باش بەتكە قايتىڭ » ئىكران » تۈركىستان فىلملىرى » كىرىيە ناھىيە ئەتراپىدا 7.3 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن شۇ رايونغا بېرىپ مەخسۇس ئىشلەنگەن فىلىم
كىرىيە ناھىيە ئەتراپىدا 7.3 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن شۇ رايونغا بېرىپ مەخسۇس ئىشلەنگەن فىلىم

كىرىيە ناھىيە ئەتراپىدا 7.3 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن شۇ رايونغا بېرىپ مەخسۇس ئىشلەنگەن فىلىم

خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق كېرىيە ناھىيسىدە 2- ئاينىڭ 12- كۈنى ئۈرۈمچى سائەت 3 تىن 19 مىنۇت 50 سېكۇنت ئۆتكەندە كىرىيە ناھىيە ئەتراپىدا 7.3 بال يەر تەۋرىگەن. تەۋرەش چۇڭقۇرلىقى 12 مىڭ مېتىر بولغان. يەر تەۋرىگەن خەۋرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەرقايسى ساھەدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلار ۋە ھەرقايسى ئاخبارات ۋاستىلىرى جۈملىدىن تور بېكەتلەرمۇ بۇ ئىشقا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇيغۇر تورلىرىغا ۋاكالىتەن مىسرانىم، ئانا تۇپراق تور بېكەتلىرى 14- چىسلا ئەتتىگەندە خوتەنگە قاراپ ماڭدى، 14- چىسلا چۈشكە يېقىن خوتەندىن كېرىيە ناھىيسىگە بىر قىسىم كارخانىچىلار بىلەن يەر تەۋرىگەن رايونغا تەييارلانغان ماددىي بويۇم ۋە نەق پۇللارنى ئېلىپ خوتەندىن 200 كېلومىتىرلارچە يىراقلىقتىكى كېرىيە ناھىيسىنىڭ يەر تەۋرەشتە بىراز روشەن تەسىرگە ئۇچرىغان ئاتچان يېزىسى شۇنىڭدەك ئويتوغراق، توغرا غاز كەنىتلرىگە بېرىپ كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ھال سورىدى.

ئەلۋەتتە ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىمۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۆزىنىڭ تور ئاخباراتچىلىقىدىن ئىبارەت رولىنى ھەقىقىي تۈردە جارىي قىلدۇرۇپ نەق مەيداندىن بىرقىسىم خەۋەرلەرنى تورداش قېرىنداش دوستلارغا سۇنۇپ تۇردى، بىز بۇ قېتىم يەر تەۋرەش ئىشلىرى بىلەن شۇ يۇرتلارغا بارغىنىمىزدە ھېس قىلغىنىمىز بىزدىن نەچچە مىڭ كىلومىتىر شۇنداقلا نەچچە ئون مېتىر يىراقلىقتىمۇ ھەقىقىي مۇھتاجالار يوق ئەمەسكەن، ئۆزى مۇھتاج تۇرۇپ باشقىلارغا ياردەم قولىنى سۇنىۋاتقانلارمۇ ھەم بار ئىكەن.

مېھىر مۇھەببەت قەلبىمىزنى ئىللىتقۇسى بىز يەر تەۋرەش رايونىدا قىسقىچە فىلىم تەييار قىلدۇق، شۇنداقلا مەخسۇس مۇشۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئاتاپ ئايرىم ناخشا تەييارلىدۇق، مۇشۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئۈچۈن مەخسۇس ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان دوستىمىز ئابدۇسەمى ئەركىنگە چىن قەلبىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز!

تۆۋەندىكى يەر تەۋرىگەن رايونغا بېرىپ نەق مەيدان ئىشلىگەن مەخسۇس فىلىم.

مەنبەسى: http://bbs.misranim.com/thread-119360-1-1.html

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>