باش بەتكە قايتىڭ » ئىسلامى بىلىملەر » شىۋېتسىيە يېمەك ئىچمەك بازىرىدا ساختا تاۋار ماركىسى بايقالدى

شىۋېتسىيە يېمەك ئىچمەك بازىرىدا ساختا تاۋار ماركىسى بايقالدى

شىۋېتسىيەدەچىقىدىغان مىترو گىزىتىنىڭ 11 ئاپرېل پەيشەنبە كۈندىكى سانىدا ئېلان قىلىنغان
مۇھىم خەۋەر:

شىۋېتسىيەيېمەك ئىچمەك بازىرىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە
ھالال دەپ ماركا قوللىنىلغان بىر خىل قېزالارنىڭ تەركىبىدە ئون پىرسەنت چوشقا
گۆشىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن مەزكۇر ماركىلىق قېزالارنىڭ يېمەك ئىچمەك
بازارلىرىدا سېتىلىشى چەكلەندى.

شىۋېتسىيەيېمەك ئىچمەك بازىرىنى باشقۇرۇش ئورگىنىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىمى لوئىس نىھولم مۇنداق
دەيدۇ— تاۋارلارغا ساختا ماركا قوللىنىش،ۋە ياكى تاۋارلارنىڭ تەركىبىدىكى بەزى
خۇرۇچلارنى ئېنىق قىلىپ يازماسلىق بەك خەتەرلىك ۋە قوبۇل قىلغۇسىز بىر ھادىسە.
شۇنداقلا مۇسۇلمانچە بولمىغان مەھسۇلاتلارغا ھالال دېگەن ماركىنى قوللۇنۇپ
مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ئىستېمال ھوقۇقىنى قاقتى سوقتى قىلىشمۇ ئالاھىدە بىر ئېغىر
مەسىلە.

شىمالى ياۋروپا دۆلەتلىرىدە قوزغالغان كۆكتاتخورلۇق مەسلەك ئېقىمىنىڭ تەلىپى بۇيىچە ئۇزاق
تارىختىن بۇيان يولغا قۇيۇلۇپ كەلگەن ھايۋاناتلارنى پىچاق بىلەن زەبىھ قىلىشنىڭ
بىر تۇتاش چەكلىنىشى بۇ، يەردە ياشاۋاتقان مۇسۇلمان ئاممىسىنىڭ ھالال گۆش ئىستېمال
قىلىش ئېھتىياجىنى بوغۇپ كەلمەكتە.

 گەرچەشىۋېت خەلقىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئۆزلىرىنى خرىستىئان دىينىنىڭ پروتېستانت
مەزھىپىدە دەپ بىلسىمۇ ، دۇنيادىكى بارچە دىنسىز مىللەتلەردەكلا چوشقا گۆشى
ئىستېمال قىلىدۇ. ئۇشبۇ ئەھۋالغا كۈرە قۇرئان كىرىمىدىكى (ئەھلى كىتابلارنىڭ
تامىقى سىلەرگە ھالال قىلىندى،سىلەرنىڭ تامىقىڭلارمۇ ئۇلارغا ھالال قىلىندى) دېگەن
ئايەتنىڭ ھۆكمىنى شىۋېت خەلقىگە ۋە شىۋېتسىيە جەمئىيىتىگە قارىتا يۈزەكى تەتبىقلاش
ئىسلام دىينىنىڭ ھالال ھارام ھەققىدىكى بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپ بولغىنىدەك، بەزى
ناتونۇش گۆش مەھسۇلاتلىرىغا چاپلانغان ھالال ،مۇسۇلمانچە، دېگەن ماركىلارغا
قارىغۇلارچە ئىشىنىپ تەكتىنى تەكشۇرمەستىن سېتىۋېلىپ ئىستېمال قىلىشنىڭمۇ ياخشى
ئادەت ئەمەسلىكى بىلىنمەكتە.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>