ھىندىستاندا مۆجىزە خاراكتېرلىك بىر ۋەقە

مۆجىزە خاراكتېرلىك بىر ۋەقە


ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۈچۈن پويىزنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتقان ئايال پۈتۈن پويىز ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىنمۇ ھېچنىمە بولماي ساق چىققان.
شىۋېتسىيە ئاخباراتلىرىدا تارقالغان بىر خەۋەردە، ھىندىستاننىڭ پايتەختى يېڭى دېھلىدا ئىشەنگۈسىز بىر ۋەقە يۈز بەرگەن بولۇپ، بىر ئايال ئۆلۈۋېلىش ئۈچۈن پويىز ۋوگزالىدا، كېلىۋاتقان پويىزنىڭ ئالدىغا ئۆزىنى ئاتقان بولۇپ، پويىزنىڭ بارلىق ۋاگونلىرى ئۇ ئايالنىڭ ئۈستىدىن ئۆتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئاغزى، بۇرنى ياكى بىرەر يېرى زەخىملەنمەي پويىز رېلىستىن ساق ساغلام چىققان.
ئىيۇن ئېيىدا مەيدانغا كەلگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىدە بىخەتەرلىك كامېراسىغا چۈشۈپ قالغان ئايالنىڭ پويىزنىڭ پۈتۈن ۋاگونلىرى ئاستىدىن ساق چىققانلىقى كۆرسىتىلگەن. 21 ياشلىق ھىندىستانلىق قىزنىڭ ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە مۆجىزە خاراكتېرلىق ھايات قېلىشى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئىش. پويىز ۋوگزالىنىڭ باشلىقى ئۇدايان بانېرجېې نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پۈتۈن پويىزنىڭ ئاستىدىن ساق چىقىشى ئۇ قىز ئىنتايىن تەلەيلىك ئىكەنلىكىنى، بۇ يىل ئىچىدە 10 ئادەمنىڭ پويىزنىڭ ئاستىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۆلۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقەنىڭ نەق مەيدان كۆرۈنۈشىنى كۆرۈڭ

 

تەييارلىغۇچى: پىداكار

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*