باش بەتكە قايتىڭ » ئىكران » ئۈنىۋېرسال فىلملەر » مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن

مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن

ئەتە ھېيىت دىسە كىچىچە كۆزدە ئۇيقۇ يوق، يېڭى كىيىملەرنى قايتا قايتا كىيىپ باقاتتۇق، ئەتتىگەندە نامازغا ماڭغان ۋاقىتتا يېڭى كىيىملەرنى كىيدۈرۈپ يولغا سالاتتىڭىز، نامازدىن يېنىپ ئۆيگە كىرگەندە ئۆيدە مەززىلىك تاماقنىڭ ھىدى كىلەتتى، قېرىنداشلارنىڭ جەم بولۇشىنى كۈتۈپ تاقىتىمىز تاق بولاتتى، شۇ ۋاقىتلاردا بىزگە ھېيىت بولاتتىكەن، ئەمما مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا،

ئەل مەھەللىدە دوستلار بىر بىرىمىزگە ھېيىتلىق يىغقان پۇللىرىمىزنى كۆز كۆز قىلىپ قانداق خەجلەشنى پىلانلاپ بولاتتۇق، قۇربانلىق سويۇلغان ھامان كاۋاپ قىلىشاتتۇق، مەھەللىدە ھەممە ئۆيگە دىگۈدەك كىرىپ بولاتتۇق،شۇنداق خوشال كەيپىياتتا ھەممىنى ئۇنتۇپ قالاتتۇقيۇ لىكىن ھېيىت بازىرىنى ئۇنتۇمايتتۇق، بىزگە شۇ ۋاقىتلاردا ھېيىت بولاتتىكەن، ئەمما مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا،

ئۆيگە تىزغان نەرسىلەرنى ئوغرىلىقچە يەۋېلىپ قېنى دىسە كۆرمىدىم دەيتتۇق، ئەمما چاندۇرۇپ كۈلۈپ سالاتتۇق، ساڭزا سالسىڭىز قەستەن سۇندۇرۇپ قويۇپ سۇنۇقكەن دەپ يەۋالاتتۇق، ئۇرۇغ تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالساق ھەممە جاينى قالايمىقان قىلىپ ئۆينى بېشىمىزغا كىيەتتۇق، ئاندىن قاتتىقراق گەپ ئاڭلىغاندا توختاپ قېيدىغىلى تۇراتتۇق، بىزگە شۇ ۋاقىتلاردا ھېيىت بولاتتىكەن، ئەمما مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا،

ھەر قېتىم ھېيىت كەلگەندە كۆز ياشلىرىڭىز ئارىلاش سالىمىڭىز ھەم دۇئايىڭىز كىلىدۇ، سىزگە تەسەللىي بىرەلەيمەنۇ ئەمما ئۆزۈمگە تەسەللىي ئىزلەپ تاپالماي قالىمەن، ئۆيدە گۆش سالدىم، كىلىپ يەۋالغىن، دەپ چاخچاق ئارىلاش قىلغان سۆزلىرىڭىزگە پەقەت مەن ئۈچۈن سىز قوشۇپ يەڭ دىيىشتىن باشقا ياخشىراق سۆز تاپالمايمەن، ئۆيدە بولغان بولسام ھە ،ھەي ئىسىت دەپ لىۋىمنى چىشلەپ قالغان چاغلىرىمدا پەقەت ئەتراپىمدىكى ياتسىرىغان مۇھىتتىن تەسەللىي ئىزلەيمەن، مىنى يايراتقىنى ئاشۇ توپىلىق كوچىڭىزكەنتۇق، شۇنچە كەڭرى بىر شەھەردىن يايرىغۇدەك بىر جاي تاپالماي قالدىم,  ۋەتەنسىزلىكتىن ئارتۇق غېرىپلىق يوقكەن، قېرىنداشسىز، ئەل مەھەللىسىز، ئەڭ مۇھىمى ئاشۇ توپىلىق كوچىڭىزسىز مەن مۇساپىرغا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا،

ئەتكەن لەغمىنىڭىزنى، ،نىمە تاماق ئىتىمەن دىگىنىڭىزدە، مەيلىڭىز دىسەم، ئوغۇل بالا دىگەن دىتى يوق بولسا، ئۆزىگە چۇشلۇق كۆز قارىشى بولمىسا بولمايدۇ دەپ مىنى چوقۇم تاماققا ئىسىم قويغىلى سالغان ۋاقىتلىرىڭىزنى سېغىندىم ئانا، ئاشۇ ۋاقىتلارسىز ماڭا ھېيىت بولمايدىكەن،

دوستلار بىلەن شوخلۇق قىلىپ مەھەللىنى بېشىمىزغا كىيىپ يۈرسەك بىرى كىلىپ توسىمايدىغان ،بىز بىلەن بىللە ئويناپ كىچىك بالىغا ئوخشاپ قالىدىغان مەھەللىدىكى چوڭ دادىلارنىڭ يانچۇقىدىن ئازغىنە كەمپۈتلەرنى ئېلىپ بىزنى خۇشال قىلىشلىرى، ھېيىت پەتىسى دەپ ئۆيمۇ ئۆي كىرىپ بولۇشلىرىمىز، ئاشۇ ۋاقىتلاردا ماڭا ھېيىت بوپتىكەن، ھازىر ماڭا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا،

تۇنجى ئۆيدىن ئايرىلغاندا ئەمدى ئۇچىدىغان بولدۇم دەپتىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە خاتالىشىپتىمەن، مىنى ئۇچۇرىدىغىنى مۇساپىر شەھرى ئەمەسكەن، ئۆيدىن ئايرىلغاندا ئەمدى نىمە قىلسام باشقۇرىدىغان ئادەم يوققۇ دەپتىكەنمەن، ئەمەلىيەتتە مەن ئەركىن ئەمەسكەنمەن، مىنى ئۇچۇرغىنى شۇ توپىلىق كوچاڭكەن، مىنى ئەركىن قىلىدىغىنى شۇ سەھريى قىيامەت ئىكەن، ئەمدىلىكتە مۇساپىرلىققا تۇتقۇن بولۇپ شۇ توپىلىق كوچاڭنى سېغىنىۋاتىمەن، ماڭا شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ھېيىت ئاخىرلىشىپتۇ، ماڭا ئەمدى ھېيىت بولمايدىكەن ئانا،

تاكى مۇساپىرلىقنىڭ تۇتقۇنلىقىدىن قۇتۇلمىغۇچە ،تاكى ئاشۇ توپىلىق كوچاڭغا يالاڭ ئاياغ دەسسىمىگۈچە ،تاكى ئاشۇ ۋاقىتلارغىچە ماڭا ھېيىت بولمايدىكەن ئانا، چۈنكى مەن بىر مۇساپىرمەن، ياتسىرىغان،غېرىپسىنغان، تېشىدا ھېيىت ئىچىدە بولسا ماتەم تۇتقان مۇساپىرمەن،

دۇئايىڭىزغا يىغا ۋە سېغىنىش ئارلاشتۇرغان،،ئۆيدە قالغان كىيىملەر بىلەن كۆڭلىڭىزنى ئاۋۇندۇرۇشقا ئۇرۇندۇرغان غېرىپ مۇساپىرمەن،يېڭى دوستلىرىدىن ئۆزىگە خۇشاللىق ھەم تەسەللىي ئىزلەيدىغان مۇساپىرمەن، يېغىپلا تۇرسا مىھىر يامغۇرى، يۈرىكى كىىمنىڭ ئاڭا چىلاشماس، ئىنسانىي سۆيگۈدە ئىنساننى سۆيسەك، قايسى بىر يۈرەك ئىشىكنى ئاچماس، سۆيگۈدۇر زىننەت سۆيگۈدۇر سۇبات، مىھىر مۇھاببەت ئىنسانغا قانات،

ماڭا ئەمدى ھېيىت بولىدۇ ئانا،چۈنكى مەن دوستلىرىمدىن مىھىر كۆردۈم، مىھىر بەردىم،ئاللاھ بەندىسىنى كۆزدىن ئايرىسا ھاسىدىن ئايرىمايدىكەن،مۇساپىر قىلغان ئاللاھ… سەپەرداشلىرىمنى،ئۇلارنىڭ مىھرىنى ماڭا ھەراھ قىلدى.

يازما مەنبەسى: پىدائىي تورى

تۆۋەندىكى « مۇساپىرغا ھېيت بولمايدىكەن » دېگەن ماقالىغا ئاساسەن ئىشلەنگەن فىلىم

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>