭ شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شۆبىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرشى بىلەن، تۈركىيە تېلېۋىزىيىسىنىڭ «7-قانال» دىننى سۆھبەت پىراگىرامما رىياسەتچىسى، دوكتۇر ئۆمەر دوڭگەل ئوغلى بىلەن تۈركىيىدە ئەزان ئۇقۇشتا 1- بولغان داڭلىق قارىسى سۇلايمان ئۆزەرنى تەكلىپ قىلىپ «سۆھبەت يىغىن» نى ئويۇشتۇردى.        

يىغىن 2013- يىلى 13- يانۋار كۈنى سىتوكھولم تەۋەلىكىدىكى تېنىستا رايونىنىڭ مەدەنيەت پائالىيەت زالىدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىنغا سىتوكھولم ئەتراپىدىكى تۈرۈك، ئازەرى ۋە ئۇيغۇرلاردىن بولۇپ، 1000 دىن ئارتۇق كىشى ئىشىتىراك قىلدى.

«سۆھبەت يىغىن» ئالدى داڭلىق قارى سۇلايمان ئۆزەرنىڭ قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلاندى.

داڭلىق قارى سۇلايمان ئەپەندىمنىڭ جاراڭلىق ۋە يېقىملىق ئاۋازلىرى بىلەن ئاللاھ ۋە پەيغەمبىرىمىزنى كۈيلەپ ئوقۇغان نەشېد، شېئىرلىرى بىلەن يىغىن ئەھلىنى تەسىلەندۈردى.

يىغىن ئۆتۈشمە زالىغا يىغىن قاتناشقۇچىللىرى ئۈچۈن مۇۋاپىق باھادا ھەر خىل يىمەكلىك، تاتلىق-تۈرۈم، كاۋاپ، چاي، قەھۋە قۇيۇلغان بولۇپ، شۇ زالدىن «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» غىمۇ ئىككى ئۈستەللىك ئورۇن بېرىلدى. بۇ ئورۇنغا شەرقى تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل كىتاپ، تەشىقات بۇيۇملىرى، چىمەن دوپپا، شەرقي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ئىزنەك قاتارلىق بۇيۇملار قۇيۇلغان بولۇپ، يىغىن ئىشتىراكچىلىرىغا شەرقي تۈركىستاننىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرشقا مەيدان ھازىرلاندى.

يىغىن ئارلىقىدا داڭلىق رىياسەتچى، دوكتۇر ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەخمەت تۇرسۇن، «ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» غا ۋاكالىتەن ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلىغا چىمەن دوپپا كەيدۈردى ھەمدە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى چۈشۈرۈلگەن ئىزنەكنى تەقدىم قىلدى.

دوكتۇر، ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى سۆزگە چىقىپ، پەيغەمبىرىمىز، يول باشچىمىز ھەزرىتى رەسۇلۇللانىڭ سۇنتى توغرىسىدا سۆزلەرنى ئاڭلاپ قۇيۇشلا ئەمەس، بەلكى ئاڭلاش بىلەن بىرگە ئەمەل قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، قېرىنداشلىق مىھرى-شەپقەت، ئەر-ئاياللىق مىھرى-مۇھەببەت، پەرزەتلەرگە بولغان مىھرىبانلىق قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئەمەلى مىساللار بىلەن ئايەت، ھەدىسلەر ۋە ساھابىلەرنىڭ ھاياتلىرىدىن دەللىل كەلتۈرۈپ قېرىنداشلىق توغرىسدا توختالغان ئومەر دوڭگەل ئوغلى، «بىز، خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان «شەرقي تۈركىستان» دىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنى يالغۇز تاشلاپ قويدۇق، ئۇلارغا كېرەكلىك ياردەمنى بېرەلمىدۇق. بىرمۇسۇلمان يەنە بىر مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشى، بەدەننىڭ بىرەر يېرى زەخمىلەنسە پۈتۈن بەدەن ئاغىرىيدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستاندا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز خىتاينىڭ زۇلۇمىدا ياشاۋاتىدۇ، لېكىن بىز ھېچنىمە قىلالمىدۇق. ھەتتاكى ئىنسانىي ياردەم قىلىش تەشكىلاتلىرى پۈتۈن دۇنياغا ياردام قولىنى سۇنىۋاتىدۇ، ئەمما شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم قىلالمايۋاتىدۇ، قىلغان تەقدىردىمۇ خىتايدىن قورقۇپ شەرقىي تۈركىستان دېگەن ئىسىمنىمۇ يازالمايۋاتىدۇ. قېنى بىزنىڭ قېرىنداشلىقىمىز؟ بىز قېرىنداشلىقىمىزنى مۇشۇنداق يەتكۈزەمدۇق؟ بىزنىڭ ئۇ دۇنياغا بارغاندا بۇنىڭ ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا قانداق ھىساپ بېرىمىز؟» دېگەن ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلى، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇملىرىنى يىغىنغا قاتناشقان تۈرۈك ئازەرى قېرىنداشلىمىزغا ئەسلىتىپ ئۆتتى.

بەش سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان بۇ سۆھبەت پروگراممىسى، ئىنتايىن ھاياجان ئىچىدە ئۆتتى ۋە ئۆمەر دۆڭگەل ئوغلىنىڭ سۆزلىرىدىن تەسىرلەنگەن كىشىلەر كۆز ياشلىرىنى تۇتۇۋالالماي قالدى.

يىغىن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خوشلىشىپ چىققان ئۆمەر دوڭگەل ئوغلى بىلەن سۇلايمان ئۆزەر«ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» نىڭ كۆرگەزمە ئورنىدا توختاپ، ئۇيغۇرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ئەھۋاللاشتى ھەمدە خاتىرە سۆرەتكە چۈشتى.

ئۆمەر دوڭگەل ئوغلى خوشلىشىش ئارلىقىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ پات يېقىندا خىتاي زۇلىمىدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.

 

 

 

 

 

«ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى» تەشۋىقات بۆلۈمى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*