باش بەتكە قايتىڭ » باياناتلار » شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ سوتى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى
شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ سوتى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ سوتى مۇناسىۋىتى بىلەن بايانات ئېلان قىلدى

بايانات

خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرى شەرقى تۈركستاننى بېسىۋالغاندىن كىيىن بىرىنچى قەدەمدە، شەرقى تۈركىستاندىكى ھەر مىللەت يەرلىك خەلقىنىڭ قەلبىدە خىتاي ئىشغالىيتىگە قارشى ھە دەپ لاۋۇلداپ تۇرغان نارازىلىق ۋە قارشىلىق بىلدۈرۈش ئاڭ تۇيغۇسىنى پەسەيتىش ،شۇنداقلا  خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ يولسىز ھاكىمىيەت كۈچىنى شەرقى تۈركىستان خەلقىگە مەجبۇرى قۇبۇل قىلدۇرۇپ،ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسى نىشاننى مەركەز قىلغان ھالدا شەرقى تۈركىستاندا ئەزەلدىن مەۋجۇت بولغان خېلىق  سىياسى قارشىلىق ئېقىملىرىنىڭ ھېچ قايسى بىرى دېتىغا ياقمىغان بولسىمۇ،ئۆزىنى بېسىۋېلىپ ،مەلۇم سىياسى قارشىلىق ئېڭىغا ئىگە تەبىقەلەرنى قانلىق باستۇرغاندا  باشقا مەلۇم سىياسى قارشىلىق ئېڭىغا ئىگە  ئېقىمدىكىلەرنى ئۈركۈتۈپ قويماي ئۇلارغا بىر مەزگىل يېشىل چىراق يېقىپ قويدى.ھەتتا بەزىدە سىياسى ھىلە ئىشلىتىپ، شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا ئۈنۈملۈك كۈرەش  بولۇۋاتقان ئەھۋاللار بايقالسا، ئۆزلىرى بىۋاسىتا قول تىقىپ باستۇرۇشنىڭ ئورنىغا،ئازراق ھىلە ئىشلىتىپ، ئوخشىمىغان قاراشتىكى شەرقى تۈركىستان خېلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارىسىدىكى ئۆكتىچىلىك ئامىللىرىنى  بىر بىرىگە تۇيدۇرماستىن قارشىلىق ۋە زىددىيەت دەرجىسىگە كۈتۈرۈپ،ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇپىلاڭ تۇغدۇرۇش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئۇمۇمى بىرلىك سېپىنى پارچىلاشقا مەبلەغ سالدى،ئۇلار ئۆز ئارا زىددىيەتلىشىپ ئاجىزلاشقاندىن كىيىن ھەر ئىككىلىسىنى بىراقلا يۇقۇتۇش يامان غەرزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەلگىلىك ئۈنۈملەرگە ئېرىشتى.ئىككىنچى  قەدەمدە مۇستەملىكە ئايلىنىپ بولغان خېلىق ئاممىسىنى بېيجىڭ مەركىزى جاللات ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشتۇرۇش ئارقىلىق خېلىقنى مۇستەملىككە كۆندۈرۈش پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن  خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلىرى جۇڭگونىڭ ئاساسى قانۇنلىرىنى مۇستەملىككە ئايلاندۇرۇلغان رايۇنلاردا ئەمىلى يولغا قۇيۇلىدىغان ئەمىلى ئىستىبدات يەرلىك قانۇنلاردىن خېلى بەك پەرقلىق ۋە مۇستەملىكە مىللەتلەرگە بېرىلىدىغان ئالاھىدە ئىمتىيازلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قىلىپ قەغەزگە يېزىپ چىقتى،قىلغان ھەر بىر سۆزىدە قانۇن، ئادالەت، باراۋەرلىك،ئىنسان ھەققى، باياشات تۇرمۇش،مىللى ئاپتونومىيە ھۇقۇقى، قوشنا دۆلەتنىڭ ئىچكىرى ئىشىغا ئارلاشماسلىق،دىگەندەك  ئاڭلاشقا تاتلىق ئەمما ئەمەلىي كۈچكە ئىگە قىلىنمىغان يالغان قۇرۇق شۇئارلارنى  تىلغا ئېلىپ، ئۆزىنى بارچە دىنلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىنسان ھەقلەرنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان قانۇن دۆلىتى سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشتى،ئۇلار ئىنسانىيەتكە قارشى سادىر قىلغان يىراق تۈنۈگۈنكى جىنايەتلىرىنى تورت كىشىلىك گۇرۇھقا،ياكى مەلۇم بىر ئەمەلدارغا ئارتىپ قۇيۇپ قۇتۇلۇشقا تىرىشسا بۈگۈنكى كۈندىكى جىنايەتلىرىنىڭ ھەممىسىنى ۋاسىتىلىك ھالدا مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆزىگە ئارتىپ قۇتۇلۇشقا تىرىشتى،كېلەچەك جىنايى قىلمىشلىرىنى كىمگە ئارتىدۇ… بىلمەيمىز .

نەتىجىدە ئىنسانچە ئەركىن ياشاشنى ئارزۇ قىلىپ  خىتاي كوممۇنىست ئىستىلاسىغا قارشى بىر مىنۇتمۇ كۈرەش قىلىشنى توختىتىپ قويمىغان شەرقى تۈركىستان ئوغلانلىرىنىڭ زىيالىيلار قاتلىمىدا خېلى ئۇزاقتىن بىرى ئىزدىنىش باشلىنىپ،خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنلىرىغا تاينىش ئارقىلىق شەرقى تۈركىستان خەلقى چىكىۋاتقان تەسۋىرلىگۈسىز زۇلۇم ۋە ھەقسىزلىكلەرنى يېنىكلىتىش،يۇقۇلۇشقا قاراپ ماڭغان  ئويغۇر تىلنى قوغداپ قېلىش ئستەكلىرى تۇغۇلۇشقا باشلىدى.بەلكى بۇ،خىل ئىستەك بەزىلىرىمىز نىڭ نەزىرمىزدە خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرىغا قارشى كۈرەشنىڭ يىڭى بىر خىل ئۇسلۇبدا تەرەققى قىلىشى قەدىمىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولسا،يەنە بەزىلىرىمىزنىڭ نەزىرمىزدە خىتاي كوممۇنىست مۇستەملىكىسىگە قارشى كۈرەشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئەڭ ئاجىز سىناق نۇسخىسى ئىدى.

پەخىرلىك ئۇستازىمىز ئىلھام توختى ئەپەندى ئەنە شۇ، خەلقىنىڭ ئازاتلىقى ھۆرلىكى ئۈچۈن ئىزدەنگەن ۋە شەرقى تۈركىستاندا كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ كىتىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلى،زۇلۇم،ھەقسىزلىك،قاتارلىك مەسىلىلەرنىڭ مەلۇم قىسمىنى بولسىمۇ خىتاينىڭ ئاساسى قانۇنلىرىغا تاينىپ ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان مۇنەۋۋەر ۋە مۆدىتىل زىيالىلىرىمىزنىڭ بىرىدۇر.ئۇنىڭ نەزىردە ئۆزى باشلىغان  ئاتالمىش (مەسىلىمىزنى خىتاي مۇستەملىك كۈچلىرىنىڭ ئاساسى قانۇنىغا تاينىپ ھەل قىلىش) تەشەببۇسى خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى تارىختىن بىرى ئىزچىل ئېلىپ بېرلىۋاتقان مۇقەددەس داۋانىڭ  يىڭى بىر ئۇسلۇبتا باشلىنىۋاتقان باشلىنىش نوقتىسىمۇ؟  ياكى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچتىكى ئەڭ ئاجىز سىناق نۇقتىسىمۇ  ھازىرچە بىلمەيمىز.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن خىتاي مۇستەملىكە كۈچلىرىنىڭ پەخىرلىك ئويغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى ئەپەندىنى قالايمىقان قولغا ئېلىپ،يۇقىلاڭ باھانا سەۋەبلەر بىلەن ئېيىپلاپ سوتلاش ئارقىلىق قاتتىق جازا بەرگەنلىكىدىن بارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقى تولىمۇ غەزەبلىنىمىز.

خىتاي كۆمممۇنىستىك مۇستەبىت ھۆكۈمىتىنىڭ پوروففىسور ئىلھام توختى ئەپەندىدەك خىتاي كومۇنىستلىرى ئۆزى بەلگىلىگەن قانۇنلارغا تاينىپ تۇرۇپ ،ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىشى، خىتاي پاشىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئېلان قىلغان قانۇنىي بەلگىلىمىلەر نى ئۆزلىرى ئەمەل قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، پەقەت شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتكە ئوخشاش مۇستەملىكە قىلىنغان  رايۇنلاردىكى خەلق ئاممىسىغا ئۆزلىرىنىڭ قەبىھلىكىنى نىقابلاپ ،دۆلىتىنى قانۇن دۆلىتى قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن مۇنداقلا قەغەزگە يېزىپ قويغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. ”شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشماسى “ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيا جامائەتچىلىكىنى خىتاينىڭ بۇ قانۇنسىز قىلمىشىغا قارىتا قول قۇرۇشتۇرۇپ سۈكۈتتە تۇرىۋالماسلىققا ئەڭ ئەقەللىسى ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانى ئەخلاقى بورچىنى ئادا قىلىپ، خىتاي كومۇنىست ئالۋاستىلىرىنىڭ ئۇشبۇ رەزىل قىلمىشىنى قاتتىق ئېيىپلاپ ئەمىلى ئنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرىمىز!

 شۇنىڭ بىلەن بىرگە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەر دەرجىلىك شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى ۋە مۇستەقىل سىياسى پائالىيەتچى زاتلارنى غەزەبنى ئەمىلى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ،ئاچچىق ساۋاقلاردىن دەرىس ئېلىپ،بىر بىرىمىزنىڭ خىتاي مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەش قىلىش ئۇسۇلىمىزدىكى يېتەرسىزلىكلەرنى توغرا بىتەرەپ قىلىپ،ھەركىم ئۆزىنىڭ شەرت شارائىتىنى تۇلۇق ئىشقا سېلىپ، بارلىق كۈچىمىزنى خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ ،بىر نىيەت بىر مەقسەتتە پائال ھەمكارلىشىپ،شەرقى تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن ئەڭ يىڭى ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك يوللارنى بىرلىكتە ئېچىشقا چاقىرىمىز!

ھۆرمەت بىلەن:

شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 

ئابدۇللاھ  كۆكيار

 

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>