شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى

شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار قۇربان ھېيت نامىزىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇدى

ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ بايراملىرىدىن بېرى بولغان قۇربان ھېيت نامىزى، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشى بىلەن 04- ئۆكتەبىر كۈنى سەھەردە ئوقۇلدى.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىمۇ، شىۋېتسىيەدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىشلىرىنى ھەل قىلىپ كېلىۋاتقان «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»، ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت نامازلىرىنى بىر يەرگە جەم بولۇپ ئوقۇش ئۈچۈن ئورۇن ھازىرلىغان بولۇپ، 04- ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇرلار بىر يەرگە جەم بۇلۇپ قۇربان ھېيت نامىزىنى ئوقۇدى.

قۇربان ھېيت نامىزىنى ستوكھولمنىڭ مۇسۇلمانلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردىن بېرى بولغان رېنكىبۈي رايونىدىكى، شىۋېتسىيە ئىسلام بىرلىكىنىڭ يەرۋا شۆبىسىنىڭ مەسچىتىدە ئوقۇدى. ھېيت نامىزىغا، ستوكھولم شەھەر ئەتراپىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشىلەرنىڭ جەم بولۇشى بىلەن بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلدى.

ھېيت نامىزىدىن كېيىن ناماز خۇتبىسىگە چىققان تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر مەخسۇم، «غەيۋەت قىلماسلىق» توغرىسىدا سۆزلىدى.

ئۆمەر مەخسۇم خۇتبىسىدىن كېيىن بۇ يىللىق قۇربانلىق پۇللارنى يىغىپ مالايسىيادا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇھاجىرلارغا يوللاپ بەرگەنلىكىنى، يىغىلغان قۇربانلىق ۋە خەيرى ئېھسان پۇلنىڭ سانىنى ۋە يوللانغان پۇلنىڭ سانىدىن مەلۇمات بەردى.

ئارقىدىن ئابدۇلئەھەد سۆز قىلىپ، شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنىڭ كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق بىرەر پائالىيەت قىلىدىغان مەسچىتنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى، تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھېيت نامازلىرىنى ئوقۇش، نىكاھ قىلىش ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ قىلىش ئۈچۈن مەسچىت ھەل قىلىشنى ئويلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇلئەھەد يەنە، «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى» نىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ نىكاھ ئىشلىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلىدىغانلىقىنى، ئۆمەر مەخسۇمنىڭ ئوقۇغان نىكاسىنىڭ شىۋېتسىيە ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئىلتىماس قىلغانلىقىنى ۋە پات يېقىندا ياخشى بىر خەۋەرنىڭ چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئارقىدىن شىۋېتسىيەگە ئەڭ دەسلەپتە كەلگەن يۇرت ئاقساقاللاردىن فارۇخ سادۇق ئاكا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بىر مەسچىتنىڭ بۇلىشى ئىنتايىن مۇھىملىقىنى، مەسچىتنىڭ ھەل بۇلىشى ئۈچۈن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان بارلىق شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى، ھەركىم قولىدىن كېلىشىچە ياردەم قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

كېيىن جامائەتلەر مەسچىتنىڭ پائالىيەت زالىغا يىغىلىپ ئۆز- ئارا ھېيتلىق سالاملارنى يوللاش، بالىلارغا ھېيتلىق سوغىلارنى بېرىش، ئائىلىلەردە ھازىرلىنىپ كېلىنگەن ھېيتلىق يېمەكلىكلەردىن ئېغىز تېگىش بىلەن ھەممەيلەن خوشال- خۇرام ھالدا تارقاشتى. كېيىن جامائەتلەر چۇغلىشىپ پۈتۈن بىر كۈن ئۆي- ئۆيلەپ ھېيت پەتىسى قىلدى.

qurban heyt1

qurban heyt2

qurban heyt3

qurban heyt4

qurban heyt5

qurban heyt6

qurban heyt7

 پىداكار

Share Button

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*