باش بەتكە قايتىڭ » ساغلاملىق » خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى
خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى مەملىكەت بويىچە مەكتەپلەردە ‹‹تاماكا چېكىشنى چەكلەش بۇيرۇقى›› چىقاردى


خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى 29 – يانۋار، مەملىكەت بۇيىچە ‹‹ئالى مەكتەپتىن، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر ۋە يەسلىلەردە تاماك چېكىشنى قەتئىي چەكلەش›› ئۇقتۇرۇشىنى تارقاتقان. »تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش›› قاتارلىق بىر يۈرۈش چەكلەش بۇيرۇقىنى ئوتتورىغا قويغان.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق كۆرسىتىلگەن: ھەر قانداق كىشىنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي تېخنىكا مەكتەپلەر، يەسلىلەرگە كىرگەندە، ھەر قانداق جاي، ھەر قانداق ۋاقىتتا تاماكا چېكىشى بىردەك چەكلىنىدۇ.
مەزكۇر ئۇقتۇرۇشتا يەنە: مەكتەپ مۇدىرى مەكتەپتە تاماكا چېكىشنى چەكلەشتىكى 1 – جاۋابكار بولىدۇ. مەكتەپ دەرۋازىسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنىدىغان يېرىگە ‹‹ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ›› دېگەن ۋىۋىسكا ياكى تاماكا چېكىشنى چەكلەش بەلگىسى چاپلىنىشى، مەكتەپلەردە تاماكا چېكىش رايونى تەسىس قىلىنماسلىقى، مەكتەپلەردە كۈلدان قاتارلىقلار قويۇلماسلىقى، مەكتەپلەردە تاماكا ئېلانى چاپلانماسلىقى ياكى مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش بىنالىرىغا تاماكا ماركا نامى قويۇلماسلىقى، مەكتەپلەردىكى كىچىك دۇكانلاردا تاماكا بۇيۇملىرى سېتىلماسلىقى، مەكتەپ سىرتىدىكى خادىملار مەكتەپكە كىرگەندە، ئۇلارغا تاماكا چېكىشنى چەكلەش توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىشى كېرەكلىكىنى. ئالىي مەكتەپلەرنىڭ بىنالىرى ئىچىدە تاماكا چېكىش قەتئىي چەكلىنىشى، تاماكا چېكىش ئۆيى تەسىس قىلىنماسلىقى كېرەكلىكى ئۇقتۇرۇلغان.
ئۇقتۇرۇشتا يەنە مونۇلار تەكىتلەنگەن: تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە زىيانلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى تەشۋىق – تەربىيىلەر كۈچەيتىلىشى كېرەك. جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك مائارىپ تارماقلىرى ۋە مەكتەپلەر كۆپ خىل ئۇسۇل قوللىنىپ، دۇنيا تاماكا چەكلەش كۈنى، يېڭى ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرىش قاتارلىق مۇھىم ۋاقىت ۋە پەيتنى چىڭ تۇتۇپ، دەرسخانىلاردا، لېكسىيەلەردە، ھەر- خىل پائالىيەتلەردە، ئوقۇغۇچىلارغا تاماكا چېكىشنى چەكلەش تەربىيەسى قىلىشى كېرەك. جايلار ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ‹‹ئىس – تۈتەكسىز مەكتەپ›› قۇرۇش پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشى، تەكشۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىشى، تاماكا چېكىشنى چەكلەش خىزمىتىدە تەدبىر جايىدا ئەمەلىيلەشمەسلىك ئەھۋالىغا قارىتا مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>