باش بەتكە قايتىڭ » شەرقىي تۈركىستان » 2013- يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سىتاتىستىكىسى
2013- يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سىتاتىستىكىسى

2013- يىلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇس سىتاتىستىكىسى

ئۇيغۇر نوپۇسى مەسىلىسىدە جۇڭگو تەرەپنىڭ بىر تەرەپلىمە مەلۇماتلىرى، ياكى مەنبەسى ئېنىق بولمىغان نوپۇس مەلۇماتلىرىنىڭ ئاساسىي ئېقىم بولۇش ھالىتىگە خاتىمە بېرىش، ھېچ بولمىسا يېڭى بىر مەنبە ھازىرلاش مەقسىتىدە، 2010-يىلىدىن باشلاپ ۋەتەن ئىچى سىرتىدىن بولغان بىر گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ مىننەتسىز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئەڭ يېڭى بولغان، ئۆز قارىشىمىزدا بىر قەدەر ئىلمىي بولغان مەلۇماتلارنى سىتاتىستىكا قىلىپ چىقتۇق.

نىشان: ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايوندا ئولتۇراقلىق ئۇيغۇر ئاھالىسى

دائىرە: ۋەتىنىمىزنىڭ ھەرقايسى رايونلىرى

رايون دەرىجىلىك ئىككى شەھەر، ناھىيە دەرىجىلىك يىگىرمە شەھەر، ئاتمىش ئىككى ناھىيە، ئالتە ئاپتونۇم ناھىيە، يەتتى ۋىلايەت، بەش ئاپتونۇم ئوبلاس، ئون بىر شەھەرگە قاراشلىق رايون.

مەلۇماتلارنىڭ كېلىش مەنبەسى:

بىرىنچى: نەقمەيدان مەلۇماتلار، ۋەتەن ئىچىدىكى گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ بىرىنچى قول ياكى ئىشەنچلىك ۋاستىلىق مەلۇماتلىرى بولۇپ، ۋەتەن ئىچىدىكى قاتناشقۇچىلار ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق شەھەر، ناھىيە، يېزا ۋە بازارلاردا ھەرقايسى ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونلار، مەھەللىلەرگە بېرىپ ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردۇر.

قاتناشقۇچىلار:

  ئىككى يۈز ئەللىك بەش « 255 » كىشى.

ئېلىپ بېرىلغان رايون:

1) ئۈرۈمچى: يەتتە رايون، بىر ناھىيە.

2) قەشقەر: بىر شەھەر، ئون بىر ناھىيە.

3) خوتەن: بىر شەھەر، يەتتە ناھىيە.

4) تۇرپان: بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە.

5) قۇمۇل: بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە.

6) ئاقسۇ: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە.

7) ئاتۇش: بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە.

8) كورلا: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە.

9) بۆرتالا: بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە.

10) قاراماي : تۆت رايون

11) ئىلى: ئىككى شەھەر، سەككىز ناھىيە

ئىككىنچى: ئىنتېرنېت مەلۇماتلىرى، ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى گۇرۇپپا ئەزالىرى ۋاتىلداق(qq)، ئۈندىدار، سكايپى … ئارقىلىق ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تور ئىشلەتكۈچى ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ياردىمى ئارقىلىق ئۇلار تۇرۇشلۇق رايون ۋە مەھەللىلەرنىڭ ئۇيغۇر نوپۇسىغا ئائىت مەلۇماتلارنى ئىگىلەشتىن كەلگەن سانلىق ئۇچۇرلاردۇر.

قاتناشقۇچىلار:

  ئۈچ يۈز ئەللىك ئالتى كىشى

ئېلىپ بېرىلغان رايون:

1) ئۈرۈمچى: يەتتى رايون، بىر ناھىيە.

2) قەشقەر: بىر شەھەر، ئونبىر ناھىيە.

3) خوتەن: بىر شەھەر، يەتتى ناھىيە.

4) تۇرپان: بىر شەھەر،  ئىككى ناھىيە.

5) قۇمۇل: بىر شەھەر،  ئىككى ناھىيە.

6) ئاقسۇ: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە.

7) ئاتۇش: بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە.

8) كورلا: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە.

9) بۆرتالا: بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە.

10) قاراماي : تۆت رايون.

11) ئىلى: ئىككى شەھەر.

سىتاتىستىكا باسقۇچلىرى:

بىرىنچى باسقۇچ: مەلۇمات ئىگىلەش باسقۇچى:

سەرپ قىلىنغان ۋاقىت: 2010-يىلى ماي ئېيىدىن باشلاپ، 2012-يىلى ئاپرىلغىچە.

ماتېرىيال ئىگىلەش قېتىم سانى: 3102(ئۈچ مىڭ بىر يۈز ئىككى) قېتىم، قاتناشقۇچىلار ئوتتۇرا ھىساب بىلەن كىشى بېشىغا بەش قېتىمدىن مەلۇمات يوللىغان.

ئىككىنچى باسقۇچ: مەلۇمات رەتلەش باسقۇچى:

سەرپ قىلىنغان ۋاقىت:  2010-يىلى ئىيۇندىن باشلاپ، 2012-يىلى ئىيۇلغىچە.

ئۈچىنچى باسقۇچ: تەكشۈرۈش باسقۇچى:

سەرپ قىلىنغان ۋاقىت: 2011-يىل ئۆكتەبىردىن باشلىنىپ، 2013- يىلى فېۋرالغىچە.

تۆتىنچى باسقۇچ: ھىسابلاش باسقۇچى:

سەرپ قىلىنغان ۋاقىت: 2013 – يىل مارتتىن باشلىنىپ، 2013-يىلى ئاۋغۇستقىچە.

سىتاتىستىكا خىزمەت مېخانىزمى:

ۋەتەن ئىچى سىرتىدىكى ئالاقە تورى ئارقىلىق قۇرۇلغان بىر گۇرۇپپا، گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ مىننەتسىز خىزمىتى ئارقىلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ئىگىلەپ، تەكشۈرۈپ ۋە كەسپىي بىلىمى بار كىشىلەر ئارقىلىق مەلۇماتلارنى رەتلەش ۋە ھىسابلاش باسقۇچلىرىنى ئەزالار ئالاھىدىلىكى ۋە ئىمكانىيىتى بىلەن تاماملىدى.

ئەزا توپلاش خىزمىتى: شەخسىي ئالاقە تورى ئارقىلىق ئىشەنچىلىك كىشىلەر ئارقىلىق ئەڭ دەسلەپكى گۇرۇپپا ئەندىزىسى قۇرۇلدى.

ۋەزىپە بۆلۈش: كەسپىي ئالاھىدىلىك، شارائىت ۋە ئىمكانلار دائىرىسىدا ئەزالار ۋەزىپىلىرى تەقسىملەندى ۋە بۆلۈملەر تەسىس قىلىندى. بۆلۈملەر: ئۇچۇر ئىگىلەش بۆلۈمى، ئالاقە بۆلۈمى ۋە ئالاقە نۇقتىسى، ئۇچۇر ساقلاش نۇقتىلىرى ۋە باش پونكىت، مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش بۆلۈمى، تەپتىش ۋە تەكشۈرۈش بۆلۈمى، بىخەتەرلىك بۆلۈمى، تېخنىك بۆلۈم.

ئۇچۇر توپلاش خىزمىتى:

1) ۋەتەن ئىچىدىكى ئەزالار ئۆز شارائىتىغا ماس ھالدا بىرىنچى قول نەقمەيدان مەلۇماتلارنى ئۆزىگە بۆلۈنگەن رايونلارنىڭ ھەرقايسى ئولتۇراق رايون ۋە مەھەللىلەرگە بېرىپ، شۇ جايدا ئولتۇرۇشلۇق ئىنسانلاردىن بىۋاستە ئىگىلىگەن. ئەزالار بىۋاستە بارالمىغان رايونلاردا  بولسا ئەزالارنىڭ مۇناسىۋەت تورى ئارقىلىق ئىككىنچى بىر كىشىنىڭ بېرىشى ئارقىلىق مەلۇمات ئېلىنغان بولۇپ، مەلۇمات ئېلىشقا قاتناشقان ئىككىنچى شەخس گۇرۇپپا ئەزاسىدىن مەلۇمات ئېلىش پىرىنسىپلىرىنى ۋە ئۇسۇللىرىنى ئىگىلىگەن. گۇرۇپپا ئەزاسى ئىككىنچى كىشىدىن ئالغان مەلۇماتلارنىڭ ئىلمىيلىكىنى تەكشۈرگەن ۋە تەپتىشلىگەن.

2) ئىنتېرنېت ئارقىلىق ھەرقايسى رايونلاردىكى تورداشلار بىلەن تونۇشۇپ، ئىككىدىن ئارتۇق كىشى ئارقىلىق بىر رايوننىڭ مەلۇماتى ئىگىلەنگەن.

تەكشۈرۈش ۋە سېلىشتۇرۇش خىزمىتى:

نەق مەيدان ۋە ئىنتېرنېت مەلۇماتلىرى سېلىشتۇرۇلغان، گۇمانلىق ياكى ئېنىق بولمىغان مەلۇماتلار قايتا ئېنىقلانغان. جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2009-يىلى سىتاتىستىكا قىلىنغان مەلۇماتلار بىلەن سېلىشتۇرۇلغان.

مەلۇمات رەتلەش ۋە ھىسابلاش خىزمىتى:

ئالاقىدار كەسپىي بىلىملەرگە ئىگە گۇرۇپپا ئەزالىرى ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارنى رەتلىگەن ۋە ھىسابلىغان. رەتلەش ۋە ھىسابلاش خىزمىتى تەكشۈرۈش ۋە تەپتىش قىلىش خىزمىتى بىلەن پارالىل ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، ئوخشاش مەلۇماتلار ئىككىدىن ئارتۇق مۇستەقىل گۇرۇپپىلاردا ئايرىم ئايرىم ھىسابلانغان ۋە نەتىجە سېلىشتۇرۇلۇش ئارقىلىق، توغرىلىقى ماقۇللانغانلار ساقلانغان، گۇمانلىق ياكى ئىككى گۇرۇپپىنىڭ نەتىجىسى ئوخشىماي چىققانلىرى قايتا ئايرىم ئايرىم ھالدا ئىككى گۇرۇپپىدا ھىسابلانغان.

ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىنىڭ 2010-2013-يىللاردىكى ئۇيغۇر نوپۇسى:

 18838470 (  ئون سەككىز مىليون سەككىز يۈز ئوتتۇز سەككىز مىڭ تۆت يۈز يەتمىش).

ئۇيغۇر نوپۇسىنىڭ رايوندىكى تارقىلىشى

رايون

نوپۇس(كىشى)

ئۈرۈمچى: يەتتە رايون، بىر ناھىيە

1056239

قەشقەر: بىر شەھەر، ئون بىر ناھىيە 

5946210

خوتەن: بىر شەھەر، يەتتە ناھىيە  

3620958

تۇرپان: بىر شەھەر،  ئىككى ناھىيە  

1600325

قۇمۇل: بىر شەھەر،  ئىككى ناھىيە  

1053049

ئاقسۇ: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە  

2003642

ئاتۇش: بىر شەھەر، ئۈچ ناھىيە  

1003627

كورلا: بىر شەھەر، سەككىز ناھىيە  

982635

بۆرتالا: بىر شەھەر، ئىككى ناھىيە  

442560

قاراماي : تۆت رايون   

325601

ئىلى: ئىككى شەھەر   

803624

مەنبەسى: ياشلار ئاۋازى تورى

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>