باش بەتكە قايتىڭ » باياناتلار » شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ رامىزانلىق تەبرىكنامىسى
شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ رامىزانلىق تەبرىكنامىسى

شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ رامىزانلىق تەبرىكنامىسى

شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى نىڭ رامىزانلىق تەبرىكنامىسى

ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن«شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى»  ئۇيۇشمىمىز ۋە ئۇيۇشمىمىز بىلەن پائال ھەمكارلىشىپ ئىشلەۋاتقان بارلىق تەشكىلاتلار، جۈملىدىن «تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى»نامىدىن، ۋەتەننىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ياشاۋاتقان بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارغا ۋە دۇنيادىكى بارلىق مۇسۇلمانلارغا ئەڭ ئالىي ئېھتىرام ۋە سەمىمى سالام يوللايمىز.

ئون ئىككى ئاينىڭ سۇلتانى ،بەركەتلىك ئاي (رامىزان ئېيى) ، پۈتۈن دۇنيادىكى بىر مىليارد بەش يۈز مىليون ھۆر مۇسۇلمانلارنىڭ ،جۈملىدىن خىتاي باسقۇنچىلارنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدا خورلىنىپ ياشاۋاتقان 35 مىليونغا يېقىن ئويغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىرلىكتە ئوي- تەپەككۈر يۈرگۈزىدىغان، روزا تۇتۇش ئارقىلىق ئۆزلىرى ئۈستىدىن غالىپ كېلىشنى ئۆگىنىپ رەببىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىدىغان ۋاقتى، شۇنداقلا ئائىلە-تاۋابەت ۋە دوست بۇرادەرلىرى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان، ئوخشىمىغان ئېتىقادتىكىلەرنى بىر بىرىگە باغلايدىغان،ئۆز ئارا ئاداۋەتنى يۇيۇپ ياخشىلىنىشنى قولغا كەلتۈرۈپ،دۈشمەنگە قارشى كۈچلۈك بىرلىك سەپ بەرپا قىلىدىغان ياخشى بىر پۇرسەت. رامىزان ئېيى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە تىنچلىق، ئادىللىق، باراۋەرلىك ۋە خەيرىخاھلىق بېغىشلايدىغان ۋاقىت. ئىنسانىيەتنى بىر بىرىگە باغلايدىغان بۇ،مەنىۋى رىشىتنىڭ كۈچى بىزنى دائىم بىر- بىرىمىزدىن ئايرىپ تۇرىدىغان ئوخشىماسلىقلاردىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ھەم كۈچلۈك.

رامىزان ئېيى بىزگە ، ھۆرلۈك- ئەركىنلىك، غورور ۋە ھەرخىل ياخشى پۇرسەت،ئۆز ئانا تىلىنى ئەركىن قوللىنىپ تەرەققى قىلدۇرۇش،ئەركىن پىكىر قىلىش،ئاتا بوۋىسىدىن مىراس قالغان ۋەتەنگە ۋە ۋەتىنىنىڭ يەر زېمىنغا ئۆزلىرى ئىگە بولۇش،پۈتۈن ئىنسانىيەت ئورتاق ئېرىشىشكە تېگىشلىك ئاساسى ھەق ھوقۇق ئىكەنلىكىنى،ئۇنى ھېچكىمنىڭ -ھېچكىمدىن ھەرقانداق بىر باھانە سەۋەب بىلەن تارتىۋېلىش ھەققى يوق ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى سەمىمىزگە قايتا سېلىپ ئەسكەرتىدۇ، شۇڭۇلاشقا بۇ،ئايدا زوراۋان خىتاي باسقۇنچىلىرىنىڭ يۈركى «پوك-پوك» بولۇپ ئەسلىدىكى قەبىھ ماھىيتىنى ئاشكارىلاپ،خەلقىمىزنىڭ نورمال رۇزا تۇتۇش ئەركىنلىكىنى چەكلەپ،ئۇلارنى ئاللاھقا يېقىنلىشىشتىن ،ئاللاھقا دۇئا قىلىپ ،دەرت ئېيتىشتىن توسۇشقا ئۇرنىدۇ.

ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالى ئافرىقىدىكى نۇرغۇنلىغان خەلقلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسى ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۆرەش قىلىۋاتقان، مىليونلىغان مۇساپىرلار ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىلىپ رامىزاننى ئۆتكۈزۈشكە مەجبۇر بولىۋاتقان بىر پەيتتە،ئۇممەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بولغان شەرىقتىكى چېگراسىدا دىنسىز خىتاي كوممۇنىست ئالۋاستىلار بىلەن ھايات ماماتلىق كۈرەش«جىھات» قىلىش ئارقىلىق خىتاينىڭ كېڭېيمىچىلىكىگە قارشى تىنىمسىز كۈرەش قىلىۋاتقان شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىغا بولغان ئەمىلى تەھدىتلىرى ئالدىدا كۈچلۈك بىر توسمىلىق رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتقان ناتىۋان شەرقى تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار كىشىلىك قىممەت قارىشى دۇنيادا ئەركىنلىك ياقلىغۇچىلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى ئۆزىگە جەلىپ قىلىپ،چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ. ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۇنيادىكى ھەممە توپلۇقلار ئۆز ئارا بىر-بىرىنىڭ قىممەت قارىشىنى ھۆرمەتلەشنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزلىرى تىنچلىق ئۇسۇلىنى ئاساس قۇرال ئىشلىتىشنى قۇشۇمچە قىلىشنى مەركەز قىلىپ قۇرۇپ چىقالايدىغان، زوراۋان كېڭەيمىچى «خىتاي كوممۇنىست ئۇنسۇرلىرىنىڭ زەھەرلىك ئىدىيىسى »دىن خالىي ھالدا ئوز ئېتىقادى بىلەن ئەركىن شۇغۇللىنالايدىغان ،ئۆز ئارا ئىتتىپاق بولغان تىنىچ دۇنيا قورۇپ چىقىش ئۈچۈن خالىسانە كۆرەش قىلىۋاتقانلارغا،ھېسداشلىق قىلىش بىلەن بىرگە ئۇلارغا ئاللاھتىن نۇسرەت  تىلەيمىز،ۋە غەلبىگە ئىرىشىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز.

ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى 2010- يىلدىن بۇيان شىۋېتسىيەدىكى ئويغۇر مۇھاجىرلىرىنى تەشكىللەپ ھەرىكەتلەندۈرۈپ رامىزان ئايلىرىدا شىۋېتسىيەدىكى ھەر مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ ۋەكىللىرى شۇنداقلا پارتىيە باشلىقلىرىغا شىۋېتسىيە پارلامىنتىدا ھەشەمەتلىك ئىفتار داستىخىنى ھازىرلاپ ساھىبخانىلىق قىلىش ئارقىلىق شىۋېتسىيە جەمئىيىتىدە شەرقى تۈركىستان مەسىلىسى ۋە رامىزاننىڭ ئەھمىيىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش، شەرىپىگە ئىگە بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىدۇ، ۋە ئاللاھقا شۈكۈر قىلىدۇ. بۇ يىلمۇ شىۋېتسىيە تۇپرىقىدا  ئىسلامنىڭ گۈللىنىشى،شۇنداقلا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ كەڭ تەشۋىق قىلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقان ئاكتىپ كىشىلىك ھوقوق پائالىيەتچىلىرى ۋە سىياسەت ساھەسىدىكىلەرگە ئاددى بولسىمۇ بىرە قېتىم ئىپتارلىق بېرىشكە مۇۋەپپەق بولۇشنى ئاللاھتىن تىلەيدۇ.

ئويغۇر مائارىپ ئويۇشمىسى ،بۇ يىللىق رامىزاننىڭ شىۋېتسىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى بارلىق مۇسۇلمانلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە تېنچلىق، ئىناقلىق بىلەن تولغان، ئۆزئارا ھالىغا يېتىدىغان، بەركەتلىك ۋە مەنىلىك بىر رامىزان بولىشىنى ئاللاھتىن تىلەيدۇ.

ئاللاھ بۇ،ئاي بۇ، كۈنلەردە ھەممىمىزنى ئاللاھنى كۆپ ئەسلەشكە،بەرگەن نېمەتلىرىگە سان ساناقسىز شۈكرى ئېيتىشقا ۋە ئاللاھ بۇيرىغان شەكىلدە چىرايلىق ئىبادەت قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشىشكە نىسپ قىلسۇن ئامىن!

رامىزان مۇبارەك!

ھۆرمەت بىلەن:
شىۋېتسىيە ئويغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى ئىدارە ھەيئىتى

Share

جاۋاپ يېزىڭ

ئېلخەت ئارېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. بەلگە قويۇلغانلارنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك *

*

تۆۋەندىكى HTML تەگلىرى ۋە خاسلىقلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز: <a href="" title=""> <abbr title=""> <acronym title=""> <b> <blockquote cite=""> <cite> <code> <del datetime=""> <em> <i> <q cite=""> <strike> <strong>