باش بەتكە قايتىڭ » ساغلاملىق » پىيادە مېڭىشنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى
پىيادە مېڭىشنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى

پىيادە مېڭىشنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى

پىيادە مېڭىشنىڭ بەدەنگە بولغان پايدىسى

    كونىلار ئېيتقاندەك، ئادەم قېرىسا پۇتىدىن قېرىيدۇ. ئادەم بەدىنىدىكى ئۈچتىن ئىككى قىسىم مۇسكۇل تۆۋەنكى بەدەنگە جايلاشقان، شۇڭا 60نەچچە ياشلىق ئادەمدە ياشلارنىڭ يەتتە ئۈلۈشىچىلىك قول سىقىش كۈچى ۋە بىلەك كۈچى بولىدۇ، لېكىن تۆۋەنكى بەدەننىڭ كۈچى ئاران 4ئۈلۈش قالغان بولىدۇ. يېقىندا ئىسرائىلىيە، ئامېركاقاتارلىق دۆلەتلەردىكى تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، نورمال ساغلام قەدەم بىلەن پىيادە مېڭىشنىڭ  قېرىشنى كېچىكتۈرۈشتەك خىسلەتلىك رولى بار ئىكەن.

   ئامېركىدا يېقىندا نەشىر قىلىنغان«مېڭىڭ! يۈگۈرمەڭ» ناملىق كىتاپتا كىتاپنىڭ ئاپتورى سىتامان دوكتۇر:‹پىيادە مېڭىپ بەدەن چېنىقتۇرغاندا چوڭ قەدەم ئېلىپ، سۈرئەتنى سەل تېزلىتىپ، ئىككى بىلەكنى سېلىپ، باشنى كۆتۈرۈپ كۆرەكنى كېرىپ مېڭىش كېرەك› دەپ كۆرسەتكەن بولۇپ مېڭىشنى ئاددى ھالدىكى تۆۋەنكى بەدەننى چېنىقتۇرۇش دەپ قارىماڭ، ھازىر نۇرغۇنلىغان تەتقىقاتلار شۇنى ئىسپاتلىدىكى، رېتىملىق پىيادە مېڭىش بەدەندىكى ھەرقايسى ئورۇنلارنى ئۈنۈملۈك ھالدا چېنىقتۇرىدىكەن.

پىيادە مېڭىش مېڭىنىڭ ئىندورپىننى قويۇپ بېرىشىنى تېزلىتىپ، كەيپىياتنى ياخشىلايدىكەن. ئۆپكىنىڭ سىغىىمچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، تاكا چەككۈچىلەرنىڭ تاماكا خۇمارىنى تۆۋەنلىتىدىكەن. دۈمبە مۇسكۇلىنى كۈچلەندۈرىدىكەن. پىيادە مېڭىش سۆڭەكنىڭ كۈچ مەشىقى قىلغىنىغا باراۋەر بولۇپ، پۇت ۋە پاقالچاقنىڭ سۆڭەك ۋە مۇسكۇللىرىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە كۈچەيتىدىكەن

«يېڭى ئىنگىلاند تىببى ژورنىلى»نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بىر ھەپتىدە ئۈچ سائەتتىن ئارتۇق پىيادە ماڭغاندا يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى %35-%40كىچە تۆۋەنلەتكلى بولىدىكەن. ئامېركا‹تەبىئەت›ژورنىلىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەردە دېيىلىشىچە، 60ياشتىن ئاشقانلار ئۈچۈن ھەپتىدە ئۈچ كۈن، ھەر قېتىم 45مىنۇتتىن ئارتۇق پىيادە مېڭىش ياشانغاندىكى دېۋەڭلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلى رولىنى ئوينايدىكەن. بىر ھەپتىدە يەتتە سائەتتىن ئارتۇق پىيادە ماڭغاندا بولسا ئەمچەك راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋىپىنى %20تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن،    2-تۈرلۈك دىئابىت كېسىلىگە نىسبەتەن بولسا %50داۋالاش رولىنى ئوينايدىكەن.

پىيادە مېڭىشنىڭ شىپالىق روللىرى تۆۋەندىكىچە:

1. پىيادە مېڭىش يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدۇ. يۈرەكنى كۈچلەندۈرىدۇ.

2. پىيادە مېڭىش قان تومۇرنىڭ ئېلاستىكىلىقىنى ئاشۇرىدۇ، قان تومۇر يېرىلىشنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى ئازايتىدۇ.

3. پىيادە مېڭىش مۇسكۇلنىڭ كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، پۇت، پاقالچاقنى ساغلاملاشتۇرىدۇ، بوغۇملارنىڭ ھەركەتچانلىقىنى ئاشۇرىدۇ. بەدەننىڭ قان ئايلىنىشىنى ھەم مېتابولىزىم ھەركىتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

4. پىيادە مېڭىش ھەزىم قىلىش بەزلىرىنىڭ ئاجىرتىپ چىقىرىش فۇنكىسىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئاشقازان-ئۈچەينىڭ رېتىملىق لۆمۈلدىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىشتاھانى ئاچىدۇ. يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت، سېمىزلىك، ئادەت خارەكتىرلىك قەۋزىيەت قاتارلىق كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش رولىنى ئوينايدۇ.

5. سىرتتىكى ساپ ھاۋادىن نەپەس ئالغاچ پىيادە مېڭىش چوڭ مېڭىنىڭ ھەركىتىنى كۈچەيتىپ، پىكىرنى ئوچۇق جانلىق قىلىدۇ، چوڭ مېڭىنىڭ چارچىشىنى تۈگىتىپ ئۈگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. مۇتەخخەسىسلەرنىڭ سىناق قىلىشىچە، ھەر ھەپتىدە ئۈچ قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر سائەت پىيادە ماڭىدىغانلار بىلەن ھەركەت قىلشنى ياخشى كۆرمەيدىغانلارنى سېلىشتۇرغاندا، پىيادە ماڭىدىغانلارنىڭ ئىنكاسى تېز، كۆرۈش سېزىمى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيتى يۇقىرى بولغان.

6. پىيادە مېڭىش بولسا تىنچلىق ئىچىدە ھەركەت، ھەركەت ئىچىدە تىنچلىق بولغان بەدەن چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى، ئۇ نېرىپلارنىڭ جىددىيلىكىنى پەسەيتىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئۆلچىشىچە، ئىچى سىقىلغان، دەككە-دۈككە بولغان ۋاقىتتا يېنىك قەدەم بىلەن 15مىنۇت پىيادە مېڭىپ بەرگەندە بۇخىل جىددىيلىكنى پەسەيتىپ، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرغىلى بولىدىكەن.

7. تۇراقلىق ۋاقىتتا پىيادە مېڭىشنى داۋاملاشتۇرغاندا، يۈرەككە قان يېتىشمەسلىك ۋە قان بېسىمى تۆۋەنلەپ كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى تۈگەتكىلى بولىدىكەن، ھارغىنلىقنى تۈگىتىپ كەيپىياتنى ياخشىلىغىلى، يۈرەك سېلىش ئالامەتلىرىنى ئازايتقىلى بولىدىكەن.

8.پىيادە مېڭىش خولىستىرولنىڭ ئارتىرىيە دىۋارىدا توپلىشىپ قېلىشىنى ئازايتىدىكەن، ھەم قان قەنتىنىڭ قاندىكى مايغا ئايلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.

9. پىيادە مېڭىش قورساقتىكى ماينى تۈگىتىپ بەدەننى زىلۋالاشتۇرىدۇ.

10.پىيادە مېڭىش قان نوكچىسىنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئازايتىپ، يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسىنىڭ يۈز بېرىش ئىمكانىيتىنى ئازايتىدۇ.

11. پىيادە مېڭىش بەدەندىكى ھورمۇننىڭ ئاجىرلىپ چىقىرىلىشىنى ئازايتىدۇ. بولۇپمۇ بۆرەك ئۈستى بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجىرىلىشىنى ئازايتىدۇ. بۇ ھورمۇن ئارتىرىيە كېسەللكلىرىنىڭ پەيدا بۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بولۇپ، پىيادە مېڭىش بۇخىل كېسەللىكنىڭ پەيدا بۇلۇش خەۋپىنى ئازايتىدۇ.

12. پىيادە مېڭىش مۇھىتنى ئاسرايدۇ. بۇلغىما گازدىن بۇلغىنىشنى تۈگىتىدۇ، بەدەننى كۈچلەندۈرۈپ، ئىممۇنت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەللىكنى ئازايتىپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتىدۇ. شۇڭا مېڭىشنى داۋاملاشتۇرۇڭ، توختىتىپ  قويماڭ.

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>