باش بەتكە قايتىڭ » ئۈنىۋېرسال يازمىلار » خوتەن قوزغىلىڭى ھەققىدە ئەسلىمە
خوتەن قوزغىلىڭى ھەققىدە ئەسلىمە

خوتەن قوزغىلىڭى ھەققىدە ئەسلىمە

دوكتور مۇھەممەت ياقۇپ بۇغرا

كىرىش سۆز
ئۆتكەن يىل ۋەتەننى زىيارەت قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىدەتۇرغان ۋاقتىمدا« شىنجاڭ تارىخىي ماتىرىياللىرى» نى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇمۋە ئىنتايىن تەسىرلەندىم. ۋەتىنىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈنكۆپلەپ پايدىلنىش ماتىرىياللىرى نەشىر قىلىنىپتۇ. بۇ، شىنجاڭ تارىخىدا چوڭ بىرياخشى ئىش. ئاپتورلار ھادىسىلەرنى ھازىرقى جەمئىيەت ۋە مەھەللىۋى مەيداندا تۇرۇپتەھلىل قىلىپ چۈشەندۈرگەن بولسىمۇ، يەنىلا ۋەقەلەردىكى ئەسلى ماھىيەت ئەكىس ئىتىپتۇرىدۇ.
بۇ ماقالىلەرنى كۆرۈش جەريانىدا شۇ چاغلاردا خوتەندە بۇلۇپ ئۆتكەنۋەقەلەرنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقى ۋە ياكى دارىتىپ ئۆتۈپ كېتىلگەنلىكىنى ھىسقىلدىم. ۋەھالەنكى بۇ ھادىسىلەر، يەنى بەزەنلەرنىڭ «ئىسلامچىلار- چوماقچىلار»ھەرىكىتى دەپ كۆرسەتكەن خوتەن قوزغىلىڭى بولسا، پۈتۈن شىنجاڭدىكى قوزغىلاڭلارغامەلۇم دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن ۋە ھازىر «دېھقانلار ئىنقىلابى» دەپ تەبىربېرىلىۋاتقان قوزغىلاڭچىلارنىڭ بىر پارچىسى ئىدى.
يەنە مەن شىنجاڭ گېزىتىگە بېسىلغان مەملىكەتلىك سىياسى كېڭەش ئۇمۇمىيېغىنىنىڭ مىللەتلەر تارىخىنى تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى  كۈرۈپ قالدىم. بۇنىڭدا بۇ خىزمەتنى تېخىمۇ چوڭقۇر ۋە ئەستايىدىلئېلىپ بېرىش ھەتتا چەتئەللەردىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلارنىمۇ يېزىشقا رىغبەتلەندۈرۈشكەبۇلىدۇ دەپ كۆرسىتىلگەن. شۇڭا مەن بۇ قاراردىن جۈرئەتلىنىپ بۇ مەسىلىنى يېزىپچىقتىم.
كېلىپ چىقىشىم خوتەن قوزغىلىڭىنىڭ ئاساسىي رەھبىرى بولغانمەمتىمىن ھەزرىتىم(تۆۋەندە- م. ئى. بۇغرا دەپ يازىمەن) ئائىلىسىدىن بۇلۇپ، دادامبۇ ھادىسىلەردىن چەتنەپ قالالمىغان، ئاناممۇ بۇنىڭ دەردىنى ئاز تارتمىغان. خوتەنقوزغىلىڭىنىڭ پۈتۈن جەريانى ئائىلىمىزدىكىلەرنىڭ ئۆز ئەۋلادلىرىغا داستان قىلىپسۆزلەپ بىرىدىغان بىر ئەنئەنىگە ئايلىنىپ قالغان. مېنىڭ بۇ ئەسلىمىلىرىمئائىلەمدىن ئاڭلىغانلىرىم، چەتئەلدىكى ھاياتىمدا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەردىنئۈگەنگەنلىرىمدىن ئىبارەت. تارىخ تەتقىقات ماتىرىياللرىغا كىرگۈزۈشكە بولامدۇ-يوق، كۈرۈپ بېقىشىڭىزلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. 

ھۆرمەت بىلەن:
دوكتۇر مۇھەممەت ياقۇپ بۇغرا
1984- يىلى، ئەنقەرە- تۈركىيە.ئومۇمى ۋەزىيەت

 

ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، خوتەن تەكلىماكان چۆلىنىڭ ئەڭ چەت ياقىسىغاجايلاشقان بىر جاي. خەلق شۇ چاغلاردا زاماننىڭ ئەڭ قالاق قاتناش ۋە خەۋەرلىشىشۋاستىلىرىدىنمۇ مەھرۇم بۇلۇپ، مائارىپ، ساقلىقنى ساقلاش دېگەنلەردىن خەۋەرسىزئىدى. مىللى تەڭسىزلىك ئەۋجىگە چىققان بۇلۇپ، خەنزۇ ھۆكۈمران سىنىپى يەرلىك خەلقنىدەھشەتلىك زۇلۇم بىلەن ئىدارە قىلىشتىن تاشقىرى ئۇلارنى نادان قالدۇرۇپ يېڭىلىقتىنئۆلگۈدەك قورقۇپ ئۇنى ھامان ئۇجۇقتۇرغان، ئىجتىمائى ھاياتتا قالاقلىق ۋەخۇراپاتلىق ھۆكۈم سۈرگەن، يۇقۇرى تەبىقىدىكى ئەمەلدارلارنىڭ قول- چومىقى بولغان،بەگ، چوڭ يەر ئىگىلىرى ۋە دىننى مۇتەئەسسىپ ئىمتىيازلىق كىشىلەر خەلقنى ئېزىشكەئۈزىنىڭ خوجايىنلىرىدىن كېيىن قالمىغان، ھەر بىر ئامبال ئۆز ئالدىغا بىر ھۆكۈمەتبۇلىۋالغانىدى.
خوتەن ھىندىستان ۋە ئافغانىستانغا يېقىن بۇلۇشتەك جۇغراپىيەلىكئالاھىدىلىكى بۇ رايونغا سودا تىجارەت ۋاستىسى بىلەن دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدىكىيۈز بىرىۋاتقان يېڭىلىقلاردىن خەۋەر (گېزىت ژورنال) تېپىشىغا سەۋەب بولدى. بۇ بىرقىسىم كىشىلەردە خەلقنى مائارىپ جەھەتتىن ئاقارتىش تەشەببۇسلىرىنى مەيدانغاكەلتۈردى. بۇ كىشىلەر ئۇمۇمەن ياش مۇدەرىسلەر ۋە تالىپلار، يەنى دىننى مەكتەپئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئىبارەت ئىدى. چۈنكى خەلق ئىچىدىكى ساۋاتلىقلارمۇشۇلار ئىدى. مەدەنىي ئاقارتىش ئۇرۇنلىرى ۋە مەكتەپلەرنىڭ يوقلىقىدىن خەلقنىڭئىلىم- بىلىم ئېلىش مەركىزى بۇ دىننى مەدرىسلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالغان.ھۆكۈمرانلار باشقۇرۇشىدىكى شۆتاڭ مەكتەپلەر بولسا پەقەت ھۆكۈمرانلارغا سادىق بەگ-لاۋيى يېتىشتۈرۈش كۇرۇسلىرىدىن ئىبارەت ئىدى، خەلق بۇنىڭدىن بەك نەپرەتلىنەتتى.
جاھالەت ئىچىدىكى مەھكۇم خەلق مۇستەبىت زالىم خەنزۇ ھۆكۈمرانلارنىخەنزۇ مىللىتىنىڭ ۋەكىلى دەپ چۈشەنگەن. ئۇلار كۆرگەن ۋە بىلگەن خەنزۇلار ئەنە شۇزالىملار ئىدى. مەسىلەن، خوتەنگە خەنزۇلار سېپىل ئالدىدىكى بىر قانچە ئائىلەگۆرۈكەش، جازانىخور تىجارەتچى خەنزۇ ۋە ئاندا- ساندا سېپىل ئىچىدىن تاشقىرىغاچىقىپ خەلققە بالايى ئاپەت ياغدۇرۇلغان چىرىكلەردىن ئىبارەت ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈنخەلق ئىچىدە ئۇمۇمەن خەنزۇلارغا قارشى بىر ئۆچمەنلىك ئەۋج ئالماقتا ئىدى. بىچارەخەلق جۇڭگودا ئۈزىگە ئوخشاش بۇ ھۈكۈمران سىنىپ قولىدا ئىزىلىۋاتقان مىليونلىغانخەنزۇ خەلقىنىڭ بارلىقىنى نەدىن بىلسۇن!
ئۇنىڭ ئۈستىگە كۈندىن- كۈنگە ئېغىرلىشىپ كېتىۋاتقان ئالۋاڭ-سېلىقلار خەلق نۇپۇسىنىڭ يۈزدە توقساننى تەشكىل قىلغان ئاجىز ۋە ئوتتۇراھالدېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى چىدىغۇسىز ھالغا كەلتۈردى. ھۆكۈمرانلار بىر قات ئالۋاڭقويسا ئۇلارنىڭ قول چۇماقلىرى بۇنى ئون قات قىلىپ خەلقتىن ئالاتتى، بۇنى «خاننىڭئەمىرى»، «خاننىڭ ئەسكەرلىرى ئۈچۈن» دەپ كۆرسىتەتتى، خەنزۇلارغا ئالۋاڭ- سېلىق يوقئىدى. يەرلىك خەلققە ئادالەتسىزلىك كۆزى بىلەن مۇئامىلە قىلىناتتى. مانا بۇ ئەھۋالمۇتلەق كۆپچىلىك خەلق ئىچىدە خەنزۇ مىللىتىگە بولغان ئۆچمەنلىك ھېسىياتىنىياراتقانىدى.
يۇقۇرىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمدەك بىر قىسىم ياش تالىپ ۋەمۇددەرىسلەردە يېڭىچە بىلىمگە ئىنتىلىشلەر باشلاندى. بۇ ئىش بۇلۇپمۇ ھەج قىلىشئۈچۈن ئەرەب ئەللىرىگە بېرىپ كەلگەنلەردە ئەكىس ئەتمەكچى ئىدى. ئۇ زامانلارداھەجگە بارىدىغان يول روسىيە- تۈركىيە يولى بۇلۇپ كەلگەن. قەشقەردە 1913- يىللاردائابدۇقادىر داموللام باشچىلىقىدا «مەتلەئۇل ھىدايەت» ناملىق بىر تەشكىلات قۇرۇلدى.بۇنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى زامانىۋى مائارىپنى قانات يايدۇرۇش ئىدى. شۇنىڭ بىلەنقەشقەر، خوتەن، كۇچا ۋە تۇرپان قاتارلىق جايلاردا مەكتەپلەر قۇرۇلدى. بۇ مەكتەپلەرشەھەردىكى بىر قىسىم باي- سودىگەر ۋە قۇشۇمچە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان يەرئىگىلىرىنىڭ ياردىمىگە يۈلەنگەن. ئوقۇغۇچىلىرىمۇ ئاساسەن شۇلارنىڭ بالىلىرى ئىدى.دەرسلەردىن تىل- ئەدەبىيات، ماتىماتىكا ۋە شېئىر ئاساس قىلىناتتى. بۇ مەكتەپلەرگەتۈركىيىدىن خۇسۇسى مۇئەللىملەر كەلتۈرۈلگەن. ئەھمەت كامال ۋە ئىسمايىل ھەقىقىئىسىملىك مۇئەللىملەر شۇ چاغدا مەكتەپلەردىكى بالىلارنى ئوقۇتۇپلا قالماي ئىشتىنسىرتقى تەربىيە شەكلى بىلەن چوڭلارنىمۇ تەربىيلەشنى ئېلىپ بارغان. خەلقنى ئاقارتىشجەھەتتە ئاق- قارىنى پەرىق ئېتىش جەھەتتە بۇ، چوڭ رول ئوينىدى. بۇلۇپمۇ خوتەن،قەشقەر ۋە غولجا قاتارلىق جايلاردا باشلانغۇچ دەرىجىدە بولسىمۇ بىر زىيالىيلارتەبىقىسى يوقتىن بارلىققا كەلدى. خوتەندە م. ئى. بۇغرا ۋە دادام ئابدىكىرىم ھاجىبۇلاردىن ئىدى. خوتەندە بۇ مەكتەپ ئالتۇن مەدرىسە ئىچىدە (ھازىرقى سىياسى كېڭەشنىڭسىياسى مەكتەپ ئورنىدا) پائالىيەت ئېلىپ بارغان. بۇ خىل يېڭىلىق ھەركەتلىرىدەسلەپتە ھۆكۈمەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلمىغان. چۈنكى ئۇ دەۋىردە گېلاۋخۇي بىلەنئاۋارە ئىدى. كىيىنچە بۇ مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا تۈركچە ئاھاڭىدىكىمارېشېلارنى ئوقۇش، ئەركىنلىك، باراۋەرلىكتىن سۆز قىلىدىغانلار كۈپىيىشكە باشلىدى.بۇ چاغدا يەرلىك مۇتەئەسسىپلەر بۇلۇپمۇ ھۆكۈمران سىنىپقا يۆلىنىپ جان باقىدىغانباي سودىگەرلەر ئۆز خۇجايىنلىرىغا بۇ ئەھۋالنى بىر ئىسيان ھازىرلىقى دەپ مەلۇماتبىرىشكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇ خىل مەكتەپلەر ۋە تەشكىلاتلار پاچاقلىنىپتاشلاندى. بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار مەجبۇرى شۆتاڭ مەكتەپلەرگە ئېلىندى. مۇئەللىملەرچېگرىدىن ھەيدەپ چىقىرىلدى. مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللام سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلدى.
بۇ باستۇرۇش خەلقنى ئەبەدىي نادانلىق ۋە جاھىللىقتا قالدۇرۇپئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت خام خىيال ئىدى. ئەكسىچە ئويغىنىشقا باشلىغان خەلق ئىچىدەھۆكۈمرانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك تېخىمۇ ئۇلغايدى. جۈملىدىن خوتەندە بىر قىسىممۇددەرىسلەر ۋە تالىپلار«قۇتۇلۇش يولى، قوراللىق ئىنقىلاب قىلىپ ھۆكۈمەتنىئاغدۇرۇپ تاشلاش» دېگەن ئىدىيىنى تارقاتماقتا ئىدى.
بۇنىڭدىن بىر يىل ئىلگىرى م. ئى بۇغرا كۆرۈنۈشتە چۆچەكتىكى مۇرادئەپەندىدىن دىننى دەرس ئېلىش ۋە ئالىي سەنەد (دىپلۇم) ھاسىل قىلىش بولسىمۇ،ئەمىلىيەتتە پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلىنىپ ئەھۋال تىڭتىڭلاش ئۈچۈن 1930- يىلى يولغاچىقىپ كۇچا، كورلا، قارا شەھەر، تۇرپان، ئۈرۈمچى، چۆچەك، ئىلى ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردائالتە ئاي ساياھەت قىلىپ كەلدى. سەپەر خۇلاسىسى:
   1) تىنچ يول بىلەن ھاكىميەتنى ئاغدۇرۇش مۇمكىن ئەمەس. پۈتۈن شىنجاڭخارەكتىرلىك قوراللىق ئىسياندىن باشقا چارە يوق، بۇنىڭ ئۈچۈن رايون خارەكتىرلىكبىر ھەربىي يۇشۇرۇن تەشكىلات بۇلۇش لازىم. بىر تەشكىلات قۇرۇشنى ئېغىزداقوللايدىغانلار خېلى كۆپ بولسىمۇ ئەمەلىي ھەركەتكە قاتنىشىدىغانلار ئانچە يوق ئىدى(غولجىدا ساۋۇت داموللام بىلەن پىكىر بىرلىكى قىلىنغان بولسىمۇ قەتئى بىر قارارغاكەلمىگەن ئىدى).
   2) قوزغىلاڭنىڭ باشلىنىش ئورنى خوتەن بۇلۇشى لازىم. چۈنكى جۇغراپىيىلىكئورنى ۋە خەلقنىڭ روھى ھالىتى بۇنىڭغا ئۇيغۇن.
   3) قوراللىنىش ئۈچۈن قورالنى دۈشمەندىن تارتىپ ئېلىش، بۇنىڭ ئۈچۈندۈشمەن كۈچىنى پارچىلاپ ئاجىزلاشتۇرىدىغان ھەر يەردە ئىسيان چىقىش پۇرسىتىنىكۈتۈش، مۇۋاپىق بىر زاماندا يەنە بىر قېتىم رازۋېتكىغا چىقىش لازىم، دېگەن تۇنۇشقاكەلدى. م. ئى بۇغرا بۇ مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1931- يىلى 6- ئايداقاراقاشتا بىر يۇشۇرۇن تەشكىلات قۇردى. تەشكىلاتنىڭ بىرىنچى قېتىملىق ئەزالىرى م.ئى. بۇغرا، نىياز ئاخۇنۇم ۋە تۇسۇممەت ئاخۇنلار ئىدى. بۇ تەشكىلات ئەزا توپلاش ۋەمەخپى رەۋىشتە ئەھۋال ئىگىلەش بىلەن باسقۇچلۇق ھالدا راۋاجلىنىدۇ. تەشكىلاتقوزغىلاڭنىڭ ھازىرلىقى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇمۇمى ۋەزىيەت، قارشى تەرەپنىڭھەربىي ۋە باشقا ئەھۋاللىرىنى ئىگىلەش ئاساسىدا ھەركەت پىلانى تۈزىدۇ.
قۇمۇل قوزغىلىڭى شىنجاڭ ۋەزىيتىدە كۈتۈلگەن بىر ئۆزگىرىشنى پەيداقىلدى. ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاساسى كۈچى قۇمۇل تەرەپكە قارىتىلغان ئىدى. م. ئى. بۇغراقوزغىلاڭنى خوتەن رايونىدىن باشلاپ پۈتۈن ئالتە شەھەرگە قانات يايدۇرۇشنى قارارقىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈزىنىڭ ئۈستۈن دىنىي ئىلمى ۋە ئابرويىدىن پايدىلنىپ خەلقئىچىدە كەڭ تۈردە دىننىي ۋەز نوقتىلار باشلاپ ئۈزىگە تەرەپدار توپلاپ، قوزغىلاڭئۈچۈن مەنىۋى كۈچ ھازىرلايدۇ. قاغىلىق، يەكەن ۋە قەشقەردىمۇ تەشكىلاتنى قۇرۇشمەقسىتى بىلەن كىچىك ئىنىسى نۇر ئەھمەت ۋە ئەزالاردىن قۇربان ئابدۇللانى ئەۋەتىدۇ،لېكىن ئۇلار، بۇ جايلاردا تەشكىلاتتىن سۆز ئېچىش ھازىرچە قۇلايسىزلىقىنى سىزىپ،قوزغىلاڭغا ئۈلگۈرۈپ خوتەنگە قايتىپ كېلىدۇ.
تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ سانى 130 ئەتراپىغا يەكەنىدى، ئەمدى مەسىلەقورال ھازىرلاش ۋە قورال ئىشلىتىشنى ئۈگىنىش ئىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن قاراقاشنىڭ چەتيېزىلىرىدا، كۈرۈنۈشتە كەتمەن- سوقۇدىغان تۆمۈرچى دۇكىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا قېلىچۋە نەيزە سوقۇدىغان ئۇرۇن تەشكىللىدى. يەنە بىر گۇرۇپپا، م. ئى. بۇغرا باشچىلىقىداخوتەننىڭ قاراڭغۇ تاغ ۋە ئۈژمە بازار غوجام ئەتراپلىرىدا يەرلىك ئوۋچى پالۋانلارنىيىغىپ مىلتىق ئېتىشنى ئۈگەندى ھەم بۇ مەرگەنلەردىن بىر قىسمى تەشكىلاتقا ئەزابولدى. 1931- يىلىنىڭ ئاخىرلىرى تەييارلىقلار ئاساسەن پۈتۈپ قالغانىدى.قوزغىلاڭنىڭ زامانى مەسىلىسىلا قالغانىدى.
ساۋۇت داموللام تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەب ۋە ھىندىستانلارنى ئايلىنىپئۇدۇل خوتەنگە كېلىدۇ ۋە خوتەندىكى تەشىكىلاتقا ئەزا بۇلۇپ كىرىدۇ. 1932- يىلى 1-ئاينىڭ مەلۇم بىر كۈنى قاراقاش ئويباغ مەدرىسىدە ئەزالاردىن غاپپار ھاجىمنىڭھۇجرىسىدا 130 كىشىلىك تەشكىلات ۋەكىللىرى يىغىن ئاچىدۇ. كۈن تەرتىپى: ساۋۇتداموللا ۋە قاراقاش مەمەت نىياز ئەلەم ئاخۇنۇملارنىڭ ئەزالىققا كىرىشىنىتەستىقلاش، قوزغىلاڭنىڭ رەھبىرىنى سايلاش، قوزغىلاڭ غەلىبە قىلغاندىن كىيىنقىلىنىدىغان ھۆكۈمەت تەركىبىنى تايىن قىلىش ۋە ھەركەت كۈنىنى بەلگىلەشتىن ئىبارەتئىدى. بىرىنچى ماددا بىر ئېغىزدىن ماقۇللىنىدۇ، قوزغىلاڭ رەھبەرلىكى ئۈچۈن مەمەتنىياز ئەلەم دۆلەت باشلىقلىقىغا، ساۋۇت داموللام باش مەسلىھەتچى ۋە دىننى ئىشلارمەسئۇللىقىغا، م. ئى. بۇغرا باش قۇماندانلىققا سايلىنىدۇ.
ساۋۇت داموللام ئۈزىنىڭ چەتئەللەردىكى ئىگىلىگەن ئەھۋاللىرىنىتۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق خۇلاسە چىقارغان: 1) بۈگۈنكى دۇنيا شارائىتى ئىنقىلابىمىزغاقوشنا ۋە باشقا چەت دۆلەتلەردىن ياردەم كۈتمەك مۇمكىن ئەمەس. بۇ ھەقتە كۆپلىگەنمۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن پىكىرلەشتى. 2) ئىنقىلابنىڭ قوزغىلىش نوقتىسى خوتەندەبۇلۇشى لازىم (شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇدۇل خوتەنگە كەلدىم).
ساۋۇت داموللام رامىزان مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەننىڭ ھەرقايسىجايلىرىدا قۇرئان ۋە ھەدىسلەردىن ۋەز ئېيتىپ، بۇلۇپمۇ جاھات توغرىسىدىكىتەلىماتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، قوزغىلاڭ ئۈچۈن خەلق ئىچىدە ئۇمۇمى پىكىر ئېقىمىبەرپا قىلىپ، ماددى ۋە مەنىۋى كۈچلەرنىڭ توپلىنىشىغا چوڭ كۈچ چىقىرىدۇ.
يېتەرلىك ئادەم كۈچ ۋە باشقا كېرەكلىكلەر ھازىرلانغان بولسىمۇ،قورال يوق ھىسابتا ئىدى. زامانىۋى بەش ئاتار مىلتىقتىن تۆت- بەش دانە،پالۋانلارنىڭ ئوۋچى مىلتىقىدىن 20 گە قەدەر، نەيزە قېلىچ ۋە چوماقلاردىن ئىبارەتئىدى. ئادەملەر ھەيۋەتلىك كۆرۈنمەك ئۈچۈن ئۇزۇن چاچ قۇيۇپ، قىزىل سەللە، يېشىل تونكىيىۋالغانىدى. قوزغىلاڭ ۋاقتى 1933- يىل 2- ئاينىڭ 29- كۈنىگە قارار قىلىنىدۇ.لېكىن قوزغىلاڭچىلارنىڭ يامۇلدىكى خەۋەرچىسى تۇردى بەگ كېلىپ ھۆكۈمەتئەمەلدارلىرىنىڭ قوزغىلاڭدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى، پالۋانلارنىڭ ھەممىسىنى يامۇلغايىغىۋالغانلىقىنى ۋە قوشنا ۋىلايەتلەردىن قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش ۋە باشلىقلارنىجازالاش ئۈچۈن ئەسكەر چاقىرغانلىقىنى مەلۇم قىلىدۇ. بۇ ئەھۋال ئاستىدا پىلاننىئۆزگەرتىپ دەرھال قوزغىلاڭ قىلىشقا قارا قىلىنىدۇ.قاراقاش قوزغىلىڭى

 

ھەركەت پىلانى پاش بۇلۇپ قالغانلىقتىن ئەسلى پىلاندىن بەش كۈنئىلگىرى، يەنى 1933- يىل 2- ئاينىڭ 24- كۈنى قاراقاشتا قوزغىلاڭ باشلىنىدۇ. خەۋەرقىلىپ ئۈلگۈرەلمىگەنلىكتىن يىغىلىش ئورنىغا (ئويباغ مەدرىسىگە) ئاران 68 كىشىكەلگەن بولسىمۇ، ساقلاپ تۇرماستىن كېچە سائەت بىردە يامۇلغا بېسىپ كېرىدۇ. يامۇلدابىر قانچە ئون كۈن ئىلگىرى ئامبال تۇتىۋالغان پالۋانلار يامۇلنىڭ ئىشىكىنى ئېچىپبېرىدۇ. ئۇرۇش يېرىم سائەتچە داۋام قىلىدۇ. شەنجاڭ باشلىق بىر قانچە ئەمەلدارلارئۆلتۈرۈلدى، ئۇلاردىن 12 سى ئىلچىگە قاچتى. قالدىسى ئەسىرگە ئېلىندى.قوزغىلاڭچىلاردىن بىر كىشى ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن قارا قاش «پەتھى» بولدى. بۇ خەۋەرنىئاڭلىغان ئەتراپ ۋە شەھەر خەلقىدىن 10 مىڭدەك ئادەم قولىغا نېمە چىقسا شۇنىكۆتۈرۈپ قوزغىلاڭچىلارغا قېتىلماق ئۈچۈن ئاللا- ئاللا دەپ توۋلاپ شەھەر ئىچىنىتولدۇرىدۇ. كېچە تاڭ ئاتقۇچە بۇلاردىن 1000 دەك كىشى زاۋىغا، گۇمىدىن كېلىدىغانھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ ئالدىنى توسۇشقا (م. ئى. بۇغرانىڭ چوڭ ئىنىسى ئابدۇللامەخسۇم، ئىسمايىل داموللام ۋە غاپپار ھاجى قوماندانلىقىدا.) يوللاندى. بۇلاركېچىسى گۇمىدىن كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگە ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىمىز دەپ پىيالمىغاقاراپ ماڭىدۇ. لېكىن گۇمىدىن كەلگەن ئەسكەرلەر پىيالمىدا ياتماي چۆلدە قۇمدۆۋىلىرىنىڭ ئارقىسىدا يۇشۇرۇنۇپ بەخىرامان كېلىۋاتقان قوزغىلاڭچىلارغا تۇيۇقسىزھۇجۇم قىلىپ كۆپ چىقىمغا ئۇچرىتىدۇ. زاۋانىڭ تار بۇغۇز دېگەن يېرىگە قەدەر كەلگەنئەسكەرلەرنى دىنىي ۋە مىللى شۇئارلار بىلەن ئۆزىنى ئۇنۇتقان قوزغىلاڭچىلاريامغۇردەك يېغىۋاتقان ئوقلارغا قارىماي پالتا، كەتمەن، نەيزە ۋە چوماقلار بىلەندۈشمەن ئۈستىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇلارنى تېرىپىرەن قىلىۋىتىدۇ. ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرىگۇمىغا قاچىدۇ. بۇ سوقۇشتا قوزغىلاڭچىلاردىن 200 دەك كىشى ئۆلىدۇ. خوتەن شەھەرئەتراپىغا يىغىلغان قوزغىلاڭچىلار قەشقەردىن كېلىدىغان ۋە سېپىلدىكى ئەسكەرلەرنىڭئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلمەي ھۇجۇمغا ئۆتمەي تۇرىدۇ.
قاراقاشتىكى قوزغىلاڭ خەۋرى خوتەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىنئەتراپتىكى ناھىيىنىڭ ئامبال ۋە ئەسكەرلىرى خوتەن سېپىل ئىچىگە كىرىۋالىدۇ.قاراقاشلىقلارنى تۇتۇپ جادۇغا بېسىپ كېسىلگەن باشلىرىنى خوتەن شەھەر ئىچىدىكى تۆتدەرۋازىغا ئاسىدۇ ۋە قاراقاشلىقنى تۇتۇپ بەرگەنلەرنى مۇكاپاتلايمىز دەپجاكارلايدۇ.
ئۈچ كۈن ئىچىدە ئوندىن ئارتۇق بىگۇناھ دېھقانلارنى ۋەھشىيلەرچەجادۇدا بېشىنى كېسىپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە قاراقاشلىق بولمىغان كىشىلەرمۇبار ئىدى. قارامەت، تارى بەگ دېگەنگە ئوخشاش ھۆكۈمران سىنىپنىڭ يالاقچىلىرى ئۆزىبىلەن ئاداۋىتى ياكى ئۈچى بولغان خوتەنلىك كىشىلەردىن بىر قانچىسىنى قاراقاشلىقدەپ تۇتۇپ بەرگەن. خوتەن ئامبىلى خەلقنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن قورقىتىپ تىنجتىشقائۇرۇنغان بولسىمۇ ئەكسىچە ھۆكۈمرانلارغا قارشى ئۆچمەنلىك تېخىمۇ ئاشتى.
قوزغىلاڭچىلارغا قەشقەرنىڭ بۇ تەرپىدە قورققۇدەك ئەسكىرى قۇۋەتنىڭيوقلىقى مەلۇم بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن خوتەنگە ھۇجۇم قىلىشقا قارار قىلىندى.مۇئاپىق پەيتتە خوتەن كونا شەھەرگە ھۇجۇم قىلغان ئابدۇللا مەخسۇم قۇماندانلىقىدىكىقوزغىلاڭچىلار ئۈچ سائەتلىك سۇقۇشتىن كېيىن شەھەرنى قولغا چۈشىرىدۇ، قارشىتەرەپنىڭ قۇماندانى ئۆلىدۇ. ئىككى دانە توك ۋە نۇرغۇن ياراق غەنىيمەت ئېلىنىدۇ.قاچقان قىسىم يېڭىشەھەر سېپىلىغا كىرىپ مۇھاسىرە ئىچىدە قالىدۇ. ئون نەچچە كۈنلۈكمۇھاسىرىدىن كېيىن سېپىلدىكىلەر تەسلىم بۇلۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. تەنتەنۋەكىللىرى سېپىل ئىچىگە كىرىپ كىلىشىمگە ئىمزا قۇيۇلغاندىن كېيىن دۈشمەنلەر تەسلىمبولىدۇ (بۇ ۋەكىللەر ئىچىدە داداممۇ بار) شۇ چاغدىكى تەسلىم بۇلۇش شەرتلىرى:«ھۆكۈمەتكە ئائىت خەزىنە، قورال، ئات- ئۇلاغ ۋە جابدۇقلارنى قويماي تاپشۇرۇش،خالىغان كىشى ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولسا ئۆز كىشىلىرىمىز قاتارىدا مۇئامىلەقىلىدۇ، تەسلىم بولغانلارنىڭ ھاياتىغا دەخلى قىلىنمايدۇ، شەخسى مال- مۈلۈك ئۈزىگەقالىدۇ» دېگەنلەردىن ئىبارەت ئىدى. بۇ شەرتلەر بويىچە سېپىل بوشىتىلدى. تەسلىمبولغانلار ئەركىن بولدى. غەنىيمەت ئېلىنغان قورال بىلەن قوزغىلاڭچىلار قۇراللاندى.بىر قىسىم تەشكىلى ئاپپاراتلار قۇرۇلۇپ يېرىم مۇنتىزىم ھالەتتىكى 10 مىڭدەك بىرقۇشۇن تەشكىل قىلىندى.
قوزغىلاڭ خەۋرى قەشقەرگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ماشاۋۋۇ شۇدەۋىردىكى قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق ۋە گۇمىدا تۇرۇشلۇق تۇلۇق قوراللانغانئەسكەرلىرىدىن بىر جازا قۇشۇنىنى تەشكىللەپ خوتەنگە ئەۋەتىدۇ. زاۋادا بۇنداقئېھتىمالغا قارشى مۇداپىئەدە تۇرغان قوزغىلاڭچىلارغا خوتەندىن سۇبىتىللا مەۋلىۋىقوماندانلىقىدا 2000 كىشىلىك بىر قەدەر خىل قوراللانغان قۇشۇن ياردەمگە كېلىدۇ. بۇجازا قوشۇنى كېچىسى ھۇجۇمغا ئۆتىدۇ، شىددەتلىك سوقۇش ئالتە سائەت داۋام قىلىدۇ.«ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى» شۇئارى بىلەن ئۈزىدىن نەچچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەنئۈستىگە سەلدەك بېسىپ كېلىۋاتقان خەلقنى كۆرۈپ ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى قاچىدۇ،ئاتلىقلار قوغلاپ ئاق لەڭگەرگە قەدەر بېرىپ ئاندىن ئۆز جايىغا قايتىپ كېلىدۇ.دىمەك، خوتەن قوزغىلاڭچىلىرى قەشقەردىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەڭ كۈچلۈكدۈشمەننى تار- مار قىلىپ، مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتۈش ۋەزىيتىگە ئىگە بولىدۇ.گۇما قەتلىئامى

 

1933- يىل 3- ئاينىڭ 26- كۈنى كېچىسى گۇمىدا خەلق ئىچىدە«قۇمراۋات سۇقۇشىدا يەندوتەي باشچىلىقىدىكى ئەسكەرلەر خوتەنلىكلەر تەرىپىدىنتامامەن يوقىتىلىپتۇ، بىرسىمۇ ساق قالماپتۇ» دېگەن گەپ تارقىلىدۇ. بۇنى ئاڭلىغانئەتراپ ۋە يېزىدىكى خەلقلەر ئابدۇلھېكىم ھاجىم ۋە ئاتاۋۇللا خانلارنىڭرەھبەرلىكىدە قوزغىلىپ شەھەرگە ھۇجۇم قىلىپ بىر كىچىدىلا شەھەرنى قولغا چۈشۈرىدۇ.ئىككىنچى كۈنى بۇ خەۋەر يالغان چىقىدۇ. قۇمراۋاتتىكى ئۇرۇشتا يېڭىلىپ پەرىشانھالغا چۈشۈپ گۇمىغا قېچىپ كەلگەن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى شەھەردە دەھشەتلىك قەتلىئاميۈرگۈزىدۇ. غالجىرلاشقان ئەسكەرلەر ئالدىغا ئۇچرىغاننى ياش- قېرى، چوڭ- كىچىكدىمەستىن ھەممىنى ئۆلتۈرۈپ، بۇلاپ- تالاپ ۋە ئوت قۇيۇپ ماڭىدۇ. ئالدىن خەۋەرئالالىغانلار شەھەرنى تاشلاپ قېچىپ كەتكەن بولسىمۇ، بۇ قەتلىئامدا 450 بىگۇناھخەلق ئۆلتۈرۈلگەن ۋە نۇرغۇن ساراي-دەڭلەر، مەدرىسلەر ۋەيران قىلىنغان.
بۇ ئارادا قەشقەردىن ياردەم ئۈچۈن يولغا چىققان خەنزۇ، قىرغىزئارلاش بىرلەڭزە ئەسكەر قاغىلىققا كېلىدۇ، بۇلار بىر توكچى باتارىيە قىسىم بىلەنقاغىلىقتا بىر كۈن تۇرۇپ يولغا چىقىدۇ. ئەتىسى قاغىلىق خەلقى خوتەنلىكلەرنىڭقۇمراۋاتتىكى غەلبىسىنى ئاڭلاپ ئەبەيدۇللا ئەلەم ۋە ئاتاۋۇللا ئىشاننىڭرەھبەرلىكىدە قوزغىلاڭ كۈتۈرۈپ شەھەرنى قولغا چۈشۈرىدۇ. بىر كۈن ئىلگىرى خوتەنگەقاراپ ماڭغان ھۆكۈمەت قىسىملرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ بەشئېرىق سۇقۇشىدا تامامەنيۇقۇتىدۇ. گۇمىدىكى ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قورقۇپ، چوڭ يولنىتاشلاپ ياقۇپ ئامبالنىڭ يول باشلىشى بىلەن تاغ يولى ئارقىلىق يەكەنگە قاراپقاچىدۇ. يول ئۈستىدە قوزغالغان دېھقانلارنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ئاران يەكەن يېڭىشەھەرسېپىلىغا كىرىۋالىدۇ.
گۇما قەتلىئامى خەۋىرى خوتەنگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن م. ئى.بۇغرانىڭ كىچىك ئىنىسى نۇر ئەھمەد ۋە سۇبىستۇللا مەۋلىۋىي قۇماندانلىقى ئاستىدا2000 كىشىلىك بىر قوشۇن گۇما- قاغىلىققا قاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇلار قاغىلىققايېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى يەكەن يېڭىشەھەرگە كىرىۋالغان ۋەقەشقەردىن خېلى كۈچ ياردەمگە كېلىپ يەكەندىكى قارشى تەرەپنىڭ خېلى مۇھىم كۈچىتوپلىنىپ قالغانىدى.ھۆكۈمەتى ئىسلامىيە خوتەن

 

بۇ ۋاقىتقا قەدەر، قاراقاشتا بولغان قوزغىلاڭچىلار مەركىزى 1933-يىل 4- ئاينىڭ 5- كۈنى خوتەنگە يۆتكىلىپ كەلدى. مەھەممەتنىياز ئەلەم باشلىققوزغىلاڭچىلار يىتەكچىلىرى داغدۇغىلىق مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ ئەلەم باشچىلىقىدىكى«ھۆكۈمەتى ئىسلامىيە خوتەن» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 2- ئايدا قۇرۇلغانۋاقىتلىق ھۆكۈمەت تەركىبى ئۆزگەرتىلمىدى. مىلىك (دۆلەت باشلىقى) ئۇنۋان پەرمانىجاكارلاپ م. ئى. بۇغراغا ئىمىر ھەزرەت ۋە ئىككى ئىنىسى باشلىق بىر قانچە كىشىگە«ئىمىر» (قۇماندان) دېگەن ئۇنۋانلار بېرىلدى. كېيىنچە بۇلار خەلق ئىچىدە شامەنسۇر(ئابدۇللا) ۋە ئىمىر ساھىب (نۇر ئەھمەد) دېگەن ناملار بىلەن مەشھۇر بولدى.خوتەننىڭ باشقا ناھىيىسىدىكى خەلقلەر ئۆز مۆتىۋەر كىشىلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدەقوزغىلىپ، ئۆز يەرلىرىگە ھاكىم بولغانىدى. خوتەن ئۇ تەرەپلەرگە ئەسكىرى كۈچيوللىمىدى. چۈنكى ئۇ يەردىكى مۇھىم ئەسكىرى كۈچ ۋە ئامباللىرى قېچىپ خوتەن سېپىلىئىچىگە كىرىۋالغانىدى. 6- ئاينىڭ 17- كۈنى يەكەن قولغا چۈشكەندىن كېيىن،چاقىلىقتىن تارتىپ يەكەن دەرياسىنىڭ يېڭىسار ياقىسىغا قەدەر بولغان رايونخوتەنلىكلەرنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكەن بولدى. شۇنىڭ بىلەن خوتەن ھۆكۈمىتى ئۈزىنىئەسكەر ۋە باشقا جەھەتلەردە مۇستەھكەملەش ئۈچۈن بەزىبىر تەدبىرلەرنى ئېلىپ باردى.قوزغىلاڭ ئەرپىسىدە ھۆكۈمرانلارغا يام بېسىپ بىگۇناھ خەلققە زىيانكەشلىك قىلغانمۇناپىقلارنى جازالىدى. بۇنىڭدا بىرىنچى بۇلۇپ باۋۇدۇن بەگنى شامەنسۇر ئۆز قۇلىبىلەن چاپتى، باۋۇدۇن بەگ دۈشمەن تەسلىم بۇلايلى دېگەندە بۇلارنى توسۇپ «بۇ بىرنەچچە نەپەر موللىلارنىڭ ئىشى، خەلق بىرقانچە كۈندىن كېيىن زىرىكىپ قايتىپ كېتىدۇ»دېگەن. يەنە خەلقلەر تاشقىرىدا ئاللا- ئاللا دەپ توۋلىسا، «بۇلار نېمە دەپتوۋلايدۇ» دەپ سورىغاندا باۋۇدۇن بەگ «نان- نان دەيدۇ» دەپ تەرجىمە قىلىپ بەرگەن.ئۇنىڭدىن باشقا «قاراقاشلىق» دەپ نۇرغۇن دېھقانلارنى تۇتۇپ بەرگەن. روزىسوپىقاتارلىق ئون بىر كىشىنى يارباغ (ھازىرقى سوچاڭ) غا ئېلىپ چىقىپ چوماقلاپئۆلتۈرگەن. مەمۇرىي جەھەتتە پۈتۈن ناھىيىلەردىكى ئەلەم (شۇ يەرنىڭ ئەڭ ئۈستۈندىنىي ئىمتىيازلىق ئادىمى) ۋالىيى بۇلۇپ تەيىنلەنگەن ۋە پۈتۈن ئىدارە قىلىشقانۇنلىرى ئىسلامنىڭ شەرىئىتى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان. مەسىلەن، باج تۈزۈمىنىڭئورنىغا يېزىلاردا ئۆشىرە (مەھسۇلاتنىڭ ئوندىن بىرى ھۆكۈمەتكە)، شەھەرلەردە بولسازاكات (بايلارنىڭ ماللىرىدىن قىرىقتىن بىرىنى ھۆكۈمەتكە) بىرىشنى يولغا قويغان.ئوغرىلىق قىلغاننىڭ قولىنى كىسىش، زىنا قىلغانلارنى ئىشەككە تەتۈر مىندۈرۈپ سازايىقىلدۇرۇش، ئاياللارنى يۈزىنى يۆگەشكە مەجبۇر قىلىش ۋە يۈزى ئۇچۇق بازارغاچىققانلارنى كۆشۈككە سېلىپ بازارنىڭ كىرىش قىسمىغا ئېگىز دەرەخكە ئېسىپ قۇيۇشلارئېلىپ بېرىلغان. بىر خەنزۇ ئەمەلدارنىڭ تەسلىم بۇلۇش شەرتىگە خىلاپلىق قىلىپ قوراليۇشۇرىۋالغانلىقى مەلۇم بۇلۇپ قالىدۇ. ئۆيىنى ئاقتۇرغاندا بىر دانە تاپانچىدىنباشقا كېيىم- كىچەكلىرى ئارىسىغا يۇشۇرۇپ قويغان بىر قانچە نوكچا ئالتۇن چىقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن خەنزۇلار كىلىشىمگە خىيانەت قىلدى دەپ پۈتۈن خەنزۇلارنى نازارەتئاستىغا ئېلىپ، نەرسە- كېرەكلىرى بىر- بىردىن ئاقتۇرىلىدۇ. نەتىجىدە خەنزۇلارنىڭھەممىسىدىن يۇشۇرۇپ قويغان نۇرغۇن مىقداردىكى ئالتۇن چىقىدۇ. مەلۇم بولۇشىچە خەنزۇئەمەلدارلار ئۆز- ئارا بۆلىشىۋالغان خەزىنىدىكى ئالتۇن، كۆمۈش ۋە قىممەت باھالىقنەرسىلەر مۇسادىرە قىلىنىپ دوتەيدىن باشقىلىرى قۇيۇپ بىرىلىدۇ. مۇسادىرەھەيئىتىنىڭ نازارەتچىسى بولغان غاپپار ھاجىمنىڭ ئېيتىپ بىرىشىگە قارىغاندا،يىغىۋېلىنغان ئالتۇننىڭ مىقدارى 10 مىڭ سەر ئەتراپىدا. بۇ خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭمالىيە ۋەزىيىتىنىڭ نىسبەتەن كۈچلىنىشىگە پايدىسى بۇلۇپلا قالماستىن، خوجىنىيازھاجىغىمۇ ئىككى قېتىمدا 1000 سەرلەپ ئالتۇن ياردەم قىلىشىغا سەۋەب بولغان ھەمدەئەسكەرلەرگە مۇنتىزىم مائاش بەلگىلىگەن. بۇ باشقا يەردىكى ئەسكىرى كىشىلەرنىڭخوتەن قىسمىغا ئېقىشىغىمۇ سەۋەب بولغان. خەلقتىن ئالۋاڭ سېلىق يىغىش ئىشلىرى باشقا«ھۆكۈمەت» لەرگە قارىغاندا يوق ھىسابتا ئىدى.
ئەسكەرلەر تەركىبى ئاساسەن ھېچ بىر ئەسكىرى تەلىم- تەربىيەكۆرمىگەن ساددا دېھقانلاردىن ئىبارەت ئىدى، «ئۆلسەك شېھىت، قالساق غازى» دېگەنشۇئارغا جان دېلى بىلەن ئىشەنگەن كىشىلەر بۇلۇپ ئۇمۇمى جەھەتتە باش- باشتاقلىق يوقئىدى. بۇلاڭ- تالاڭ ۋە ئاياللارنى دەپسەندە قىلىشقا قەتئى يول قۇيۇلمايتتى.ئەسكەرنىڭ ئاساسى تېما شەكلى يوق، ھەرخىل- ھەر رەڭدە ئۆزى خالىغان، ئۇمۇمەن بېشىغاقىزىل دوپپا ۋە ياكى قىزىل سەللە يۆگىۋالغان، بايرىقى بولسا دەسلەپ قوزغىلاڭئەسناسىدا ئاق بايراق ئوتتۇرىسىغا قۇرئاننىڭ «ياردەم ئاللا تەرىپىدىن ۋە غەلىبەپات يېقىندا بولىدۇ» دېگەن ئايەت يېزىلغانىدى. رەسمى ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندىن كېيىنقۇربان ھاجىم قايماق دېگەن سودىگەر كىشى تۈركىيىدىن ئالغاچ كەلگەن ئاي يۇلتۇزلۇقئۈستىگە يۇقۇرىقى ئايەتلەر پۈتۈلگەن ھاۋا رەڭ بىر بايراقنى كۈتۈرگەن. ئەسكەرلەرنىڭتەلىم- تەربىيە ئىشلىرىغا ئۆز زامانىسىدا قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام ئاچقانمەكتەپتە ئوقۇغان مەھەممەت خان دېگەن كىشى مەسئۇل بولغان. تۈرك ئۇسۇلى (شۇچاغلاردا ئىستامبۇلچى دەپ ئاتالغان) بىلەن تەربىيلەنگەن بۇ ئەسكەرلەردە يۇقۇرىدائېيتىپ ئۆتكەندەك بەلگىلىك  بىر كىيىم شەكلى يوق ئىدى.كۆپىنچە بېشىغا قىزىل، يېشىل سەللە ئورىۋالغان، ئۇزۇن چاچ قۇيۇۋالغان قىياپەتبىلەن يۈرەتتى.
قوراللىنىشتا ئاساسەن ئۆز كۈچىگە تايانغان. چۈنكى، بىرىنچى قېتىمئافغانىستانغا يەكەندىن 12 ئات سوۋغا- سالام ۋە كۆپ مىقداردا ئالتۇن ئېلىپ بېرىپسېتىۋېلىنغان 2000 دانە مىلتىق فامىر تاغلىرىدىكى قاراقچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپكەتكەن. خوجىنىياز ھاجىم ئەركەشتامغا روسلاردىن قورال ئالغىلى بارىمەن، ياردەمقىلىڭلار دېگەندە- 2000 سەر ئالتۇن ئىمىر ئابدۇللا ئارقىلىق يوللىغان بولسىمۇكېيىنچە ھاجىم بىلەن ئوتتۇرىدا تۇغۇلغان ئىختىلاپ تۈپەيلى بۇ قوراللارغىمۇ ئىگەبولالمىغان.
خوتەن رايونىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادى مەھسۇلاتى بولغان پىلىچىلىكنىراۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يەكەندىن سوپى بەگ ھاجى ۋە غاپپار ھاجى باشچىلىقىدا بىرھەيئەت قەشقەرگە بېرىپ، روس كونسۇلخانىسىغا 3000 سەر ئالتۇن زاكالەت قۇيۇش شەرتىئاستىدا توختام تۈزۈم پىلە ئۇرۇقىنى ئېلىپ كىلىپ دېھقانلارغا تارقاتقان، لېكىنمەھسۇلاتنى ماخۇسەن ئالغان. خوتەن رايونىدىكى پۈتۈن ئالتۇن كانلىرىنى ھۆكۈمەتئۆتكۈزىۋالغان. ئاق خەسىدە پۇل بېسىپ تارقاتقان.يەكەنگە يۈرۈش

 

گۇما قەتلىئامنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىش ئۈچۈن يەن دوتەينىڭئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن نۇر ئەھمەد قوماندانلىقىدىكى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىپوسكامغا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ چاغدا پوسكام خەلقىمۇ قوزغىلىپ شەھەرنى قولغاچۈشۈرگەنىدى. سۇبىتۇللا مەلىۋى 2000 كىشىلىك بىر قۇشۇن بىلەن يەكەن كونىشەھەرگەھۇجۇم قىلىدۇ. شىددەتلىك سوقۇش باشلىنىپ، خوتەن ئەسكەرلەر قوماندانى سۇبىتۇللامەۋلىۋى ئۆلىدۇ. قومانداننىڭ «شېھىت» بولغانلىقىنى ئاڭلىغان ئەسكەرلەر غەزەپ بىلەنقايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ غەلىبە قىلىدۇ. قارشى تەرەپ قېچىپ يېڭىشەھەر سېپىل ئىچىگەكىرىۋالىدۇ. قاغىلىقتا قالغان نۇر ئەھمەد ئۆز قىسىملىرى بىلەن يەكەنگە كېلىپسېپىلنى مۇھاسىرىگە ئالىدۇ. يەكەن سېپىلى خېلى مۇستەھكەم بۇلۇپ خوتەنلىكلەردىنمەغلۇپ بولۇپ قاچقان ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ قالدۇقلىرى سېپىل ئىچىگەجايلىشىۋالغانىدى. بۇ ئەھۋال ئاسىتدا ئىمىر ئابدۇللا يەكەن قوماندانى قىلىپتەيىنلىنىپ بىر قانچە مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن يەكەنگە يېتىپ كېلىدۇ.
بۇ ئارىدا، بۇلاڭچىلىق ۋە ئولجىغا كۆنۈپ قالغان ماجۇڭيىڭنىڭقەشقەردىكى گۇماشتىسى ماجەنساڭ قىسمىدىن مارۇلۇڭ 100 دەك ئەسكىرى بىلەن «سىلەرگەياردەم بېرىش ئۈچۈن كەلدۇق» دەپ خوتەن ئىمىرلارنىڭ ئالدىغا كېلىدۇ. بۇلاردىنگۇمانلانغان ئابدۇللا كۆرۈنۈشتە مېھمان قىلغاندەك مۇئامىلە قىلسىمۇ، ئىچكىجەھەتتىن بۇلارنى كۆزىتىپ تۇرىدۇ. شۇ كۈنلەردە ئىمىر ئابدۇللا تۆمۈر سىجاڭنىڭغەلبىسى مۇناسىۋىتى بىلەن تەبرىكلەپ قەشقەرگە بىر ھەيئەت ئەۋەتكەنىدى. تۆمۈرسىجاڭمۇ يەكەنگە ھاپىز لۈيجاڭ باشلىق 600 دەك ياردەم قوشۇنى ئەۋەتكەنىدى. بۇمۇناسىۋەت ۋە ئالاقە خوتەندىن يوليۇرۇقسىز ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم.
يەكەن مۇھاسىرىسى ئۇزۇن سوزۇلۇپ كەتكەنلىكتىن خوتەن ھۆكۈمىتى ئىككىياش ئىمىرلارنىڭ تەجرىبىسى ئاز بۇلۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، قەشقەر بىلەن بىرئۇقۇشماسلىق بۇلۇپ قېلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلغىلى باشلىغاندا ساۋۇتداموللام يەكەنگە ئۆزى بېرىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە يەكەنگەقاراپ يولغا چىقىدۇ.
ساۋۇت داموللام يەكەنگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يەكەن سېپىلئىچىدىكى قارشى تەرەپ قەشقەردىن كېلىدىغان ياردەمدىن ئۈمىد ئۈزۈپ تەسلىم بولۇشقاماقۇل بولغانىدى. ساۋۇت داموللامنىڭ يەكەنگە كېلىشىنى ئاڭلىغان قوزغىلاڭچىقوشۇنلارنىڭ قوماندانلىرى ساۋۇت داموللامنى «داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن قارشىئالىمىز» دەپ ئەسكەرلىرىنى قوماندانسىز تاشلاپ شەھەر سىرتىغا چىقىپ كېتىدۇ. بۇپۇرسەتتىن پايدىلنىپ مارۇلۇڭنىڭ 100 دەك ئەسكەرلىرى پوستتىكى ئەسكەرلەرگە ئوقئېتىپ بىر قانچىسىنى ئۆلتۈرۈپ قوراللىرىنى ئېلىپ سېپىل ئىچىگە كىرىپ ھۆكۈمەتقىسىملىرى بىلەن بىرلىشىۋالىدۇ. «خوتەنلىكلەرنىڭ كۈچى ئاز، بۈگۈن- ئەتە ماجەنساڭكۈچلۈك بىر قىسىم بىلەن يەكەنگە يېتىپ كېلىدۇ. قورقماڭلار» دەپ تەسلىم بۇلۇشقاھازىرلانغان ھۆكۈمەت قىسىملىرىنى تەسلىم بۇلۇشتىن ياندۇرىدۇ. ھەتتا ئۇلار بىلەنبىرلىشىپ بىر قانچە قېتىم سېپىلدىن تاشقىرىغا چىقىپ قارشى ھۇجۇمغا ئۆتۈپ كۆرگەنبولسىمۇ، مەغلۇپ بولىدۇ. خوتەن قىسىملىرى قورشاۋنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ. 15  كۈن ئېغىر ئەھۋالغا قالغان ھۆكۈمەت قىسىملىرى مارۇلۇڭنىڭ سۆزىيالغان ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئەسلىدىكى شەرتلەرگە ئاساسەن تەسلىم بولايلى دەپ ئاقبايراق چىقىرىدۇ. كېلىشىم بويىچە ھۆكۈمەت ئەسكەرلىرى پۈتۈن قورال- جابدۇق، ئات-ئۇلاغ ۋە ھۆكۈمەت خەزىنىسىنى تاپشۇرۇپ شەھەرنى بوشىتىپ چىقىپ كېتىش ئىدى. ئەمماماجەنساڭنىڭ ئادەملىرىنىڭ قۇترىتىشى بىلەن بىر قىسىم قورال ۋە خەزىنىنى يوشۇرۇپئېلىپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم بۇلۇپ قالىدۇ. ئىمىر ئابدۇللا تۆمۈر سىجاڭغا خەۋەربېرىپ بۇلارنى يەكەندىن چىقىپ سايغا بارغاندا يوقىتىش پىلانىنى بىلدۈرىدۇ.
6- ئاينىڭ 16- كۈنى بىرەر مىڭ كىشىلىك ھۆكۈمەت قوشۇنلىرى قەشقەرگەقاراپ يولغا چىقىدۇ. بۇلار چۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا يېتىپ كەلگەندە ئارقىسىدىن 1000كىشىلىك بىر قىسىم بىلەن قوغلاپ كەلگەن نۇر ئەھمەد ئۇلارنىڭ ئۈستىگە باستۇرۇپكېلىدۇ. ساق قالغانلىرى قىزىلغا قاراپ قاچىدۇ. قىزىلغا بارغاندا بۇلارنى يوقىتىشئۈچۈن قەشقەردىن كەلگەن تۆمۈر سىجاڭنىڭ 400 ئەسكىرى يېتىپ كېلىپ ئىككى تەرەپتىنقورشاپ پۈتۈنلەي يوقىتىدۇ. قالغان بىرەر يۈز ئادىمى قېچىپ يېڭىسارغا كەلگەندەئەھمەدخان لۈيجاڭ ئۆلتۈرۈلۈپ تۈگىتىدۇ.ئىمىر ئابدۇللانىڭ قەشقەر سەپىرى ۋە ئاقىۋىتى

 

تۆمۈر سىجاڭدىن نارازى بۇلۇپ تۇرىۋاتقان بىر قىسىم كىشىلەرخوتەنلىكلەرنىڭ يەكەن غەلىبىسىدىن كېيىن خوتەن بىلەن بىرلىشىش ۋە خوتەنھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم ئەزاسى بولغان ساۋۇت داموللامنى خوتەننىڭ ئەسكىرىي ياردىمىبىلەن قەشقەرگە كېلىپ تەختكە چىقىشنى تەكلىپ قىلىشقا باشلىدى. م. ئى. بۇغرادەسلەپتە بۇنىڭغا قۇشۇلمىغان بولسىمۇ، ساۋۇت داموللامنىڭ قاتتىق تۇرۇۋېلىشى بىلەنۋە قەشقەردىكى تۆمۈر سىجاڭغا قارشى پىتنىچىلارنىڭ ئارقا- ئارقىدىن مەخپىي ئادەميوللاپ، «قەشقەر ھازىر تاۋاقتىكى تەييار ئاشتەك» دەپ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن خوتەنھۆكۈمىتى بۇ پىلانغا ماقۇل دەيدۇ. م. ئى. بۇغرا تۈركىيىدە نەشىر قىلغان «كۈرەشخاتىرىلىرى» (مۇجاديلە خاتىراتي) دېگەن ئەسىرىدە بۇ ھادىسە توغرىلىق مۇنداق دەيدۇ.«بۇ ئىش خوتەن ھۆكۈمىتىگە تارىخ بويىچە بىر مەلۇمات ۋە غايەت چوڭ خاتالىق ئىدى.چۈنكى، بۇ ۋەقە ئىنقىلاب تولۇق غەلىبە قىلمىغان شارائىتتا ھەر ئىككى تەرەپ تېخىمۇكۈچ توپلاپ قۇدرەتلىك بۇلۇشنىڭ ئەكسىچە، ئىككى مىللىي كۈچ بىر- بىرلىرىگە قارشىئۇرۇشۇپ خېلى مۇنتىزىم كۈچكە ئىگە بۇلۇپ قالغان خوتەن قىسىملىرىنىڭ ئېغىر دەرىجىدەزەئىپلىنىشىگە ۋە زور كۈچ چىقىرىپ تۇرغان تۆمۈر سىجاڭ ئەسكەرلىرىنىڭ تامامەنپاراكەندە بۇلۇشىغا سەۋەب بولدى ۋە بەش ئايلىق بۇ ئىچكى ئۇرۇش دۈشمەن تەرەپكە ھېچكۈتمىگەن بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى»
1933- يىل 7- ئاينىڭ 17- كۈنى ئىمىر ئابدۇللا ۋە ساۋۇت داموللامباشچىلىقىدا 2000 كىشىلىك بىر قوشۇن قەشقەرگە قاراپ يولغا چىقىدۇ. تۆمۈر سىجاڭغا:«بىز سىلەرگە ياردەم قىلىپ قەشقەر يېڭىشەھەردىكى ماجەنساڭ قىسىملىرىنى يوقىتىپ، خاتىرجەمبۇلۇپ بىرلىشپ خوجىنىياز ھاجىمغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تەييارلىنىشقا قەشقەرگەبارىمىز» دەپ خەۋەر يوللايدۇ. بۇ ئارىدا يەكەندە تۇرۇۋاتقان تۆمۈرنىڭ ئەڭئىشەنچىلىك ئادىمى ھاپىزنى 500 ئەسكىرى بىلەن يەكەندە قويۇپ ماڭىدۇ. مانا بۇتەجرىبىسىزلىك خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللاردىن بىرى بۇلۇپقالىدۇ.
ئىمىر ئابدۇللا ۋە ساۋۇت داموللام يېڭىسارغا كەلگەندە تۆمۈر سىجاڭقارشى ئېلىش يۈزىسىدىن بۇلارنىڭ ئالدىغا چىقىدۇ. ئەمەلىيەتتە تۆمۈر سىجاڭ ساۋۇتداموللامنىڭ بۇ سەپىرىدىن كۆپ ئەندىشىلەنگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇلارنىڭ قەشقەرگەكىرمەسلىكىنى تەلەپ قىلىدۇ. «ماجەنساڭنى يوقىتىشقا كۈچۈم يېتىدۇ. ئىچكى تازىلاشنىمۇۋەپپەقىيەتلىك بىلەن تۈگۈتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن خوتەن- قەشقەر بىرلىشىشپىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرساق، ھازىرچە يېڭىسارنىڭ سانىياز ئۆستىڭى ئىككى تەرەپنىڭچېگرىسى بۇلۇپ تۇرسۇن» دېگەن تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئىمىر ئابدۇللائىككىلىنىپ تۇرغاندا ساۋۇت داموللام بۇنى تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئاجىزلىقى دەپ تونۇپقەشقەرگە كىرىشكە چىڭ تۇرۇۋالىدۇ.
7- ئاينىڭ 22- كۈنى قەشقەرگە كىرگەن ساۋۇت داموللام ۋەئابدۇللالارنى قەشقەر خەلقى ۋە دىنىي كىشىلەر قىزغىن قارشى ئالىدۇ. بۇ تۆمۈرسىجاڭنىڭ تېخىمۇ غەزىپىنى قوزغايدۇ. شۇنىڭ بىلەن، تۆمۈر سىجاڭ ماجەنساڭغا پاسسىپ،ساۋۇت داموللام ۋە خوتەنلىكلەرگە ئاكتىپ قارشى تۇرۇشقا باشلايدۇ. بۇ ئارىدايەكەندە قالغان ھاپىز بىلەن نۇر ئەھمەد ئوتتۇرىسىدا سۈركىلىشلەر داۋام قىلماقتائىدى. 8- ئاينىڭ 15- كۈنى تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئەسكەرلىرى تارقاق ئۇرۇنلاشقان ۋەخەۋەرسىز ياتقان خوتەن ئەسكەرلىرىگە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ قورالسىزلاندۇرىدۇ.ئىمىر ئابدۇللا ۋە ساۋۇت داموللامنى قولغا ئالىدۇ. ئەسكەرلىرىنى بۇلاپ- تالاپشەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىدۇ. بۇلار ئاچ- يالىڭاچ ھالدا تارقىلىپ كېتىدۇ.
8- ئاينىڭ 28- كۈنى يەكەندە ھاپىز نۇر ئەھمەدنى ۋە بىر قانچەقوماندانلىرىنى تۇتۇۋېلىپ قورالسىزلاندۇرىدۇ. شۇ كۈنى ھاپىز قاغىلىققا يۈرۈشقىلىپ، شەھەرنى ئىشغال قىلىدۇ ۋە گۇمىغا ئەسكەر يوللايدۇ.
م. ئى. بۇغرا تۆمۈر بىلەن بۇ ئىتتىپاقسىزلىقنى تەنپەن يولىئارقىلىق ھەل قىلىش نىيىتى بىلەن قارا قاشلىق ئىشان قارى ھاجى باشچىلىقىدا بىرھەيئەتنى گۇمىغا يوللايدۇ. زاڭگۇيغا بارغاندا بۇ ئىشان خوتەن ھۆكۈمىتىدىن يۈزئۆرۈپ ھاپىز تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىدۇ. قەشقەردىكى ئوغلى غولام قادىر تۆمۈر سىجاڭبىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسكىرى ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەرسە، يەنەبىر تەرەپتىن، خوتەن ھۆكۈمىتىگە ھاپىزنىڭ قۇۋۋىتى 3000 كىشىلىك غايەت زور بىر كۈچدەپ يالغان خەۋەر يوللاپ قورقىتىپ چېكىنىشكە دەۋەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھاپىزھېچقانداق قارشىلىقسىز 9- ئاينىڭ 1- كۈنى قاراقاشنىڭ زاۋا دېگەن جايىغىچە قوغلاپكېلىدۇ.
شۇ كۈنى م. ئى. بۇغرا پۈتۈن كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھاپىزنىڭئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىدۇ. ھاپىزنىڭ ئەسكەرلىرى ھەممىسىدېگۈدەك ئۆلتۈرۈلگەن، يارىلانغان ۋە ئەسىرگە ئېلىنغانىدى. ھاپىز شۇ قاچقان پېتىقەشقەرگە كېلىپ توختايدۇ. بۇ دەل تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقتىغا توغراكېلىدۇ. ھاپىزنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن م. ئى. بۇغرا قاغىلىقنى قارشلىقسىزقايتۇرىۋالىدۇ ۋە خوتەن ھۆكۈمىتىدىن يۈز ئۆرۈپ ھاپىزغا ئۆتۈپ كەتكەن ساۋۇرخانئىشان باشلىق بىر قانچە كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، پوسكامغا يېتىپ كېلىدۇ. ھاپىزنىڭمۇئاۋىنى بۇنى ئاڭلاپ قورقۇپ كېتىپ يەكەندە قولغان ئالغان نۇر ئەھمەدنى قويۇپبېرىدۇ. ئابدۇللامۇ تۆمۈر سىجاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلنىپنەزەربەند قىلىنغان يەردىن قېچىپ پوسكامغا كېلىپ، ئەسكەرلىرىنى رەتلەپ، خوتەندىنكەلگەن قۇشۇن بىلەن بىرلىشىپ يەكەنگە ھوجۇم قىلىدۇ ۋە بىر سائەت ئىچىدە يەكەننىقولغا ئالىدۇ. شۇنداق قىلىپ 10- ئاينىڭ 13- كۈنى يەكەن ئىككىنچى قېتىمخوتەنلىكلەرنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. دېمەك، خوتەن بىلەن تۆمۈرسىجاڭنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بۇقانلىق پاجىئەلەرنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالى يۇقۇرىقىلاردىن ئىبارەت.
تۆمۈر سىجاڭ ئۆلگەندىن كېيىن ساۋۇت داموللام يوشۇرۇنۇپ ياتقانيېرىدىن چىقىپ يەنە ھەرىكەتلىنىشكە باشلايدۇ. بۇ قېتىم خوتەن تەرەپتىن، ماجەنساڭقىسىملىرىغا قارشى ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپكېلىۋاتقان ماجۇڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى مامۇت سىجاڭ، ساۋۇت داموللام ۋە ئىمىرئابدۇللانىڭ بىرلەشكەن قوشۇنلىرى بىلەن سوقۇش باشلايدۇ. پىلىمۇت ۋە مىناميوتلابىلەن قوراللانغان ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى ئۇلارنى ئېغىز زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. ئىمىرئابدۇللا بىر قانچە ھەسسە كۈچلۈك دۈشمەننىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا قەيسەرلىك بىلەنقارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئاخىرى مەغلۇپ بۇلۇپ 400 دەك ئەسكىرى بىلەن شېھىت بولىدۇ.بۇ ئەھۋال ئاستىدا مامۇت سىجاڭ ۋە ساۋۇت داموللام كۆكراۋاتقا چېكىنىدۇ.ماجۇڭيىڭنىڭ ئەسكەرلىرى قەشقەر يېڭىساردا قورشاۋدا قالغان نۇر ئەھمەدكە ۋە ئۇنىڭقوشۇنلىرىغا پۆتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم باشلايدۇ، لېكىن سېپىلغا يېقىنمۇ بارالمايدۇ.مامۇت سىجاڭ پۈتۈن كۈچىنى توپلاپ نۇر ئەھمەدنى قورشاۋدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يېڭىسارغاھۇجۇم قىلىدۇ ۋە ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنى ئارقا تەرەپتىن مۇھاسىرىگە ئېلىشقا مۇۋەپپەقبولۇپ غەلىبە قىلىشقا ئاز قالغان بىر پەيتتە ھاپىز تۇيۇقسىزلا ئەسكەرلىرىنى ئېلىپقورشاۋنى بوشىتىپ ئارقىغا چېكىنىدۇ. بۇ پۇرسەتنى كۈتۈپ تۇرغان ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىقايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ بىرلەشكەن قوشۇننى تارمار قىلىدۇ.
17 كۈنگىچە ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭ توپقا تۇتىشىغا بەرداشلىقبەرگەن نۇر ئەھمەد (ئىمىر ساھىب) تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىق بىلەندۈشمەن ئۈستىگە ئېتىلىپ بېرىپ شېھىت بولىدۇ. 23 كۈنلۈك بۇ ئۇرۇشتا خوتەنقىسىملىرىدىن 4200 كىشى ئۆلىدۇ ۋە يارىدار بولىدۇ. ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىمۇ ھېچكۆرۈلۈپ باقمىغان چىقىمغا ئۇچرايدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ماجۇڭيىڭ قىسىملىرىنىڭشەپىسى كېلىش بىلەنلا شەھەرنى تاشلاپ قاچىدىغانلارغا كۆنۈپ قالغان ماجۇڭيىڭنىڭقوماندانلىرى بۇ غەلىبىلەردىن بەكمۇ خوشاللىنىپ ئىككى دانە كېسىلگەن باشنى- ئىمىرساھىب ۋە شامەنسۇرنىڭ باشلىرى دەپ قەشقەر دەرۋازىسىغا ئېسىپ خەلقنى دەھشەتكەسالىدۇ. لېكىن بۇ باشتىن بىرى خوتەن قىسىملىرىدا خىزمەت قىلغان ئاۋغانلاردىن بازمەھەممەت ۋە يەنە بىرى يۈز بېشى (ليەنجاڭ) ھاشىم شامەردان دېگەن كىشىلەرنىڭئىكەنلىكى مەلۇم بولىدۇ. يېڭىسار مەغلۇبىيىتى ۋە بۇ ئىككى مەشھۇر قومانداننىڭئۆلۈمى خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىغا ئېغىر بىر زەربە بولدى. خوتەن خەلقى شامەنسۇر ۋەئىمىر ساھىبلارنى ئەسلەپ قوشاقچىلارنىڭ ئۇلارنى مەدھىيىلەپ قوشقان قوشاقلىرىنى كۆزياشلىرى بىلەن ئاڭلىغان. ھەتتا بۇ ئىككىسىنىڭ غايىب بۇلۇپ كەتكەنلىكى،جەسەتلىرىنىڭمۇ تېپىلمىغانلىقى رىۋايەت قىلىنغان ھېكايىلەر تارقالغان، بۇلۇپمۇماجۇڭيىڭ قىسىملىرى ئاسقان ئىككى دانە كېسىلگەن باشنىڭ باشقا كىشىلەرنىڭ بۇلۇپچىقىشى بۇ سۆزلەرنىڭ تېخىمۇ ئاساسلىق بۇلۇشىغا سەۋەب بولغان. ئەينىدىن ئىسىملىكبىر ئادەم يۈزىگە نىقاب تارتىۋېلىپ مەن «شامەنسۇر» دەپ ئادەم توپلاپ، خوتەنتاغلىرىدا بىر قانچە ۋاقىت ماجۇڭيىڭ قىسىملىرى بىلەن پارتىزانلىق سوقۇشى ئېلىپبېرىپ، كىيىنچە ھىندىستانغا ئۆتۈپ كەتكەندە سىرى پاش بۇلۇپ قالغان.خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ يىقىلىشى

 

يېڭىسار مەغلۇبىيىتىدىن كېيىن م. ئى. بۇغرا، مامۇت سىجاڭ ۋەخۇجىنىياز ھاجىم بىلەن بىرلىشىپ يەكەندە بۈلۈنۈپ كەتكەن قۇشۇنلىرىنى بىرلەشتۈرۈپساۋۇت داموللام بىلەن خوتەننى بازا قىلىپ ماجۇڭيەن قىسىملىرىغا قارشى مۇداپىئەپىلانىنى تۈزۈش مەقسىتىدە خوجىنىياز ھاجىم بىلەن يۈزمۇ يۈز كۆرىشىدۇ. لېكىنخوجىنىياز ھاجىنىڭ روسىيە بىلەن بىرلىشىپ شىڭ شىسەينىڭ بۇيرۇقى بىلەن ساۋۇتداموللام، م. ئى. بۇغرا ۋە باشقا بىر قانچە كىشىنى تۇتۇپ يوقىتىش پىلانى سىزىلىپقالىدۇ. م. ئى. بۇغرا غاپپار ھاجىنى ئۆز ئورنىدا ياتقۇزۇپ قۇيۇپ كېچىسى يۇشۇرۇنچەخوتەنگە قېچىپ كېتىدۇ. ساۋۇت داموللام بىلەن سۇلتان بەگنى مامۇت سىجاڭ قولغائالىدۇ.
1934- يىل 6- ئاينىڭ 15- كۈنى ماجۇڭيىڭنىڭ ماخۇسەن باشچىلىقىدىكى8000 كىشىلىك قوشۇنى شىڭ شىسەي ۋە روسلارنىڭ زەربىسىدىن تارمار بۇلۇپ قېچىپخوتەنگە باستۇرۇپ كېرىدۇ، ئەسلىدە ماخۇسەن قىسىملىرى خوتەن، چارچەن ئارقىلىقدۇڭخۇاڭ ۋە گەنسۇ تەرەپكە ئۈتۈپ كېتىش پىلانى بىلەن جەنۇبقا قاراپ چېكىنگەنىدى.خوتەن ھۆكۈمىتى بۇ چاغدا غالجىرلاشقان ۋە ئاخىرقى جان تالىشىۋاتقان ماخۇسەنئەسكەرلىرىنىڭ كەڭ- كۈلەمدە بۇلاڭ- تالاڭ ۋە قەتلىئام يۈرگۈزۈش ئېھتىمالىنى كۆزدەتۇتۇپ ئالدىنى توسۇپ مۇداپىئەگە ھازىرلىنىدۇ. 6-ئاينىڭ 23- كۈنى زاۋا سوقۇشىداخوتەن قىسىملىرى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. ماخۇسەن خوتەننى ئىشغال قىلىدۇ.مىلىك ھەزرەت تەسلىم بولىدۇ. م. ئى. بۇغرا 300 دەك ئادەملىرى بىلەن قېچىپ قاراڭغۇتاغنىڭ يەر شارائىتىدىن پايدىلنىپ قايتا ئادەم توپلاپ پارتىزانلىق ھەركەتلىرىنىئېلىپ بېرىپ قارشلىق قىلىشنى ئويلىغان بولسىمۇ، ماخۇن قىسىملىرى ئۇلارنى قوغلاپيۈرۈپ ئارام بەرمەيدۇ. شۇنىڭ بىلەن 1934- يىل 7- ئاينىڭ 26- كۈنى يېنىدا قالغان 20دەك ھەمراھلىرى بىلەن شەيدۇللا ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.«شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى» ۋە خوتەن ھۆكۈمىتى

 

تۆمۈر سىجاڭنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ئوسمان ئېلى قەشقەردىكى ھاكىميەتبېشىغا چىقىدۇ. بۇ چاغدا ساۋۇت داموللام يۇشۇرۇنغان يېرىدىن چىقىپ ئوسمان ئېلىنىھىمايە قىلىپ مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدۇ. قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئابرويلۇق خوتەنلىكلەرنى،قەشقەرلىق بىر قىسىم سودىگەر ۋە ئۆزبېكلەرنى يېنىغا تارتىپ خوتەن بىلەن ئالاقەباغلاش جەمئىيتى دېگەنگە ئوخشاش نام بىلەن بىر تەشكىلات قۇرىدۇ. بۇلارنىڭ مەقسىتى،خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئۈستۈنلىكى ۋە بىر قەدەر مۇنتىزىم ئەسكىرىيكۈچىدىن پايدىلنىپ قەشقەر بىلەن خوتەننى بىرلەشتۈرۈپ بىر ھۆكۈمەت قۇرۇش ئىدى. بۇجەمئىيەتنىڭ پۈتۈن چىقىملىرىنى خوتەن ھۆكۈمىتى مەسئۇل بۇلۇپ ياردەم قىلغان. بۇئارىدا ئوسمان ئېلىدىن نارازى بۇلۇپ تۇرغان بىر قىسىم ئەسكىرى ئەمەلدارلارمۇيۇشۇرۇنچە بۇ تەشكىلاتقا ھېسداشلىق بىلدۈرمەكتە ئىدى. ئوسمان ئېلى تۇرمۇش ۋەئىستىلدىكى چىرىكلىكى سەۋەبىدىن ئىككى ئاي ئىچىدە غۇلاپ چۈشتى. ئاندىن ئۇراز بېكۋە ساۋۇت داموللام ئوتتۇرىغا چىقىپ خوتەن جەمئىيتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، قەشقەردەئۆز ئالدىغا «ھۆكۈمەت» قۇردى.
شۇ كۈنلەردە تۈركىيىدىن كەلگەن بەزى كىشىلەرنىڭ ھەركىتىئاكتىپلىشىپ ساۋۇت داموللامغا مەسلىھەت كۆرسىتىپ، ھەربىي ۋە بەزى مەمۇرىي ئىشلارغائارلاشقىلى باشلىغانىدى. م. ئى. بۇغرا ۋە خوجىنىياز ھاجىلارنىڭ رازىلىقىنى ئالمايتۇرۇپ، ساۋۇت داموللام 1933- يىل 11-ئاينىڭ 12- كۈنى «شەرقىي تۈركىستان ئسىلامجۇمھۇرىيتى» قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلىپ خوجىنىياز ھاجىنى رئىس جۇمھۇر دەپ ئېلانقىلدى. مەيلى م. ئى. بۇغرا ھۆكۈمىتى بولسۇن، مەيلى خوجىنىياز ھاجى بولسۇن، بۇھۆكۈمەتنى رەسمىي ئېتراپ قىلمايدۇ، ۋەزىيەت ۋە چوڭ ئىتتىپاقلىقنى كۆزدە تۇتۇپئاشكارا قارشى چىقمايدۇ. م. ئى. بۇغرا بۇنى شۇ زاماندا مۇنداق دەپ تەھلىل قىلغان:پۈتۈن يۇرتتا تېخى بىر ئىدىۋىي بىرلىك مەيدانغا كەلمىگەن بىر زاماندا بۇنداق بىرھۆكۈمەتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۇيغۇن ئەمەس. ھۆكۈمەت تەركىۋىدىكى ئۈچ كىشىدىن باشقىلىرىئەسلىدىكى ئىنقىلابى ھەيئەتتىن بولماستىن مەجھۇل ئادەملەر بۇلۇپ، ئىشەنچىلىككىشلەردىن ئەمەس.خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەر بىلەن مۇناسىۋەت مەسىلىسى

 

شىنجاڭدا شۇ يىللاردا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلار توغرىسىدا چەتئەلدەيېزىلغان ماقالە ۋە خاتىرىلەردە خوتەن ئىنقىلابىنىڭ چەتئەلنىڭ قولى ۋە كۈشكۈرتىشىبىلەن مەيدانغا كەلگەنلىكى توغرۇلۇق ماتىرىيال يوق. م. ئى. بۇغرا چەتئەلدىكى ھاياتزاماندا يازغان ئەسەرلىرىدە بۇ قوزغىلاڭنىڭ پەقەت خەلقنىڭ خەنزۇ ھۆكۈمران سىنىپقاقارشى بولغان مىللى ۋە دىننىي ھىسىياتلىرىغا تايىنىپ ئېلىپ بارغانلىقىنى يازىدۇ ۋەقىسقىچە بىر ۋاقىتتا خەلق ئىچىدىن 20- 25 مىڭدەك قوزغىلاڭچىلار قوشۇنى ئۆزلۈكىدىنمەيدانغا كېلىشىنى بۇنىڭغا ئاساس قىلىپ كۆرىسىتىدۇ.
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلارنىڭ ئاساسىيدۈيشاڭى يەرلىك خەنزۇ ھۆكۈمران سىنىپى ئىدى. مەركەز (نەنجىڭ ھۆكۈمىتى) بىلەنئالاقىلىشىپ شىنجاڭ مەسلىسىنى ھەل قىلىش ۋە مۇختارىيەتلىك بىر شەكىلنى تەكلىپقىلىشنى ئۈمۈد قىلىپ، ئاخىرقى كۈنلەرگىچە بايراقلىرىنى جۇڭگوچە خەت ۋە شەكىلدەتۇتقان، ھۆكۈمەت ۋە ئەسكىرىي تۈزۈم- ئاتالغۇلارنىمۇ خەنزۇچە قوللانغانلارمۇ بولدى،ھەتتا باج ئېلىش مەمۇرىي تۈزۈملىرىنىمۇ ئۆزگەرتمىگەن.
م. ئى. بۇغرامۇ نەنجىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە قىلىش يوللىرىنىئىزدەپ كۆرگەن. لېكىن شۇ چاغدىكى ۋەزىيەت، جۇغراپىيىلىك ئالاھىدىلىك ۋە مەركىزىھۆكۈمەتنىڭ شىنجاڭغا تۇتقان خاتا سىياسىتى بۇنىڭغا يول بەرمىگەنىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن«خوتەن ھۆكۈمىتى»، «باشقا ھۆكۈمەتلەر» نىڭ ئەكسىنچە پۈتۈن كونا تۈزۈملەرنىئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئىسلام شەرىئىتى ئاساسى قانۇن بولدى. بايرىقى تۈرك ئىسلامبايرىقى بولۇپ، ئەسكىرىي ئۇنۋان ۋە ئاتالغۇلار تۈركچە ۋە پارسچە ئىدى. مەسىلەن:ئەسكەرلەردە يۈز بىرىشى ۋە ئىمىر ئەسكەر دېگەنلەرگە ئوخشاش. قوشنا دۆلەتلەردىنئافغانىستان ۋە ھىندىستان (ئىنگىلىزلار) بىلەن ئالاقە باغلاپ ياردەم تەلەپ قىلىشقائۇرۇنغان بولسىمۇ ھىندىستان تەرەپتىن ھېچقانداق ئىنكاس بولمىغان، لېكىن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇقبەزەن ئىنگىلىز پۇخرالىرىنىڭ قوزغىلاڭچىلارغا قۇشۇلۇشى، بەزىلەرنىڭ خېلى مۇھىم رولئوينىشى ئۇلارنىڭ مۇسۇلمان بولغانلىقى (چۈنكى مۇسۇلمان بولغان كىشىنىڭ جىھاتقاقاتنىشىشى پەرىز) ۋە يەرلىك خەلققە ئاساسەن سىڭىپ كەتكەن تەقدىرداشلىقتىن ئىبارەتبۇلۇپ، ئۇلار ھەرقانداق دۆلەت ۋە تەشكىلاتقا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
ئافغانىستان گەرچە خوتەن قوزغىلاڭچىلىرىغا كۈتكەن ياردەمنىقىلالمىسىمۇ، دىنداشلىق ۋە سودىگەرلەرنىڭ قۇيۇق بېرىپ- كېلىشلىرى جەھەتتىن ئەخلاقىجەھەتتە بولسىمۇ بىر يېقىنلىق بار ئىدى. م. ئى. بۇغرا پوسكامدا تۇرغان كۈنلىرىدە(1933- يىلى 11- ئاي) قۇربان ئابدۇللا ۋە مىيان ھەسەنخان ئىسىملىك ئىككى كىشىنىبىر ھەيئەت سۈپىتى بىلەن ياردەم سوراپ ئافغانىستانغا يوللىغان. بۇلار ئەسلىدەئاۋغان مىللىتىدىن بۇلۇپ يەكەندە يەرلىشىپ قالغان، ئافغانىستاندىمۇ ئۇرۇق-تۇققانلىرى بار كىشىلەر ئىدى. كېيىنكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا ئافغانىستانھۆكۈمىتى بۇلارنى قىزغىن قۇبۇل قىلىپ ھېسداشلىق قىلغان بولسىمۇ لېكىن ئەمەلىي بىرنەتىجىگە ئېرىشكىچە خوتەن ھۆكۈمىتى يېقىلغان.
تۈركىيە بىلەن خوتەن ھۆكۈمىتىنىڭ قوزغىلاڭ ئالدى ۋە كەينىدەئالاقە باغلىغانلىق ھەققىدە مەيلى يۇرت ئىچى ۋە ياكى چەتئەلدىكى ماتىرىياللاردائاساسلىق بىر پاكىت يوق. شۇ زامانلاردا خوتەن ۋە باشقا يەرلەردە ئوتتۇرىغا چىققانتۈرك كىشىلىرى بىر شەخسى ماھىيەتكە ئىگە كىشىلەر ئىكەنلىكى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىگەمەنسۇپ كىشىلەر ئەمەسلىكى، م. ئى. بۇغرا تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن تېخىمۇ ئاشكارەبولغان.ئاخىرقى سۆز

 

ۋەقەلىكنىڭ ئەڭ توغرا خۇلاسىسىنى دائىم تارىخلا چىقىرالايدۇ. مەنئۈزۈمنىڭ يۇقۇرىدىكى ئەسلىمىلىرىمگە- يەنى كۆرگەن، ئاڭلىغان ۋە بىر ئاز بولسىمۇئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش- تەتقىقاتلىرىمغا ئاساسەن شەخسى كۆز- قارشىمنى ئوتتۇرىغاقويىمەن:
قۇمۇل ۋە خوتەن قوزغىلىڭىنىڭ ئەسلىي يۈنىلىشى ۋە ماھىيتىنى بىر-بىرىدىن ئايرىم خارەكتىردە تەسۋىرلەش ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. يەنى بىرىنى خەلققوزغىلىڭى ۋەتەن بىرلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان، بىرىنى بولسا جاھانگىرلارنىڭقۇترىتىشى بىلەن ۋەتەن بىرلىكىنى پاچىلاش دەپ تەبىر بىرىش تېخىمۇ خاتا. قوزغىلاڭرەھبەرلىرىنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق يۈنىلىش خاتالىرىغا قاراپ قوزغىلاڭنىڭ مىللىزۇلۇم ۋە تەڭسىزلىككە قارشى ھەققانىي بىر ئىسيان ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ نوقتىنىيوققا چىقىرىشقا بولمايدۇ. م. ئى. بۇغرانىڭ سىياسى ۋە شەخسى ھاياتىدا چەتئەلگەباغلانغان ياكى شەخسى مەنپەئەت ۋە ئابرويىنى بىرىنچى ئۇرۇنغا قويغان يېرى يوق.مەيلى ئۇنىڭ خوتەن قوزغىلىڭىغا رەھبەرلىك قىلىش جەريانىدا بولسۇن ۋە ياكىچەتئەلدىكى ھاياتى ھەم يۇرتىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى سىياسى پائالىيەتلىرىدەبولسۇن بۇنى ئوچۇق كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن خوتەن قوزغىلىڭى ۋە ياكى م.ئى. بۇغرانىڭ «شەرقىي تۈركىستان»، «چىن تۈركىستان» دەۋالىرىنى جاھانگىرلارنىڭ قولىۋە قۇترىتىشى دەپ باھا بىرىش بىر تەرەپلىمىلىك كۆز- قاراشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

مەنبە :ئەجداد مۇنبىرى
Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>