باش بەتكە قايتىڭ » شەرقىي تۈركىستان خەۋەرلىرى » ئاتا يۇرتتىن ئانا يۇرتقا يىپەك يولى نامدىكى 13 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
ئاتا يۇرتتىن ئانا يۇرتقا يىپەك يولى نامدىكى 13 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

ئاتا يۇرتتىن ئانا يۇرتقا يىپەك يولى نامدىكى 13 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى

13 قىسىملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتى توغرىسىدا توختالغان بولۇپ، يىپەك يولىنىڭ باشلىنىش نوقتىسى بولغان شىئەن شەھىرىدىن باشلاپ، قۇمۇل، ئۈرۈمچى، تۇرپان، ئاقسۇ، كۇچار، يەكەن، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. 
2014 – يىلى 6 – ئاينىڭ 18 – كۈنى مەركىزى ئىستانبۇلغا جايلاشقان مۇسىياد يەنى مۇستەقىل سانائەتچى ۋە كارىخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ مەركىزىدە بۇ 13 قىسىملىق ئاتا يۇرتتىن ئانا يۇرتقا نامدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ مۇراسىمغا تۈركىيە ئەسكىشەھەر ۋالىيسى گۈنگۆر ئازىم تۇنا، مۇسىياد مۇستەقىل سانائەت ۋە كارخانچىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نازىم ئۆزدېمىر، مۇسىياد تەلىم – تەربىيە ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ھالىم ئايدىن، يەتتە رەڭ فىلىم ئىستۇدىيىسىنىڭ رەئىسى ئىسرافىل قۇرۇلئاي، يەتتە رەڭ ئىستۇدىيىسىدىن كامال چىفتچى، بىلال ئەرئوغلى، ئۇيغۇر تارىخى مۇتەخەسسىسى پروفېسسۇر ئەخمەت تاشئاغىل، مۇزىكانت گۆكان تامىر، ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ رېژىسسۇرى ئەكرەم بۇرازان قاتارلىق كۆپ ساندا مۇھىم شەخسلەر قاتناشتى.

ئاتا يۇرتتىن ئانا يۇرتقا يىپەك يولى نامدىكى 13 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش
ئاتا يۇرتتىن ئانا يۇرتقا يىپەك يولى نامدىكى 13 قىسىملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمىدىن بىر كۆرۈنۈش

بۇ فىلىمنىڭ ئىشلىنىشىگە ئەسكىشەھەر ۋالىيىلىقى بىلەن تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيە قانىلى ماددى جەھەتتىن ياردەم بەرگەن بولۇپ، مۇراسىمدا ئەسكىشەھەر ۋالىيىسى ئازىم تۇنا ئەپەندى سۆز قىلدى ۋە ئاتا يۇرتتىن ئانا يۇرتقا ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى كەلگۈسىنىڭ كاپالىتى بولغان پەرزەنتلەرگە ياخشى كۆرسىتىش، چۈشەندۈرۈش كېرەكلىكىنى، 300 مىليوندىن كۆپرەك نوپۇسقا ئىگە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئىنسانلىرىغا ئەسكىشەھەرنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋالىي ئازىم تۇنا مۇنداق دېدى: ئورتاق مەدەنىيەت مىراسىمىزنى كېلەچەككە ئىز قالدۇرۇش يولىدا مەدەنىيەت پايتەختىدىن تارىخى يىپەك يولى ئارقىلىق ئۆتمۈشنىڭ ئىزىنى باستۇق. يىپەك يولى تۈرك دۇنياسىنىڭ جانلىق جۇغراپىيىسىگە ئۇيغۇن ھالدا ئاسىيادىن ياۋروپاغا، ياۋروپادىن ئافرىقىغا سۇزۇلغان ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ قەدىمى ۋە كۆپ ئىشلىتىلگەن ئاساسىي يوللاردىن بىرىدۇر. يىپەك يولى بىز ئۈچۈن بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي چوڭقۇر مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يىپەك يولى ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىر گۈزەللىك ئىزىدىنىشى. ئوخشىمىغان مەدەنىيەت، ئۆرپ – ئادەتلەرنى بىر – بىرى بىلەن باغلىغان ۋە بۇ ۋاسىتە ئارقىلىق تۈرك دۇنياسىنى كۆڭۈل بېغى بىلەن بىر – بىرىنى باغلىغان بىر يول. ئەلۋەتتە بىزنىڭ مەدەنىيەت پايتەختى ئەسكىشەھەرنىڭ شۇئارى: تىلدا، پىكىردە، خىزمەتتە بىرلىكتۇر. بۈگۈنكى كۈندە بۇ شەكىلدە بىر – بىرىمىزنى تونۇپ كەلگۈسى 5،10 يىل ئىچىدە بىر – بىرىمىزنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىمىز. ئىشلىرىمىزدا بىر – بىرىمىزنى قوللاشقا تىرىشىمىز، بۇ يەردە ئىقتىساد ئىگىلىرىگە، كارخانچىلارغا چوڭ بىر ۋەزىپە چۈشىدۇ، يىپەك يولى تارىختۇر، تارىخ ئەينىكىگە چۈشكەن كېلەچەكتۇر. بۇ دېمەك، كەلگۈسىدە بولسا يىپەك يولى تۈرك دۇنياسىدا مەدەنىيەت پائالىيەت ۋە چوڭقۇر ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قۇرۇلۇشى دېمەكتۇر.

ئەسكى شەھەر ۋالىسى ئەزىم تۇنا سۆزدە
ئەسكى شەھەر ۋالىسى ئەزىم تۇنا سۆزدە

مۇراسىمدا، مۇسىياد مۇستەقىل سانائەت ۋە كارخانىچىلار جەمئىيىتى تەلىم – تەربىيە ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر خالىم ئايدىن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىر مەدەنىيەتنىڭ چوڭلۇقى تارىخقا قالدۇرغان ئىزلار بىلەن مۇمكىن بولىدۇ. تۈركلەر ھەقىقەت مۇشۇنداق چوڭ بىر مەدەنىيەتنىڭ ۋارىسى. بىزلەر بۇ چوڭ مىراسنىڭ ئەۋلادلىرى، بۇ مىراس بىلەن غۇرۇرلىنىمىز، ھەقىقەتەن يىپەك يولىغا قارىغاندا، چوڭ بىر مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم ئىزلىرىنى كۆرىمىز.

يەتتەرەڭ فىلىم ئىستۇدىيىسىنىڭ باشلىقى ئىسرافىل قۇرۇلئاي ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10 ئاي ئىچىدە سىنئالغۇغا ئېلىنىپ ئىشلەنگەن بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە، يىپەك يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي، شەرقىي تۈركسىتان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، ئىران، ناھچىۋان، ئەزەربەيجان، قىرىم، روم، ۋىنگىرىيە، بوسنىيە ھېرسېك، ماكېدونىيە، قاراتاغ، ئالبانىيە، گىرىتسىيە ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار سىنئالغۇغا ئېلىنغان.

يەتتەرەڭ فىلىم ئىستۇدىيىسىنىڭ باشلىقى ئىسرافىل قۇرۇلئاي ئەپەندى بۇ ھۆججەتلىك فىلىم توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىپەك يولىدا ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ سىنئالغۇغا ئالدۇق، مىسال ئالىدىغان بولساق، تۇرپان شەھىرى بۈگۈن خىتاينىڭ چېگىراسى ئىچىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا جايلاشقان. بۇ شەھەر تېرىقچىلىقتا بەك مۇھىمدۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك تىلىدىكى تۇرپاندا دېگەن سۆزمۇ شۇ يەردىن ئېلىنغان، بۇ يەردە چوڭ ھەجىمدە سۇ كارىزلىرى ياسالغان. يىپەك يولىدىن غەربكە ئۇدۇل يولغا چىقىدىغان بولساق، تۈرك شەھەرلىرى، قۇمۇل، تۇرپان، كۇچا، ئاقسۇ، خوتەن، يەكەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەر مۇھىم بىكەتلەردۇر. بۇ بىكەتلەردىن كىملەر كېلىپ ئۆتتى، ئەلى قۇشچى، ئىبنى سىنا، فارابى، بىرۇنى، ئۇلۇغ بېككە ئوخشاش بۈيۈك كىشىلەر سەپەر قىلدى.

ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مۇقەددىمىسىدە يىپەك يولى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: نەچچە دەۋردىن بۇيان تىجارەتنىڭ جان تومۇرى بولغان، چوڭلۇقى ۋە تىلسىماتلىرى بىلەن ئىنسان ئەقلىنى لال قىلغان بىر يول يىپەك يولىدۇر. تىجارەتتىن باشقا يەنە دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا بىلىم، سەنئەت، دىن، تىل ۋە مەدەنىيەتلەرنى بىر – بىرىگە تۇتاشتۇرغان، ماسلاشقان بۇ يىپەك يولى ۋە تىلسىماتلىق سەپەر يولى ئوخشاش ۋاقىتتا 1000 يىللىق ئاتا يۇرتتىن ئانا يۇرتقا تۈركلەرنىڭ سەپەر قىلىش يولى، ئۇ ئىزلار بىزنىڭ ئىزىمىز، ئۇ ھىكايە بىزنىڭ ھىكايىمىز.

مۇراسىم ئاخىرىدا، مۇسىياد تەلىم – تەربىيە ۋە مەدەنىيەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى دوكتۇر ھالىم ئايدىن ۋە يەتتە رەڭ فىلىم سىتۇدىيىسىنىڭ باشلىقى ئىسرافىل قۇرۇلئاي، ۋالىي ئازىم تۇناغا بۇ فىلىمگە ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتتىن قوللاپ ھەسسە قوشقانلىقىنى تەبرىكلەپ تەشەككۈرنامە تەقدىم قىلدى.

كېيىن 13 قسىمدىن تەركىپ تاپقان ئاتا يۇرتتىن ئانا يۇرتقا ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ مۇقەددىمىسى كۆرسىتىلدى.

يەتتە رەڭ فىلىم ئىستۇدىيىسى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن 13 قىسىملىق ئاتا يۇرتتىن ئانا يۇرتقا ناملىق بۇ ھۆججەتلىك فىلىمنىڭ ھەر بىر قىسىمى 26 مىنۇتلۇق بولۇپ، فىلىمنىڭ رېژىسسۇرى: ئەكرەم بۇرازور، مەسلىھەتچى ئۇيغۇر تارىخ مۇتەخەسىسى پروفېسسۇر ئەخمەت تاشئاغل، مۇزىكانت گۆكخان تامىر ئىكەن.

فىلىمنىڭ بىرىنچى قىسمى شىئەن غەربكە ئېچىلغان ئىشىك. 2 – قىسىمى: مەدەنىيەت ۋە ئۇيغۇرلار. 3 – قىسىمى: دېدىم قىز سۇلتانمىسەن. 4 – قىسمى بىر ئاناتۇلىيە شەھىرى خوتەن. 5 – قىسىمى: قەشقەر تۈرك تىلىنىڭ بۆشىۈكى، 6 – قىسىمى: يەسەۋىيگە بارىدىغان يول. 7 _ قىسىمى: تىمۇرنىڭ نەۋرىسى بولۇش. 8 _ قىسىمى: بۇخارانىڭ ئالتۇنلىرى. 9 _ قىسىمى: ھارازىمنىڭ ئالگورتمالىرى. 10 _ قىسىمى: نۇر شەرقتىن كۆتۈرۈلىدۇ. 11 _ قىسمى: ئودلار ئۆلكىسى. 12 – قىسمى: سەددىچىندىن رومىلىگە. 13 _ كۆۋرۈك قاتارلىق ناملار بېرىلگەن.

يەتتە رەڭ فىلىم سىتۇدىيىسىنىڭ باشلىقى ئىسرافىل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 13 قىسىملىق بۇ فىلىم تۈركىيە ئاۋازى تېلېۋىزىيە قانىلىدا تارقىتىلىدىغان بولۇپ، 1 – قىسىمى 2014 – يىلى 6 – ئاينىڭ 21 – كۈنى شەنبە سائەت 14:15 تە تارقىتىلىدىكەن. ئالدىمىزدىكى يەكشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى يەنە سائەت 14:00 تە تەكرار تارقىتىلىدىكەن.

مەنبەسى: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى – ئارسلان تاش

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>